#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر
بەزى قېرىنداشلار ساغلىق ئوجاغىغا بالىسىنى ئاپارسا ئۇ يەردىكى دوختۇرلار بالىسىنى تەكشۈرمىگەنلىكىنى ۋەيا قان تەكشۈرۈپ قويمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟
00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) بالىلاردىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش قىلالامدۇ؟
02:35 ئاياقلىشىش
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە بالىلاردىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش قىلالامدۇ؟ قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
بۇ سوئالمۇ دائىم سورىلىدىغان بىر سوئال. شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى سىستېرانىڭ بالىلار، بوۋاقلاردىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى بولسىلا ئېلىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىنىڭ سىستېرالىرى پەقەت چوڭلاردىن قان ئېلىش تەجرىبىسى بولغاچقا، بەك كىچىك بوۋاقلاردىن ئالالماسلىقى مۇمكىن.
قان تەكشۈرۈش تاللاشلىرى چوڭلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ئالدىنقى ۋىدىئولاردا قايسى تەكشۈرۈش قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەپسۇسلىنارلىقى ۋىتامىن د ۋە ب12 يوق.