ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەت ۋە ساغلاملىقسەھەردىكى ئالتۇن 10 مىنۇتنى قولدىن بەرمەڭ!

سەھەردىكى ئالتۇن 10 مىنۇتنى قولدىن بەرمەڭ!

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سەھەردىكى ئالتۇن 10 مىنۇتنى قولدىن بەرمەڭ!

ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ نېمە ئىش قىلىسىز ؟ ئەمەلىيەتتە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر « ئالتۇن 10 مىنۇت » بار ، بۇ 10 مىنۇتنى چىڭ تۇتسىڭىز سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىيالايسىز

1 . قول ئالىقىنىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش :- مۈرە ئاغرىقىنى داۋالايدۇ قول ئالىقىنىنى تېز سۈرئەتتە 300 قېتىم سۈركەپ ئۇۋۇلاپ بېرىش ئالىقاندىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ ، ئىچكى ئەزالارنى كۈچەيتىپ ، مىجەزنى تەڭشەيدۇ . بۇ ئارقىلىق مۈرە ئاغرىقى ، كۆز چارچاشنى داۋالىغىلى بولىدۇ .

2 . باشنى بىر مىنۇت قاشلاش :- چاچنى قارايتىدۇ ، بارماق بىلەن ماڭلايدىن باشنىڭ ئارقىسىغىچە ، ھەر سېكۇنتتا 2~4 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن يىنىك قاشلاپ بەرگەندە ، مېڭە قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، چاچ يىلتىزىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئىگە قىلىپ ، چاچنى قارا ھەم پارقىراق قىلىدۇ .

3 . قۇلاق گىجىكىنى بىر مىنۇت يېنىك ئۇۋۇلاش : – قۇلاق غوڭۇلداش ، كۆز چاقناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئىككى قول بىلەن ئوڭ سول قۇلاق گىجىكىنى قىززىغۇچە يېنىك ، مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بېرىشنىڭ پەللىنى راۋانلاشتۇرۇش ، ئىسسىقلىقنى تارقىتىش ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاسراش رولى بار ، بولۇپمۇ قۇلاق غوڭۇلداش ، كۆز چاقناش ، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە .

4 . كۆزنى بىر مىنۇت ھەرىكەتلەندۈرۈش : – ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ كۆز قارىچۇقىنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ۋە تەتۈر يۆنىلىشتە 30 قېتىم ئايلاندۇرۇپ بېرىشنىڭ ئادەمنى تېتىكلەشتۈرۈش ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، كۆز مۇسكۇلىنى كۈچەيتىش ، سوزۇلما مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش روللىرى بار .

5 . باش بارماق بىلەن بۇرۇننى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش : – يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئىككى قولنىڭ باش بارمىقى بىلەن بۇرۇننى ئاستى ئۈستىگە 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، يەلنى يوقىتىپ ، سوغۇقنى ھەيدەپ ، بۇرۇننى ئاچىدۇ ، زۇكام ، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ، كانايچە ياللۇغى ھەتتا يۈرەك كېسىلى ، ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار .

6. بىر مىنۇت چىشنى غۇچۇرلىتىپ ، تىلنى ئېگىش : – چىش ساقلىقىنى ساقلايدۇ چىشنى يېنىك غۇچۇرلىتىش چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكىدىكى قاننى راۋانلاشتۇرىدۇ ، تىلنى ئېگىش تىلنىڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن قىلىپ ، چىشنىڭ سېزىمچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ .

7. كىندىكنى بىر مىنۇت يېنىك بېسىش : – ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئىككى قول ئالىقىنى بىلەن سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە كىندىكنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە ، ئاشقازان ، ئۈچەيدىكى يەلنى ھەيدەپ ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

8. بىر مىنۇت قورساقنى يىغىپ مەقئەتنى كۆتۈرۈش : – قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ قورساقنى قايتا – قايتا يىغىپ ، مەقئەتنى ئۈستىگە كۆتۈرگەندە ، مەقئەت پۈرۈك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش كۈچىنى كۈچەيتىپ ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

9. بىر مىنۇت پۇت – قولنى سوزۇپ ئېگىلىش : – يۈرەك ، مېڭە ، قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ئوڭدا ياتقاندا قان ئايلىنىش ئاستىلاپ ، قان پۇت-قولغا كۆپ يىغىلىپ قالىدۇ ، سوزۇپ ئېگىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق قان ئايلىنىش دەرھال ئەسلىگە كېلىپ ، يۈرەك ، مېڭە سىستېمىسىنى يېتەرلىك قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ .

10. پۇت ئالىقىنىنى بىر مىنۇت ئۇۋۇلاش : – جىگەرنى تازىلاپ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ئوڭدا يېتىپ ئىككى پۇت ئارقىلىق پۇت ئالىقىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە بۆرەكتىكى زەئىپلىكنى تۈگىتىدۇ ، ھەمدە جىگەرنى تازىلاپ ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا نېرۋا زەئىپلىشىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمى بار .

سىز سەل قارىغان 10 مىنوتنىڭ مۇشۇنداق چوڭ پايدىسى بارلىقىنى ئويلاپ باققانمىتىڭىز ، ئەگەر ھەقىقى ئۆزىڭىزگە كۆڭۈل بۆلسىڭىز ھازىرقىدەك ئۆيدىكى ۋاقىتلاردا ئاز دىگەندە 30 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈپ بىقىڭ ھەقىقى پايدىسىنى كۆرىسىز ، يىقىنلىرىڭىزغا يوللاشنى ئۇنۇتماڭ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:42:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ