يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ساغلاملىقنىڭ يەتتە تۈرلۈك ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ئۇنى‹‹ بەش تېز››(مۇسكۇللار ساغلاملىقى)،‹‹ئۈچ ياخشى›› (روھى ساغلاملىق)،دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ
بەش تېز:
1. تاماقنى تېز يەيدىغان، ئىشتىھاسى ياخشى، تاماق تاللىمايدىغان بولۇش .
2. تەرەت تېز بولۇش .
3. ئۇيقۇسى كەلگەندە ياتسىلا دەرھال ئۇخلىيالايدىغان، مېڭىسى سەگەك بولۇش.
4. تېز سۆزلىيەلەيدىغان بولۇش:، تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك، سۆزنى توغرا، راۋان قىلالايدىغان بولۇش.
5. تېز ماڭىدىغان بولۇش: بىمالال ماڭالايدىغان،ھەرىكىتى چاققان بولۇش .
ئۈچ ياخشى:
1. مىجەزى ياخشى، كەيپىياتى مۇلايىم، ئىرادىلىك، ھېسسىياتچان، كەڭ قورساق، ئۈمىدۋار بولۇش .
2. ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ياخشى بولۇش .مەسىلىنى ئوبيېكتىپ، رېئال كۆزىتەلەيدىغان، سالماق ئۆز–ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇھىتقا ماسلىشالايدىغان بولۇش.
3 . كىشىلەر ئارا مۇناسىۋىتى ياخشى بولۇش: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىدىغان، باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا مۇناسىۋەتتە قىزغىن بولۇش .