ئانا سەھىپەئۇچۇر خەۋەرلەرقىزىقارلىق ئۇچۇرلارسەككىز يىل «ئاق چاشقان» بولغان ئاشقازىنى تۆشۈك بىمار

سەككىز يىل «ئاق چاشقان» بولغان ئاشقازىنى تۆشۈك بىمار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دوختۇرلار بىلەن بىمارلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دوختۇرلار بىمارلارنىڭ تېنىدە تېببىي چۆللەرنى ئاچىدۇ، بىمارلار بولسا تېببىي جەھەتتىكى تەرەققىياتتىن نەپكە ئېرىشىدۇ. لېكىن، مېدىتسىنا تارىخىنىڭ ھەممىسى بۇنداق گۈزەل بولۇشى ناتايىن، شۇنداقلا دائىم ئەخلاقنىڭ تۆۋەن چېكىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىمار مارتىن بىلەن دوختۇر بېئامونت ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق قارىشىغا ماس كەلمەيدىغان بىر جۈپ ئىلىم-پەن ھەمراھى، دوختۇر سەككىز يىل ۋاقىت ئىچىدە بىمار تېنىدە 238 قېتىم رەھىمسىز ئادەم بەدىنى تەجرىبىسى تاماملاپ، ئۆزى ئاشقازان فىزىئولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى بولۇپ قالغان. ۋاھالەنكى بىمار مارتىن ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان ئاشقازان قىسمىدىكى «چوڭ تۆشۈك»كە ئېرىشىپ، ئەگەر قىسىپ تۇتۇپ تۇرمىسا يېگەن تاماقلىرىمۇ تۆشۈكتىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان.

1822-يىلى 6-ئىيۇن مارتىن (Alexis St.Martin) نىڭ كېيىنكى ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن بىر كۈن بولۇپ قالدى. ئۇ كانادادىن كەلگەن، ئامېرىكا يۇڭ-تېرە شىركىتىنىڭ كېمىچىسى بولۇپ، ئاساسلىقى كېمىنى ھەرقايسى پورتلارغا ھەيدەپ بېرىپ، يۇڭ-تېرە سېتىۋېلىشقا مەسئۇل ئىدى. شۇ كۈنى مارتىننىڭ كېمىسى مىچىگان ئىشتاتىنىڭ ماكىناۋ ئارىلىدىكى بىر سودا پونكىتى يېنىدا توختىدى. ئويلىمىغان يەردىن يېقىن ئەتراپتىكى بىرەيلەننىڭ ئوۋ مىلتىقىدىن ئوق چىقىپ كېتىپ، نەس باسقاندەك ئوق دەل شۇ يەردە تۇرغان مارتىننىڭ كۆكرىكىگە تەگكەن. بۇ كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان كۆرۈنۈش بولۇپ، ئۇنىڭ سول تەرەپ قوۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇپ، كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقى ئوتتۇرىسىدا مۇشتۇمچىلىك تۆشۈك ئېچىلىپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يارا ئېغىزى ئەتراپىدىكى ئۆپكە ۋە ئاشقازاننىڭ ھەممىسى ئوقتا كۆيۈپ كەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاشقازىنى تېشىلىپ، ھەتتا يېگەن يېمەكلىكلەرمۇ قان بىلەن ئارىلىشىپ مۇشۇ تۆشۈكتىن چىقىپ كېتەتتى. ئوق چىقىپ كەتكەن مىلتىق بىلەن بولغان ئارىلىق بەك يېقىن بولغاچقىمىكىن، ھەتتا ئۇنىڭ كۆينىكىمۇ كۆيۈشكە باشلاپ، قارىماققا ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. خىزمەتداشلىرى مارتىننىڭ يارىسىنى ئاددىيلا تېڭىپ قويۇپ، دوختۇر ۋىليام بېئامونتنى چاقىردى. شۇنىڭدىن باشلاپ دوختۇر بېئامونت بىلەن بىمار مارتىن بىر-بىرىگە مەھكەم باغلاندى.

نەق مەيدانغا كېلىپ، يەردە ياتقان مارتىننى كۆرگەندىن كېيىن، دوختۇر بېئامونت كېسىپلا «بۇ بىمار 36 سائەتتىن ئارتۇق ياشىيالماسلىقى مۇمكىن» دېدى. يەنە كېلىپ ئەينى ۋاقىتتا ھەممەيلەن بىردەك، مارتىن بۇ بالا-قازادىن ئامان قالالمايدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. گەرچە، شۇنىڭدىن كېيىنكى 17 كۈن ئىچىدە مارتىن بىرەر نەرسە يېيەلمەي، يېگەن تەقدىردىمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يارا ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىپ، پەقەت ئوزۇقلۇق سۇيۇقلىقىغا تايىنىپ نىمجان تېنىنى ئاران ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆتىنچى ھەپتىسىگە بارغاندا ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى مۆجىزىلەرچە ئەسلىگە كېلىپ، يەپ-ئىچەلەيدىغان ۋە تەرەت قىلالايدىغان بولدى.
پەقەت خەتەرلىك ئۆتكەلدىنلا ئۆتۈپ كەتكەن مارتىننىڭ نورمال ئادەملەردەك ياشىيالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىدى. دوختۇر بېئامونت پۈتۈن ھۈنىرىنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، مارتىننىڭ تېشىلگەن ئاشقازىنىنى ساقايتالمىدى. تەخمىنەن 10 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، مارتىندا تەڭگە چوڭلىقىدىكى بىر ئاشقازان ئاقمىسى شەكىللىنىپ، ئاشقازان قىسمىدىكى يارا كۆكرەك بوشلۇقى سىرتىدىكى يارىغا چاپلىشىپ بىرلىشىپ كەتتى. مۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئاشقازىنىدىكى ماددىلار بەدەننىڭ سىرتىغا ئەركىن چىقىپ كىرەلەيدۇ، لېكىن قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ بەدەن بوشلۇقىنى چىرىتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈچلۈك ئاشقازان كىسلاتاسى يارا ئېغىزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ، شۇڭا يارا ئېغىزىنى تىكمىسىمۇ ياللۇغلىنىپ قالمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ يىللاردا ئانتىبىئوتىك دورىلار تېخى پەيدا بولمىغان. بۇنى «بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەخت» دېيىشكە بولىدۇ، ئەگەر ئاشقازان تېشىلمىگەن بولسا ئۇ يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.

شۇغىسنى، ھەر قېتىم غىزالانغاندا مارتىن داكا، ياغاچ پۇرۇپكا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن يارا ئېغىزىنى ئېتىپ قوياتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ بېلىنى ئەگسىلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئېقىپ چىقىشى مۇمكىن ئىدى. رېئاللىق رەھىمسىز. ھەتتا غىزالىنىشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلانغان مارتىن ناھايىتى تېزلا ئامېرىكا خۇرۇم شىركىتى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى. يەنە كېلىپ مارتىن ماكىناۋ ئارىلىنىڭ ئاھالىسى ئەمەس، شۇڭا كاناداغا قايتۇرۇۋېتىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.

مارتىننىڭ كېلىشمەسلىكلىرىگە دوختۇر بېئامونتنىڭ نەزىرى چۈشتى، بۇ ئەرنىڭ قايتىش سەپىرىدە ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، ئۇ مارتىننى ئېلىپ قېلىپ، يارىسىنى ھەقسىز داۋالاشنى قارار قىلدى. ئەمما دوختۇر بېئامونتنىڭ تېخىمۇ مۇھىم دەپ بىلگىنى، يەنىلا بۇ جاراھەتنىڭ قىممىتى ئىدى. ئەينى يىللاردا، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى كۆرمەكچى بولسا، چوقۇم قورساقنى يېرىشقا توغرا كېلەتتى. لېكىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنكى جەسەت ھاياتىي كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقاتقاچقا، ئادەم بەدىنىنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيەلىك جەريانىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئاشقازانغا ئائىت بىلىملەر ئىزچىل مۈجىمەل، نامەلۇم بولۇپ كەلگەن.
ئەمەلىيەتتە، ھايات ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئىلگىرى Lazaro Spallanzani ئىسىملىك بىر دوختۇر، خەتەرگە قارىماي ئۆز تېنىدە تەجرىبە قىلىپ، كۆپ قېتىم يېمەكلىك قاچىلانغان كىچىك رەخت خالتىنى يەپ، يېمەلىكلەر ئاشقازىنىدا بىردەم ھەزىم بولغاندىن كېيىن يەنە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ كانىيىدىن تارتىپ چىقىرىپ كۆزەتكەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىم ئاشقازاننىڭ زادى قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەن. ناھايىتى ئەپسۇس، ئۆزىنى ئاق چاشقان ئورنىدا تەجرىبە قىلغان بۇ دوختۇر، ئاخىرىدا يەنىلا ئاشقازان سۇيۇقلۇقى نېيتىرال بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا مارتىننىڭ ئاشقازان ئاقمىسىغا بېئامونت دوختۇر ئىنتايىن قىزىقتى.
مارتىننىڭ ئاشقازان قىسمىدىكى جاراھەتنى داۋالىغان مەزگىلدە، بېئامونت ئۇنىڭ مۇشۇ ئاشقازان ئاقمىسى ئارقىلىق پارچە-پۇرات كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئېرىشتى. ئاشقازان ئاقمىسى ئارقىلىق ئۇ ئاشقازان ئىچكى قىسمىدىكى ھەرىكەتنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسىنى ئۈچۈن ئېچىلغان بىر چوڭ ئىشىك بولۇپ، تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى دوختۇر بىلەن بىمار مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بېئامونت يەنىلا مارتتىنىڭ غوجايىنى. بىر يىلدىن كۆپرەك داۋالاش جەريانىدا، مارتىننىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەن ھەمدە قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن بۇ تېپىلغۇسىز تەجرىبە ئوبېيكتىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، بېئامونت مارتىننى ئالايىتەن ئىشچىلىققا ياللاپ، ئۆيىدە بىر قىسىم ئاددىي ئىشلارغا سالغان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇر بېئامونت ۋە بىمار مارتىن ئوتتۇرىسىدا، تارىختىكى ئەڭ غەلىتە دوختۇر بىلەن بىمار مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن.

ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا، بېئامونت يەنە مارتىننىڭ ئاشقازان ئاقمىسىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل قىزىقارلىق ئىلمىي تەجرىبىلەرنى ئىشلەيدۇ مەسىلەن، ئۇ ئاقما يارا ئېغىزى ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەزىم قىلىش پائالىيىتىنى بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدۇ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ باشقا ئالىملارنىڭ خىمىيەلىك ئانالىز قىلىشىغا بېرەلەيدۇ. ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئارغامچا بىلەن ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى مەسىلەن، كالا گۆشى، بولكا، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى ئاقما ئېغىزدىن ئۆتكۈزۈپ مارتىننىڭ ئاشقازانغا سالىدۇ. ھەر بىر بۆلەك ۋاقىتتا بېئامونت يېمەكلىكنى يەنە چىقىرىپ، ھەزىم قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ ۋە خاتىرىلەيدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا، ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسىنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان ئىككى خىل نەزەرىيە بار ئىدى. بىر تەرەپتىن، بەزىلەر ھەزىم قىلىش مېخانىكىلىق، يېمەكلىك ئەمەلىيەتتە ئاشقازاندا ئېزىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزىلەر بۇنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ، يېمەكلىك مەلۇم ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەرىپىدىن ئاشقازاندا ئېرىيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما تەجرىبە كەمچىل بولغانلىقتىن، ئالىملارغا ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقىرامدۇ، ياكى يېمەكلىك ئېچىغاندىن كېيىن ھاسىل بولامدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان ناھايىتى ئاسانلا يېمەكلىكنى ھەزىم قىلالىغان ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئاشقازان ئۆزىنى ھەزىم قىلالمايدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر يەنىلا ئايدىڭ ئەمەس ئىدى.

بۇ خاراكتېرىنى تېخى بېكىتىلمىگەن ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسى مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىگە مارتىننىڭ ئاشقازىنىدىن جاۋاب تېپىلدى. مارتىننىڭ ئاشقازىنىغا تايىنىپ، بېئامونتنىڭ تەجرىبىلىرى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولدى. 1825-يىلىدىن 1833-يىلىغىچە بولغان سەككىز يىل ئىچىدە، ئۇ مارتىننىڭ بەدىنىدە 238 قېتىم تەجرىبە ئىشلىدى ھەمدە جەمئىي 51 تۈرلۈك ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسىگە ئائىت يەكۈن چىقاردى. مەسىلەن، ئۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدا ئەسلىدىنلا تۇز كىسلاتاسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان، بۇ ئاشقازان ئاجرىتىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، يېمەكلىك ئېچىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس ئىدى. ئاشقازان يەنە ئاشقازان دىۋارىنى قوغدايدىغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىتىلىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى جەريان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ھەر خىل يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە چىقىرىۋېتىلىشىنى ئۆلچەپ چىققان، مەسىلەن، كۆكتاتلارنىڭ ھەزىم قىلىنىشى گۆشكە قارىغاندا ئاستا، خام گۆشنىڭ ھەزىم قىلىنىشى پىششىق گۆشكە قارىغاندا ئاستا بولىدۇ، دېگەندەكلەر.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بېئامونت ئاشقازان سۇيۇقلۇقىدا يەنە تۇز كىسلاتاسىدىن باشقا ماددىلارمۇ ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىدۇ، دەپ قارىغان. بۇمۇ كېيىن ئالىملارنىڭ ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتى ۋە ياغ فېرمېنتى قاتارلىقلارنى بايقىشىغا ئاساس سالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مارتىننىڭ ئاشقازان ئاقمىسى نۇرغۇن ئالىملار ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ئاقما ئېچىپ، ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىشىغا ئىلھام بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى رۇسىيە فىزىئولوگىيە ئالىمى ئىۋان پاۋلوفنىڭ ئىتلارنىڭ تېنىدە تاماملىغان داڭلىق شەرتلىك رېفلېكس تەجرىبىسى. دەل مۇشۇ خىل ئاقما ئوپېراتسىيەسى پاۋلوفنى ئىتنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىنى كۈزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

1838-يىلى، بېئامونت ئېرىشكەن بارلىق بىلىملەرنى توپلاپ، «ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيەسى تەجرىبىسى ۋە كۆزىتىش» دېگەن ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرغان. بۇ تارىختا ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتى، ئاجرىلىشى ۋە ھەزىم قىلىنىشى تۇنجى بولۇپ تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىلمىي ئەسەر. دەل مۇشۇ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر بار بولغانلىقتىن، بېئامونت «ئاشقازان فىزىئولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى» دېگەن ھۆرمەتلىك نامغا سازاۋەر بولغان.

لېكىن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر مارتىننىڭ ئازابى ئۈستىگە قۇرۇلغان. گەرچە بېئامونتنىڭ تەسۋىرىدە، تەجرىبە قىلغاندا مارتىن ئازاب ھېس قىلمىغان، قانداقلا بولمىسۇن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنى ئالمىسىمۇ، ئۆزلىكىدىن ئاقما يارا ئېغىزىدىن ئېقىپ تۇرغان» بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ تەجرىبىلەر مارتىننى قاتتىق بىئارام قىلىپ، ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە ئۇنىڭدا باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ھەمدە قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پۈتكۈل تەجرىبە جەريانىدا دوختۇر مارتىننىڭ تېنى ۋە كەيپىيات ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي، ئەينى ۋاقىتتا بېئامونت ھەتتا تېرمومېتىر، قوشۇق قاتارلىق ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى مارتىننىڭ ئاشقازىنىغا سالغان.

گەرچە مارتىن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان ھەمدە مۇئەييەن ئىش ھەققى ئالالايدىغان بولسىمۇ، لېكىن تەجرىبە ئۇنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ تۇرغان. دوختۇر بۇ «ئاق چاشقان»نىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق، ئەمما مارتىن ئايالى ۋە بالىسىنىمۇ كۆرەلمەيدۇ. ئىلگىرى مارتىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن بېئامونت بۇ خىراجەتنى يەنە تۆلەشنى خالىمىغان. شۇڭا، يۇرتىنى سېغىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن مارتىن كاناداغا قايتىپ كەتكەن. بېئامونتنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ «قېچىپ كېتىش» ئىدى.

شۇ قېتىمقى ئايرىلىشتىن كېيىن، ئۇلار قايتا كۆرۈشمىدى. گەرچە بېئامونت كۆپ قېتىم مارتىن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ قايتىپ كېلىپ تەجرىبىگە داۋاملىق ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مارتىن باشتىن-ئاخىر قوشۇلمىدى. ئائىلە سەۋەبىدىن باشقا، ئۇنىڭ سالامەتلىكىمۇ بۇ خىل ئازابلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. 1853-يىلى ئاپرېلدا، دوختۇر بېئامونت مۇز تۇتقان پەلەمپەيدە تېيىلىپ كېتىپ 68 يېشىدا قازا قىلدى. ھالبۇكى، مارتىن بېئامونتتىن 27 يىل ئارتۇق ياشىدى. ئۇنىڭ ئاشقازان ئاقمىسى ئەزەلدىن ساقىيىپ پۈتۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن 86 يىل ئۆمۈر كۆردى. «ئاق چاشقان» بولۇشتىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ئەمدى ھاجىتى يوق، مارتىننىڭ كۈنلىرىمۇ راھەت، ئىللىق بىر ئائىلىسى بار، پەرزەنتلىرى بىرلىكتە بەختلىك ياشىدى.

لېكىن، بېئامونتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مارتىن يەنىلا بۇ ئىشلاردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمىدى. بۇ تەجرىبىلەر مارتىننى مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق بىمارلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. نۇرغۇن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزدى. 1856-يىلى يالغاندىن ئۆزىنى دوختۇر دەپ ئاتىۋالغان بىر ئالدامچى ھەتتا مارتىننى سېرك ئۆمىكىنى ئالداپ ئېلىپ كەلگەن. سېرك ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، مارتىن 10 شەھەردە سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىپ، خۇددى غەلىتە مەخلۇققا ئوخشاش ئامما تەرىپىدىن ئورىۋېلىنىپ، مارتىننىڭ ئاشقازىنىدىكى سىرلىق تۆشۈكنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇ ئالدامچىمۇ نۇرغۇن پۇل تاپقان.

باشقىلار دائىم ئۇنىڭ تەمەسىدە يۈرگەنلىكتىن، ھەتتا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتى ئوغرىلىنىشىدىن ئەنسىرىگەن. جەسەتنى تېزراق چىرىتىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى تۆت كۈن ئاپتاپقا قاقلاپ قويغان. ئوغرىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ جەسىتىمۇ بىر بەلگىسىز قەبرىگە كۆمۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، باشقىلارنىڭ جەسىتى ئادەتتە ئالتە فۇت چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلسە، مارتىننىڭ جەسىتى سەككىز فۇت چوڭقۇرلۇقتا كۆمۈلگەن ھەمدە ئېغىر قورام تاش بىلەن باستۇرۇپ قويۇلغان. 1962-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ نەۋرە قىزى كېن ئاندىن بۇ قەبرىنىڭ ئورنىنى ئېيتىپ بەرگەن. مارتىننى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئەتراپتىكى بىر تاختىغا مۇنداق يېزىلغان: ئۇنىڭ ئازابى، ئىنسانىيەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى.

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-28 / 01:13:23

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ