ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىقۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

قۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەر قانداق بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇرۇنقى ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈمالىرىمىز پۈتۈن تەبىئەت، جانسىز، جانلىق ئۆسۈملۈكلەرگىچە ھەممە مەۋجۇداتنىڭ تۆت چوڭ ماددا( ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق) دىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىققان. تۆت ماددا ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ مىزاجىنى، خىلىتلىرىنى ھەم تۆت تۈر گە ئايرىپ چىققان. بىز تۆۋەندە كىتابخانلار نىڭ دورىلارنى ئۆز مىزاجىغا ماس ھالدا توغرا ئىشلىتىپ ، پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئىنسانلاردىكى تۆت خىل مىزاج ھالەتلىرىنى
تونۇشتۇرىمىز .

ھەر بىر ئادەم تۆت خىل مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق ئىگىلىۋالغاندا، ئۆز مىزاجىنى ئېنىق بىلىپ، مىزاجىنى يېمەك – ئىچمەك ، بىر قىسىم دورا ماتېرىياللار بىلەن تەڭشىيەلەيدۇ . ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مىزاج ئالاھىدىلىكلىرىنى ياخشى ئايرىپ، ئۇلار بىلەن مۇۋاپىق مۇناسىۋەت قىلالايدۇ. ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا قۇلايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.

 

3. مىزاجى قۇرۇق سوغۇق كىشىلەر

 

قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ بەدىنى چىڭ، چىرايى ئاقۇش ( بەزىدە بەدىنى غەيرىي تەبىئىي ھالەتلىرىدە قارامتۇل) ، ئورۇقراق، بەدىنى سوغۇقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولۇپ، سوغۇقتا ئۇيقۇسى قاچىدۇ، ئىسسىقتا ۋە ھۆل ئىسسىقتا ئۇيقۇسى كېلىدۇ ھەم سەمرىيدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھىي ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاستا تەسىرلىنىدۇ. خىيال ۋە ئارزۇ دۇنياسىدا ياشايدۇ، رېئاللىقتا يوق پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرلاردا بولىدۇ، يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، ئەندىشە ۋە ئازابقا مايىل كېلىدۇ، لېكىن ھەر ئىشنىڭ ئېھتىماللىقى ئالدىن بىلەلەيدۇ، تەسەۋۋۇرغا ۋە گۇمانغا باي كېلىدۇ، كىشىلەر چۈشەنمەيدىغان چوڭقۇر پىكىرلەردە بولىدۇ. بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :

خۇلقى – بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى يامانراق كېلىدۇ، يالغۇز يۈرىدۇ .

تەپەككۇرى – تەپەككۇرى ئاستىراق بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ھەم سىستېمىلىق بولۇپ، مەلۇم شەيئىلەرنىڭ مۇھىم مەنىسىنى ۋە سىرتنىڭ ئىنكاسىنى ئېسىدە ئۇزۇنغىچە ساقلىيالايدۇ، قابىلىيىتى ئالاھىدە بولىدۇ .

تېرىسى – قۇرغاق، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنرەك بولىدۇ .

قىياپىتى – ئورۇق، مۇسكۇللىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ھەر جەھەتتىن ئاجىز ، ئىقتىدارسىز كۆرۈنىدۇ. بەزىلىرى ئاق يۈزلۈك، بەزىلىرى قارامتۇل كېلىدۇ. تەققى – تۇرقى ۋە ئىپادە ئۈنۈمى ھەيۋەتلىك ئەمەس. بۇ سەۋدا خىلىت كىشىلەرنىڭ ئىككى ياقىلىمىلىق ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

سۆز ئالاھىدىلىكى – سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق، تەمكىن بولۇپ، ئۆزى تونۇشمايدىغان ۋە تولۇق ئىشەنمىگەن كىشى ئالدىدا ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ . ئېھتىياتچان كېلىدۇ، ئايرىمىلىرىنىڭ سۆزىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ، بەزىلىرى تولا گەپ قىلىدۇ.

تىلى – تىلى ئۈستىدە قارامتۇل گەز بولىدۇ.

ئېغىز تەمى – قاڭسىق كېلىدۇ .

ئۇيقۇسى – ئۇيقۇسى بالدۇر كېلىپ، سەھەر ئويغىنىپ
كېتىدۇ ، بەزىدە تۈنەپ چىقىدۇ .

يېمەك – ئىچكى – پارچە – پۇرات نەرسە يېيىشكە ئامراق، بىراق كۆپ تاماق يېيەلمەيدۇ، ئاز ۋ، كۈچلۈك يېيىشكە، مېۋە – چېۋىلەرنى قوشۇپ يېيىشكە ھەمدە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا ئامراق، ئېسىل جايلاردا تاماقلىنىشنى خالايدۇ .

خەت – يېزىق ئالاھىدىلىكى – خەتنى ئۇششاقراق، لېكىن تەكشى يازىدۇ .

يول مېڭىشى – بىر نەرسىنى ئويلاپ ماڭىدۇ ، ئاسانلا ئادەم ۋە نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىدۇ.

ھالەت ئۆزگىرىشى – خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى سىرتقا بىلدۈرمەيدۇ ، باشقىلارغا دەرھاللا كۆيۈنۈپ كېتەلمەيدۇ .

كىشىلىك مۇئامىلىسى – مۇستەقىللىقى كۈچلۈك، باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمىنى ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا بولۇپ، كىشىلىك مۈناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ ، ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ . كىشىلەرگە سەمىمىي ، راستچىل بولىدۇ . ھىيلىگەر ، توزاقلاردىن خالىي بولىدۇ – سىر ساقلايدۇ .

تۇرمۇش ئادىتى – يالغۇز ئۆتۈشنى خالايدۇ، تۇرمۇش ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ، پىداكارلىق ئېڭى كۈچلۈك، تۇرمۇشتا كۆيۈمچان، ئەتراپلىق بولۇپ. ھەرقانداق ئىشنى پۇختا قىلىدۇ. ھاۋايى – ھەۋەس، ئىشق – مۇھەببەتكە بېرىلمەيدۇ، تارتىنچاقلىق، خىجىلچانلىق، پاسسىپلىق ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى يوققا چىقىرىدۇ ياكى يامان تەرەپكە باشلايدۇ .

كېسەللىككە مايىللىقى – بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپىنچە ئۇستىخان كېسەللىكلىرى، نېرۋا، روھىي كېسەللىكلەر ، قىسمەن ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ ( يەنى نېرۋا ئاجىزلىقى، مالىخولىيا، ساراڭلىق، ئۇستىخان ئاغرىش، چاچ پات ئاقىرىش…) . سوغۇق ۋە تۇمان كۈنلىرى بىئارام يۈرۈيدۇ .

كۈتۈنۈشى – ھاراق، تاماكا قاتتىق زىيان قىلىدۇ، ھۆل ئىسسىق خاراكتېردىكى تاماق ۋە دورىلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ ( مەسىلەن: شورپا، قىيمىلىق تاماق ۋە پولۇ قاتارلىقلار) ، قۇرۇق سوغۇق خاراكتېردىكى ئوزۇقلۇقلار ۋە دورا – دەرمەكلەر دەرھاللا زىيان قىلىدۇ .

ئىللىتى – مۈناسىۋەت ۋە رەسمىيەتلەرگە ئەھمىيەتسىز قاراپ، زىيان تارتىدۇ، قاتتىق جىسمانىي جاپاغا چىدىمايدۇ .

كەسىپ ئالاھىدىلىكى – يۈقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر، جۈملىدىن ئېلېكترون، پىلان ۋە ھەربىي ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ، ئەدەبىيات، سەنئەتتىمۇ ئىقتىدارلىق كېلىدۇ ، ئىككى خىل خاراكتېرى كۈچلۈك كەسىپلەرنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ .

باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى مەخپىي رىتسىپلار كىتابىدىن ئۈزۈندە
ئابلەت مەتنىياز

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-27 / 08:20:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ