ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلاررېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت - قول ، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

رېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت – قول ، بوغۇم ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1) ئالتە يېرىم سەر چىغىرتماق يىلتىزى ، ئالتە يېرىم سەر قاغا تامغىقى يىلتىزى ، ئۇنىڭ چېچىكىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن ئالتە يېرىم سەر ، ئادراسمان ئۇرۇقىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، قاراقىياق يىلتىزىدىن ئالتە يېرىم مىسقالنى ئۈچ چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، ئىككى چىنە سۈيى قالغاندا قازاننى چۈشۈرۈپ تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، قاپاق ئۇرۇقىنىڭ تالقىنىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل بوغۇم ، پۇت ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

2) قوي ياكى كالىنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ماياقتەكتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت ئاغرىقى ۋە ئىششىقنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

3) توغراقنىڭ ساقىپ چىققان سۈيىدىن ئالتە يېرىم سەر ، كونا قىچا ئۇرۇقى تالقىنىدىن ئۈچ سەر ، توخۇ تۇخۇمى سېرىقىدىن ئۈچ دانىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىق ۋە ئىششىق پۇتنىڭ سىرتىدىن ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ، ئاغرىقنى تەدرىجىي پەسەيتىپ ياخشىلاش ، ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

4) ئالتە يېرىم سەر جۇۋىنە ئۆسۈملۈكى ياكى ئۈچ سەر ئۇرۇقىنى پاكىزلاپ ، ئۈچ چىنە سۇدا ئىككى چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى ئىككى قات داكىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈپ ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ئاغرىقى ، بوغۇم ئىششىقى ۋە پالەچلىكنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

5) بۇدۇشقاق ، چىغىرتماق ، چېقىرتىكەن يىلتىزىدىن بىر سەردىن ، سېرىق ئوت ( زىغىرلىقتىكى سېرىق ئوت ) تىن بەش مىسقال ، شاھتەرەدىن بەش مىسقال ، قاغا تامغىقىدىن يەتتە مىسقالنى پاكىز يۇيۇپ ، تۆت چىنە سۇدا ئۈچ چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكا بىلەن تەكرار سۈزۈپ شېشىگە قاچىلاپ ، چوڭ كىشىلەرگە كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا بېرىشنى داۋام قىلسا ، پۇت – قول ئاغرىقىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ ، يەللەرنى تارقىتىپ ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتەك تەسىرى كۆرۈلىدۇ .

6) ئالتە سېرىق ئەمەننى بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا ئۈچ قېتىم سۈزۈپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت – قولنىڭ بوغۇم ئاغرىقىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

7) سۆرۈنجان بىلەن ناۋاتنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ، چوڭ كىشىلەر سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن كۈندە بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت – قول ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممە خىللىرىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

8) تەرخەمەك ، قاپاق ، ھەمشىۋانەلەردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، ھۆل بولسا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قۇرۇق بولسا مەلۇم مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈپ ، سۈيىنى قىزىتىپ ، ئاغرىغان پۇت – قولنىڭ سىرتىدىن ھەر كۈنى بىر قېتىم چېپىشنى داۋام قىلسا ، قىزىتىپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ .

9) سۆرۈنجاننى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقانلاپ ، چوڭلار سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىككى مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت – قول ۋە ئۇستىخاننىڭ قىزىپ ئاغرىشنى ، ئىششىقىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

10) ئۈچ مىسقال يۇمغاقسۈتنى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقانلاپ ، سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت – قول ۋە ئۇستىخان قىزىپ ئاغرىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:06:08

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ