راك دىگەن نىمە؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

راك كېسىلى قانداق كېسەللىك؟

راك، بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىنورمال كۆپىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. بەدىنىمىزنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ساغلام ھۈجەيرىلىرى راك خاراكتىرىنى ئالغان ھۈجەيرىگە ئايلىنىش ئىھتىماللىقى بار. بەدىنىمىزدە 100 دىن ئارتۇق راك تۈرى بار. بۇ 100 دىن ئارتۇق راكلارنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە ھۈجەيرىلەر بىنورمال كۆپىيىشكە باشلايدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا بايقاپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بارمىسا، بەدەندە ھەر تۈرلۈك بىنورمال ئەھۋاللارنى بىئارامچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر ۋاقىتلاردا ھاياتقا خەۋىپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

راك دىگەن سۆزنىڭ ئىنگىلىزچىسى بولغان cancer (كەنسېر) دىگەن سۆزنى ئەڭ ئاۋۋال گىرىتسىيە فىزىكا ئالىمى ھىپوكرات (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 460-370-يىللار) ئىجاد قىلغان.

نورمال بىر ھۈجەيرە نىمە ئۈچۈن راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ؟

بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ساغلام بىر شەكىلدە بۆلۈنەلەيدۇ. بۆلۈنۈش ئارقىلىق شۇ ئورگان، توقۇلمىدىكى ئۆلگەن ھۈجەيرىلەر ۋەيا يارىلانغان ھۈجەيرىلەرنىڭ يېرىنى تولدۇرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق، بالىلار، ياشلارنىڭ ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ساغلام ھەم ئىتتىك بولىدۇ. ئەمما ياش چوڭايغانسىرى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇ ئىقتىدارى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. بۆلۈنۈشتىن سىرت، ھۈجەيرە ئۆز ئۆزىنى رېمونىت قىلىش رولىمۇ بار. بۆلۈنۈش بولسۇن، رىمونىت قىلىش بولسۇن بۇ روللارنى ھۈجەيرە يادروسىدىكى ماددىلار كونترول قىلىدۇ. ئەگەر بۇ كونترول قىلىدىغان ماددىلاردا مەسىلە چىقسا، ھۈجەيرىلەردە بىنورمال بۆلۈنۈش، رېمونىت قىلىشتا مەسىلە چىقىدۇ. بىنورمال كۆپەيگەن ھۈجەيرىلەر ئەڭ ئاۋۋال ئۆسمە دىگەن ئىسىم بېرىلىدۇ. بۇ بىنورمال كۆپەيگەن ئەمما ھېلىھەم نورمال رولغا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۆسمە ھۈجەيرى ئەگەر روللىرىنى نورمال ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاش داۋام قىلدۇرسا ھەم ھېلىھەم ئۆزىنى كونترول قىلالىسا، ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا بىر بىماردا ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بارلىقىنى ئاڭلىغاندا بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىك كېرەك. مەسىلەن سۆگەل، تېرىدىكى ياغ يىغىلىپ قېلىشلارمۇ بىر كىچىك ئۆسمە ھېساپلىنىدۇ.

ئەگەر بىنورمال ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش، بىنورمال كۆپىيىش، ئۆزىنى كونترول قىلالماي پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ، باشقا ئورگان توقۇلمىلارغا تەسىر يەتكۈزۈش ئىھتىماللىقى بولسا، ناچار سۈپەتلىك ئۆسمە ۋەيا راك دەپ ئاتىلىدۇ.

ئوخشىمىغان ئورگان، ئوخشىمىغان توقۇلما، ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەرگەر قاراپ راكنىڭ ئىسمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن ئۆپكە راكى، قان راكى، جىگەر راكى… قاتارلىقلار.

بۇ ماقالىدىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز:

  • ئۆسمە دىگەن نىمە؟
  • راك دىگەن نىمە؟
  • ئۆسمە ۋە راكنىڭ پەرقى
  • ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە
  • ناچار سۈپەتلىك ئۆسمە
  • يامان سۈپەتلىك ئۆسمە
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-29 / 06:05:52

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ