قېرىلىقتىن تېرە قىچىشقاق بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

قېرىلىقتىن تېرىنىڭ قىچىشقاق بولۇپقېلىشى ياشانغانلاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى ۋاھالەنكى ،ئاغرىقلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىئاراملىق ھېس قىلىشىدۇ دوختۇرلارداۋالاشتا بەكمۇ قىيىنچىلىق ھېس قىلىشىدۇ

بۇ كېسەل كۆپىنچە قىش كۈنلىرى پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ ھاراق ئىچىش، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەك- ئىچمەك ، مەلۇم بويۇملار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىقلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدەمۇناسىۋەتلىك.

قېرىلىقتىن قىچىشقاق بولۇپ قېلىش دائىم جېگەر كېسەللىكى، شېكەرلىك دىئابىت كېسەللىكى، قالقان بېزى كېسەللىكى، ئاق قان كېسەللىكى، يەللىك بۇغۇم ئاغرىقى، نېرۋا ئاجىزلىق ، ھەتتا يامان سۈپەتلىك ئۆسمەقاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ تېرىدىكى ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

قېرىلىقتىنتېرە قىچىشقاق بولۇپ قېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار قىچىشىشنىتوختىتىش ئالكوھولى، كالامىن يۇيۇش دورىسى ياكى فلۇئىند مەلھىمى قاتارلىقبەزى دورىلارنى ئىشلىتىپ كېسەل ئالامىتىنى ئازايتىپ، ئاغرىقنى تۈگىتىشىلازىم.

ئەگەر ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزسە، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا نېرۋىنىتېنچلاندۇرغۇچى دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كېسەل پەيداقىلغۇچى ئامىللاردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش ، يەنى ھاراق ئىچمەسلىك، كېسەل پەيدا قىلىش گۇمانى بار نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىق، كۆڭۈلنى ئوچۇقتۇتۇش، روھىي جەھەتتىن خۇشال بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەننىئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىپ، كېسەلنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا داۋالىنىش لازىم.

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ھەربىرماقالە دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,052FansLike
163FollowersFollow
1,490SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار