ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقسېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

رەڭگارەڭ نەرسىلەر ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىغىدىقلاپ، ئوخشىمىغان تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ، يېمەكلىكلەرمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يېقىندا گرېتسىيە «مېترو» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر تەبىئىي تۇيغۇ ئارقىلىق سېرىق رەڭ بىلەن خۇشاللىق ھېسسىياتىنى بىرلەشتۈرۈپ، سېرىق رەڭلىك يېمەكلىك يېگەندە، بەدەن يۇقىرى دەرىجىدە بەخت ھورمونى قويۇپ بېرىپ، بەخت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىكەن.

پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بوۋاق مەزگىلىدىلا رەڭ بىلەن مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئارىسىدا، سېرىق رەڭ چوڭ مېڭىنىڭ سول تەرىپىنى، يەنى لوگىكا قاتلىمىنى غىدىقلايدىكەن، شۇڭا سول مېڭە دائىم سېرىق رەڭنى ئىللىق ھەم خۇشال نەرسە دەپ چۈشىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى 1000 پىدائىينىڭ ئالدىغا ئون تۈرلۈك يېمەكلىكنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭە ئىنكاسىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە، %70سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ تەبىئىي ھالدا سېرىق رەڭلىك يېمەكلىك بىلەن ئوچۇق كەيپىياتنى باغلىغانلىقى بايقالغان. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، %61 ئادەم «تۇخۇم پوشكىلى»نى ئەڭ راھەت يېمەكلىك دەپ جاۋاب بەرگەن، « پىشلاق كاۋاك ئۈگرە»سىنىڭ بېلەت سانى % 55كە يەتكەن، بېلەت سانى كۆپرەك بولغىنى «بانان»، «قاتلىما نان»،« يېرىم پىشقان تۇخۇم» قاتارلىقلار بولغان.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا نېرۋا پىسخولوگ دوكتورى داۋىد لېۋىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى رەڭ بىلەن كەيپىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە نەچچە يۈز تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە «سېرىق رەڭلىك» يېمەكلىكلەر شۇنچە كۆپ ئاكتىپ كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ھەيران قالدۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە، سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر روھى چۈشكۈنلۈشۈشكە قارشى تۇرىدىغان دورا ئىكەن.

كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-29 / 01:24:46

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ