ئانا سەھىپەساغلاملىقئورۇقلاشقورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر

قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قورۇق خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بەزىلەرنىڭ يۈزىگە 30 ياشتىلا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ ، لېكىن بەزىلەرنىڭ يۈزىگە بولسا خېلى ياشقا كىرگىچىمۇ قورۇق چۈشمەي نۇرلۇق تۇرىدۇ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ؟

قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر

گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش : گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ ، ئاندىن يۈرنى يۇيۇۋەتكەندە ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ – دە ، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ .

توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ .

مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ؛ ئاغىچە يۇغۇچنىڭمۇ(丝瓜)قورۇق يوقىتىش رولى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرتىدىغان تۆۋەن پىرسەنتلىك ئىسپىرت ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك ،پەمىدۇر ، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار .

چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ، كاربون سۇبىرىكمىسى ، ئاقسىل ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ،ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق ، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقنى ئازايتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : ھەر كۈنى 15~20 مىنۇت سېغىز چايناپ ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .

ئۇندىن باشقا ، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ . مەسىلەن ، تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ ، كالا گۆشى ، سۈت ، تۇخۇم ، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-23 / 04:32:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ