ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىقۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇنقى ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرىمىز پۈتۈن تەبىئەت، جانسىز، جانلىق ئۆسۈملۈكلەرگىچە ھەممە مەۋجۇداتنىڭ تۆت چوڭ ماددا( ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق) دىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. تۆت ماددا ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ مىزاجىنى، خىلىتلىرىنى ھەم تۆت تۈر گە ئايرىپ چىققان. بىز تۆۋەندە كىتابخانلار نىڭ دورىلارنى ئۆز مىزاجىغا ماس ھالدا توغرا ئىشلىتىپ ، پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى تۆت خىل مىزاج ھالەتلىرىنى
تونۇشتۇرىمىز .

ھەر بىر ئادەم تۆت خىل مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالغاندا، ئۆز مىزاجىنى ئېنىق بىلىپ، مىزاجىنى يېمەك – ئىچمەك ، بىر قىسىم دورا ماتېرىياللار بىلەن تەڭشىيەلەيدۇ . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئايرىپ، ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت قىلالايدۇ. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

1 . مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق كىشىلەر

تەبىئىي جۇغراپىيىلىك مۈھىتنىڭ كىشىلەر تېرىسىگە بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي ، بەلكى بەدەندىكى تەبىئىى سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر : كۆز ئېقى سارغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇقراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدىنى قىزىق، سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق يېمەك – ئىچمەكلەرنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك، تېز سوقىدۇ، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سېرىق كېلىدۇ،

يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، بۇنداق مىزاجدىكىلەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەرىكىتى تېز ، سەز گۈر ، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتالمايدۇ. ئۈيقۇسى ئاز ، تۇراقسىز ، دىلىغۇل بولۇپ، مەلۇم ئېقىمنى تېز قوبۇل قىلىپ، تېز چۆرۈيدۇ. ئۆزى تاپقان نەرسىدىن ئۆزى پايدىلىنالمايدۇ. ھېسسىياتچان كېلىدۇ. يەڭگىللىك، ئالدىراڭغۇلۇق ، چالىلىق ۋە ساددىلىق مۇشۇ خىل كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .
بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئايرىپ چۈشەندۈرىمىز .

خۇلقى – ھېسسىياتچان بولۇپ، تېز قىزىپ، تېز سوۋۇيدۇ. قايغۈ يەتسە تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۈ . ئالدىراقسان، جۇشقۇن، ھۇجۇمچى ، باتۇر كۆرۈنىدۇ . جىلىخور كېلىدۇ .

تەپەككۈرى – مەسىلىلەر گە نىسبەتەن ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇقۇم ۋە ھالەتلەرنى تېزلا ئەستە قالدۇرالايدۇ ۋە ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. يېڭى شەيئىلەرنى تېز قوبۇل قىلىپ، تېز تاشلايدۇ . ئىشنى ناھايىتى كۆپتەك ھېس قىلىدۇ . مەسىلىنىڭ يىپ ئۈچىنى تېز تاپسىمۇ، لېكىن چالىلىق تۈپەيلىدىن ئىشنى تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىپ كېتەلمەيدۈ. بىر ئىشنىڭ ماھىيىتىگە تېز يېتەلەيدۇ،

قىياپىتى – بەدىنى ئورۇق، چىرايى سېرىققا مايىل كېلىدۇ، ماڭغاندا شامالدەك تېز ماڭىدۇ، ھەرىكىتى تېز بولىدۇ.

تېرىسى – تېرە رەڭگى كۆپىنچە سېرىققا مايىل بولۇپ، قىزىق، سۈزۈك، يىرىك كېلىدۈ، تېرىسى سېزىمچان، ماي
قاتلاملىرى نېپىز ، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەن بولىدۇ.

سۆز ئالاھىدىلىكى – تېز سۆزلەيدۇ، ئېغىزى بىلەن قولى مۇناسىپ بىللە ھەرىكەتلىنىدۇ. سۆزلىرى كەينى – كەينىدىن چىقىدۇ . سۆزدە كەمتەرلىك ئاز ، ئەيىبلەش، ئاغرىنىش تەلەپپۇزىدىكى سۆزلەر كۆپرەك بولىدۇ. سۆزلىگەندە بۇرنىنى قېقىپ سۆزلەيدۇ .

تىلى – تىل ئۈستىدە سېرىق گەز بولۇپ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ .

يېمەك – ئىچمىكى – ئۈندا تەييارلانغان سۇيۇق – سەلەڭ تاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇرۇق ئىسسىقلىقى ئارتۇق تاماقلارنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ . تاماقنى تېز يەيدۇ. مايلىق تاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق، لېكىن يەنىلا گۆشنى ياخشى كۆرىدۇ .

خەت – يېزىق ئالاھىدىلىكى – خەتنى ئۈششاق ، بىر بىرىگە چاپلاشقان ھالەتتە ئېگىز – پەس يازىدۇ ، خەت گۈزەللىكىگە ئېتىبار بەرمەيدۇ، مۇھىم نۇقتىلارنى تۈتۇۋېلىشقا ماھىر بولغاچقا ، خەتمۇ خەت ئەستە قالدۇرالمايد ۇ ، مەلۇم نەرسىلەرنى يازغاندا ماتېرىياللارنىڭ بەت، تېمىلىرىنى ئېنىق يازمايدۇ .

يول مېڭىشى – تېز ماڭىدۈ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ ، يۇرت ئارىلاشقا ئامراق .

كىشىلىك مۇئامىلىسى – ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدۇ ، يېقىن ئۆتسە قىزغىن، يامانلىسا گەپلەشمەيدۇ ، كىشىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ ۋە دىلكەش كېلىدۇ، كىشىنى چۈشىنىشكە ماھىر .

ئۇيقۇسى – باشقا مىزاجدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى ئازراق، تۇيغۇن ئۇخلايدۇ.

ھالەت ئىپادىسى – ئۆزى ياقتۈرمايدىغان سۆز ۋە ئىشقا دۇچ كەلسە ، خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى – كۆيۈمچان، قىزغىن، .سەمىمىي كېلىدۇ. مۇھەببىتى كۈچلۈك ، ئوغۇلبالىچىلىقنى تەكىتلەيدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى – جىگەر ، ئۆت ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ . جىددىيلىكى سەۋەبىدىن زىققىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

ئىللىتى – سىر ساقلىيالمايدۇ ، قىتىغۇر ، شەخسىيەتچى ، ماختانچاق .

كەسىپ ئالاھىدىلىكى – ئاممىۋى مۇناسىۋەت ، تىجارەت، تەرجىمە ، تەھرىرلىك ، ئوقۇتقۇچىلىق ساھەلىرىگە سەل ئامراق .

كۈتۈنۈشى – بۈ خىل كىشىلەرگە ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق يېمەك – ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ . يەنى تۇخۇم سېرىقى ، پولۇ ۋە مايلىق تاماقلار زىيان قىلىدۇ . سۈت ، كۆكتاتلار ھەمدە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار، ھۆل مېۋىلەر پايدا قىلىدۇ.

باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى مەخپىي رىتسىپلار كىتابىدىن ئۈزۈندە
ئابلەت مەتنىياز

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:21:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ