ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزقىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش ئالامىتى

قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش ئالامىتى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياخشىمۇسىلەر، مەن نۇرمەمەت.

بۈگۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسەللىكىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

 

ئەڭ باشتا، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ھەرخىل تىللاردا ئاتىلىشىنى كۆرۈپ باقايلى. قىزىلئۆڭگەچنى : ئىنگىلىزچە: Esophagus

تۈركچىدە Yemek borusu, ياكى özofagus مۇ دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 食管 دەپ ئاتايدۇ.

نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا 5-10 سىكونىت تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ. قىزىلئۆڭگەچنىڭ تاماقلارنى، سۇلارنى سۈمۈرۈش رولى يوق. بۇنى بىلىمىز. تاماقلار قىزىلئۆڭگەچتىن ئاشقازانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا بىر كىلاپان بار. بۇ كىلاپان تاماقلارنىڭ، سۇلارنىڭ ۋە ئاشقازان كىسلاتالىرىنىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر بۇ كىلاپاندا مەسىلە چىقىپ قالسا، ئاشقازاندىكى تاماق، سۇ كىسلاتالار ئاسان ئارقىغا يېنىپ كېتىپ، قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمى يەنى ئاشقازانغا يېقىن بولغان قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر زەخىمگە ئۇچراپ قالىدۇ.  بۇ كىلاپاننىڭ نورمال يېپىلالماسلىقنى بىز قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى دەپ ئاتايمىز.

بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ   Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.

 

قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىنىڭ سەۋەبى نىمە؟

بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى بايا دەپ ئۆتكەن ئاشقازانغا كىرىشتىكى قاپقاپ، يەنە بىر ئىسمى   قىزىلئۆڭگەچ پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ رولى بىنورمال بولۇشىدىن بولىدۇ. بۇ قاپقاقنىڭ رولىنى بىنورمال قىلغان سەۋەبلەر بولسا، كۆپ قەھۋە ئىچىش، تاماق ۋاقتى بىنرومال بولۇش، ھەر قېتىم كۆپ تاماق يەۋىلىش،     ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كۆپ نەرسە يەۋىلىش، مايلىق تاماقلار، شاكىلات، دارا دەرمانلىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، كۆپ قۇسۇش، زىيادە   سېمىزلىك، ھامىلەلىك،  ھاراق تاماكا،  قاتارلىقار… مۇشۇ سەۋەبلەردىن، شۇ مۇسكۇل نورمال تارىيىپ كېڭىيەلمەي      قالىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازاندىكى تاماقلار، ئاشقازان كىسلاتالىرى قايتا قىزىلئۆڭگەچكە يانىدىغان  بولۇپ قالىدۇ.

 

قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى نىمە؟

بۇ كېسەللىكنىڭ يېنىك ئورتا ئالامەتلىرى بولسا، ئازلا تاماق يىسە توقلۇق ھىس قىلىش، گېلىگە ۋەياكى   ئاشقازىنىغا بىر نەرسە تاقىشىۋالغاندەك ھىس قىلىش، كۆكرەك سۆڭەكنىڭ ئارقىسىدا ئىچىشىش ھىس قىلىش، تولا كېكىرىش، مەيدىسى ئاچچىق ھىس قىلىش، يانغاندەك ھىس قىلىش، كېكىرگەندە ئاغزىغا ئاچچىق سۇ كېلىش، ئەتتىگەنلىرى ئېغىزغا ئاچچىق سۇ يىغىلىپ قىلىش… قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئېغىرراقلىرى: ھەر قېتىم كېكىرگەندە چوقۇملا ئاچچىق سۇ كېلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتتە چىش چىرىش، ئاۋازى بوغۇق چىقىش، تاماق سىڭدۈرەلمەسلىك.. قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلىدۇ.

 

قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلى كىملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ياشلاردا، ھامىلىلەردە، ئاياللاردا، سېمىزلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياشانغانلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى بىر قەدەر ئاز. ھەم بۇ كېسەللىك بولغان كىشىلەر كۆپىنچە بۇ ئەھۋالنى يۈرەك كېسىلى، ياكى ئاشقازان ياللۇغىغا ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ بەك ئەنسىرەپ قالىدۇ. بىزگە ئۇچۇر قىلغان كۆپىنچە تورداشلارنى دەل مۇشۇ كېسەللىك بىئارام قىلىۋاتىدۇ. ھەم كۆپىنچىسى بىزنىڭ ياشلاردا بولغاچقا،  بۇ كىسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يۈرەك كېسىلىمىكىن دەپ زىيادە ئەنسىرەپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ياش تورداشلارنىڭ بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئالامەتلەر بولغاندا قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟

ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلىنى ۋە بۇنىڭدىن باشقا قىزىلئۆڭگەچگە دائىر كېسەللىكلەرنى ھەزىم قىلىش بۆلۈمى ياكى بۇ بۆلۈم بولمىغان يەرلەردە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ.

ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastrointestinal department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastrointestinal bölümü دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:消化科 دەيدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:内科دەيدۇ.

 

قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىگە،بىماردا بولغان ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەجرىبە ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئەمما، بىمارنىڭ يېشى 40تىن ئاشقان بولسا، ھەم كېسەللىك ئالامىتى 5 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ھەم بۇ 5-6 يىل جەريانىدا بىرەر قېتىم تەكشۈرۈش ياكى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. شىلەنكە سېلىش ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئۇ ئاخىرقى قىسمىدىن پارچە ئېلىپ كۆرۈپ بېقىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇزۇن يىل يىمەكلەر كىسلاتالار يېنىۋەرسە، شۇ يەردىكى ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولدىمۇ دەپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك.

 

ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىنگىلىزچە endoscopy دەپ قويىدۇ.

تۈركچىمۇ endoskopi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە: 胃镜检查دەپ ئاتايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن PH metre بار. بۇ تەكشۈرۈش 24 سائەت جەريانىدا قىزىلئۆڭگەچتىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى كۆرىدۇ. ھەم يەنە بىرى esophageal manometry özofageal manometri  ئىسىملىك تەكشۈرۈشتە قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ.

 

قانداق داۋالىنىدۇ ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

بۇ كېسەللىكنى ئالدىنى ئېلىش ۋەيا داۋالىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال تۇرمۇشقا قارىتا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈش لازىم.

  1. ياتقاندا باش قىسمىنى ئىگىزراق تۇتۇش لازىم.
  2. يېتىشتىن 3 سائەت بۇرۇن تاماق يىمەسلىك لازىم
  3. تاماقنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش ھەم ياغلىق تاماقلارنىڭ مىقتارىنى ئازايتىش لازىم، كاۋاپنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك، شاكىلات، دارا دارمەنلىق، ئاچچىق چۈچۈك يىمكەلىكلەرنى ئازايتىش كېرەك.
  4. ھاراق تاماكا ناھايىتى زىيان قىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ھەم قەھۋەنى ئازايتىش لازىم
  5. بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش كېرەك.

دورا جەھەتتە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاندىكى كىسلاتانى ئازايتىدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. بۇ دورىلارنى بايا دەپ ئۆتكەن ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىش ۋە قوللىنىش لازىم.

ناھايىتى ئېغىر ئەھۋاللاردا يەنى قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ھۈجەيرىلەر ئۆزگىرىپ ئۆسمە بولۇپ قالسا، ئوپىراتسىيە قىلىنىشىمۇ مۇمكىن.

 

ئاخىرقى سۆز:

بۇ كېسەللىك كۆپىنچە كىشىلەردە بولىدىغان بىر كېسەللىك. بۇنداق دىگەنلىك ۋاي ئەمىسە ئانچە مۇھىم ئەمەسكەن دىگەنلىك ئەمەس. چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. يەنە بىرى گەرچە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلماي 8-10 سوزۇلۇپ كەتسە، باشقا خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا بايا دەپ ئۆتكەن ئالامەتلەر بولسا چوقۇم بىر كۆرۈنۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

مەن نۇر دوختۇر

قىزىلئۆڭگەچ ۋە قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسەللىكى توغرىلىق لىكسىيەمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ. ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز، باش بارماق بېرىپ قويۇشنى ۋە ئەتراپىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ