قىزلارغا تۇرمۇشتىن مەسلىھەت

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ئۆزىڭىز ئامىراق نەرسىنى ئۆزىڭىز سېتىۋېلىشقا تىرشىڭ،باشقىلارنىڭ سوغا قىلىشىنى كۈتمەڭ.

2.زېرىككەندە ھەركەت قىلىڭ ياكى دوسلىرىڭىز بىلەن بازار ئايلىنىڭ.

3شېرىن سۆزلۇك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا،كۈلۈمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ ھەم ئۇنى كۆرۇپ بولۇپ ئۆچۈرۋېتىڭ.

4.تېلفۇنىڭىزدىن ئىلگىرىكى يىگىتىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ئۆچۈرۋېتىڭ.

5.ھەرگىز چوڭ رەزمىلىك ئاياغ سېتىۋالماڭ.

6.يەپ بولغۇنىڭىزنى ھەرگىز تۈكۇرۇپ چىقىرۋەتمەڭ.نەرسە يىيىشنىڭ ئالدىدا ئوبدان ئويلۇنۇڭ،مۇھاببەتلىشىشمۇ ئوخشاش.

7.تۇغۇلغان كۇنىڭىز ۋە خانىم-قىزلار بايرىمىدا ئۆزىڭىزگە سوۋغات بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.باشقىلارغا تەلمۈرمەڭ.

8.ئاچىچىقىڭىز كەلگەندە،30 قىچە سانۋېتىپ،ئاندىن گەپ قىلىڭ.

9.كۆزىڭىزگە ياققان نەرسە بولسا دەرھال سېتۋېلىڭ.

10.ئىلگىركى يىگىتىڭىزگە ھەرگىز دەت تۆكمەڭ.

11.ئىشىكتىن چىقىشتىن ئالدىدا ماڭىدىغان يولىڭىزغا قاراپ ئاياغ كىيىڭ.

12.ئازىراق ئىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقسىڭىزمۇ،چېچىڭىزنى تاراپ،تۈزۈكرەك كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ،يىگىتىڭىزنى خەۋەلەندۈرۈپ چىقىڭ.

13.يات جىنىستىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا،ئازىراق ئارىلىق قالدۇرۇڭ.

14.دادىڭىزدىن باشقا ئككىنجى بىر ئەر سىزنى ئۇنچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ.شۇڭا ھە دېسىلا دادىڭىزدىن ئاغرىنماڭ،يىگىتىڭىزنى دەپ دادىڭىزدىن تاندىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ.

15.لايىقىڭىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى،تۇغۇلغان كۈنى، ئىسمىنى بىرەر نەرسىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرى قىلماڭ.

16.ئىلگىركى يىگىتىڭىزنى خالىغانچە كۆرشۈشكە چاقىرماڭ.

17.يىگىتىڭىزنىڭ ئالدىدا بەك ئەقىللىق بولۋالماڭ.

18.ئوغوللارنىڭ كاچىتىغا خالىغانچە سالماڭ.سىزگە مۇھىمى ئىپپەت،ئۇنىڭغا مۇھىمى غورور.

19.يىگىتىڭىزگە دوسلىرى ئالدىدا قوپاللىق قىلماڭ .

20.يىگىتىڭىزنىڭ دوسلىرى سىزنىڭ دوسلىرىڭىز،ئاتا-ئانىسى سىزنىڭ ئاتا ئانىڭىز.شۇڭا،ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسۋەت ئورنۇتۇڭ،غەيرى كۆز قاراشتا بولماڭ.

21.تىلفۇننى كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ ئېلىڭ،قارشى تەرەپ سىزنىڭ كۇلۇمسىرشىڭىزنى ھېس قىلسۇن.

22.يىگىتىڭىزنىڭ ئالدىدا بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ گىپىنى ھەرگىز چىقارماڭ.

23.گىرىمنى بەك قېنىق قىلۋالماڭ،تەبىئى گۈزەللىك ئەڭ ياخشى،لېكىن ئۆزىڭىزنى بەك تاشلىۋەتمەڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-01 / 04:48:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ