قىزچاق ، دىققەت قىلىڭ !

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئايالى بارلىقىنى ئېيتسىمۇ ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم پۇرسەتپەرەسلەر قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى قويۇقلاشتۇرماۇ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ توي قىلغانلىقىنى ﮬەرگىز ئاشكارىلىمايدۇ . پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان ئاﮬۋالغا چۈشۈپ قالغاندىلا ئاندىن ، ” سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ، ﮬەقىقىي ئەﮬۋالنى ئېيتمىغانىدىم ” دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدا سىز ئاللىقاچان چېكىنىشكە ئامالسىز قالغان بولىسىز . شۇڭا ، ئەگەر سىز توي قىلمىغان قىز بولسىڭىز ، ئالدىراپ نىكاﮬلانغان ، ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ئالدىراپ ” ياخشى كۆرۈپ ” قالماڭ .

ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن ئەدەب – ئەخلاق ، گۈزەل پەزىلەت سىڭگەن . ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى شەرمىي – ﮬايا ئۇلارنىڭ جەزبىدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، گۈزەللىكىگە ﮬۆسۈن قوشۇپ كەلگەن . ئەپسۇسكى ، يېقىندىن بېرى جەمىيەتتە بەزىبىر ئەخلاق چېگرىسىدىن ﮬالقىغان ئۇنداق – مۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بۇنى پەقەتلا قىز – ئاياللارغا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇنداقتىمۇ ، قىزلار ئۆزىدىكى ” ئەڭگۈشتەر ” نى قەدىرلىشى كېرەك . شۇڭا ، توي قىلمىغان قىزلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك :

1. ئۇنىڭ توي قىلغان – قىلمىغانلىقىنى ئۇدۇللا سوراڭ .
2. ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈڭ .
3. ئۇنى بىلىدىغان كىشىلەردىن ئەﮬۋال ئىگەللەپ كۆرۈڭ .
4. ئەڭ مۇﮬىمى ، رەت قىلىشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . ئادەتتە بەزى قىزلار ناﮬايىتى ئاسانلا توي قىلغان ، خىزمەتتە مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەرلەرنى ئاسانلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ . بۇنداق ئەرلەر تۇرمۇشتا پىشقان ، تەجرىبىلىك بولىدۇ . سالاپەتلىك بولىدۇ ، ئاياللارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدۇ . ئۆزلىرىنىڭ قىزلارغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەشكە ماﮬىر بولىدۇ . شۇنداقلا ، بۇ خىل مۇﮬەببەتكە قۇدرىتىم يېتىدۇ دەپ قارايدۇ ، شۇنداقلا پۇلى ۋە ﮬوقۇقىغا تايىنىپ ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقان قىزلارنى ئاسانلا تورغا چۈشۈرۈۋالىدۇ . قىزچاق ، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ بۇ خىل ئەﮬۋالغا قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن ، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلىۋېلىشنى ئۈگۈنۈۋېلىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاپىتىنى ساقلاڭ . ﮬەرگىزمۇ ” شېرىن – شېكەر ” گەپلىرىگە ئالدىراپ ئىشەنمەڭ . قىزلارنىڭ گۈزەللىكى —- ئۆزىنى قەدىرلەشتە ، شۇنداق قىلسىڭىز چوقۇم كەلگۈسىدە بەختلىك بولالايسىز ! بۇ ئەڭ سەمىمىي گەپ .

مەنبە : پايدىلانغان كىتاب ” قىز – ئاياللار مەخپىيىتى ” دىن .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-05-01 / 09:24:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ