ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇققىزىپ قالغاندا تۇتىدىغان پەرھىزلەر

قىزىپ قالغاندا تۇتىدىغان پەرھىزلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

چاينى كۆپ ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. قويۇق دەملەنگەن چاي ئىچكەندە چوڭ مېڭە جانلىق ھالەتنى ساقلاپ قېلىپ، تومۇر سوقۇشنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىپ، بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاي دورىنىڭ تارقىلىشى، ھەزىم بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

سوغۇق ئىچىملىكتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. پاكىز بولمىغان يېمەكلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىش بولسا، ئاشقازان، ئۈچەي يولى ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەندە كېسەل ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ ھەتتا كېسەل ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىپ، جانغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

ئاچچىق – چۈچۈكتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە زەنجىۋىل، سامساق، مۇچ تۈرىدىكى مۆتىدىل ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئىسسىق ئارقىلىق ئىسسىقنى ئاشۇرۇپ، كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، قىزىتمىنى پەسەيتىش ۋە بالدۇر ئەسلىگە كېلىشكە پايدىسىز بولىدۇ.

مەجبۇرىي غىزالىنىشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. بالىلار قىزىپ قالغاندا، بەزى ئاتا – ئانىلار بەدەن قۇۋۋىتى خوراپ كەتتى، دەپ قاراپ، بالىنى مەجبۇرىي غىزالاندۇرىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بالىغا ئوزۇقلۇق تەركىبىي يۇقىرى يېمەكلىكلىرىنى يېگۈزىدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇسۇل ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، يەنە كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ، ھەتتا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-25

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-25 / 08:44:42

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ