رېماتىزملىق يانپاش بوغۇم ئاغرىقىدا يانپاش بوغۇمىغا تەركىبىدە رېماتىزم جاراسىمى تۇتقان ماددا قۇيۇلۇپ، بوغۇمنىڭ تالا توقۇلمىلىق قۇرۇلمىلىرىنى، ئەسەب ۋە مۇسكۇللىرىنى قاپسايدۇ ئەمما سۆڭەكنىڭ ئۆزىنى چىرىتىپ زەھەرلىمەيدۇ
يانپاشنىڭ گۆشلىرى قىلىن بولغانلىقتىن بوغۇمدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. رېنتىگېن ئارقىلىق تەكشۈرگەندىمۇ سۆڭەكتە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، باسقاندا، تۇتقاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ. ئۇندىن باشقا بىمار بىر ئورۇندا ئۇزاقراق ئولتۇرۇپ تۇرغاندا ئاغرىق ئازابىدىن ئورنىدىن تۇرالمايدۇ. ياللۇغلىنىش ئېغىر بولغاندا بوغۇم ئىششىپ زورايغانلىقى قولغا بىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن تاشقىرى يانپاش بوغۇملىرىدا سىفلىس، سۆزنەك ۋە باشقا قويۇق يەللەردىنمۇ ئاغرىق يۈز بىرىدۇ. سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش، ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش مۇمكىن.