سىفىلىس كېسىلى ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىفىلىس كېسىلى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بولۇپ ، ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بۇ كېسەللىك دەسلەپتە جىنسىي ئەزا ، تۈز ئۈچەي ياكى ئېغىزدا ئاغرىقسىز يارا سۈپىتىدە (شانكر ) پەيدا بولىدۇ. سىفلىس تېرە ياكى شىللىق پەردە ئۇچرىشىش ئارقىلىق كىشىدىن كىشىگە تارقىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە: سىفىلىس
ئىنگىلىزچە: syphilis
خەنزۇچە: 梅毒
تۈركچە: sifilis, frengi

بەزىلەر سىبلىس دەپمۇ ئاتايدۇ.

تۇنجى قېتىم سىفىلىس باكتېرىيەسىگە يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، سىفلىس باكتېرىيەسى بەدەندە كېسەل ئالامەتلىرى پەيدا قىلىشتىن بۇرۇن، بەدەندە يوشۇرۇن ھالەتتە (ئۆچەك ھالىتى، ئۇيقۇ ھالىتى) قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى، بۇ يوشۇرۇن دەۋرى ھەتتا 10 يىللارغىچە سوزۇلۇشى مۇمكىن. سىفىلىس يۇقۇملانغاننىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە داۋالىنىپ تەلتۆكۈس ساقىيىش ئاسان، بەزىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئانتىبىئوتىك يىڭنىسى (پېنىتسىللىن دورىسى) ئۇرۇش ئارقىلىقلا ساقىيىپ كېتىش مۇمكىن. ئەمما سىفىلىس ئەگەر داۋالانمىسا، يۈرەك ، مېڭە ياكى باشقا ئەزالارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ ھەمدە ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. سىفلىس ئانىدىن تېخى تۇغۇلمىغان تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش ئىھتىماللىقىمۇ بار.

 

سىفىلىس سەۋەبى:

سىفلىسنىڭ سەۋەبى Treponema pallidum دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيە. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىلىش يولى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا يۇقۇملانغۇچىنىڭ يارا يېرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ. تېرە ياكى شىللىق پەردىلەردە كىچىك كېسىپ ياكى سۈركىلىش ئارقىلىق باكتېرىيە بەدەنگە كىرىدۇ. سىفلىس دەسلەپكى ۋە ئىككىنچى باسقۇچتا ، بەزىدە دەسلەپكى يوشۇرۇن دەۋىردىمۇ يۇقۇش ئىھتىماللىق بولىدۇ.

سىفىلىس يۇقۇش يوللىرى:

قوغدىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللانماي تۇرۇپ بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋەيا سىفىلىس بىمارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، كۆپ جىنسىي ھەمرىيى بولۇش، سىفىلىس بىمارى بىلەن سۆيۈشۈش، ھامىلدار ئانىدىن تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش، تۇغۇش جەريانىدا يۇقۇش، قان ئېلىش…ئەھۋاللاردا يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ،

سىفلىس يۇقمايدىغان يوللار:

ئوخشاش مۇنچا، تازىلىق ئۆيى، كىيىم ئىشكىپى، قاچا قۇچىلارنى ئىشلىتىش، ئىشىك تۇتقۇچى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، سونالاردا يۇقمايدۇ.

داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، بەدەندە سىفلىس باكتېرىيەسى قالمايدۇ. ئەمما قايتا سىفىلىس باكتېرىيسى بولغان بىمارلار بىلەن يۇقارقى شەكىلدە ئۇچرىشىش بولسا، قايتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.

 

سىفلىسنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالامەتلىرى:

1. ئېرىشىشچانلىق ئاشكارا سىفىلىس كېسىلى

ساغلام ياشلار ۋە قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرگە سىفىلىس باكتېرىيىسى يۇقۇملانسا ئېرىشىشچانلىق سىفىلىس كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئېرىشىشچانلىق ئاشكارا سىفىلىس كېسىلى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

1) بىرىنجى باسقۇچ سىفىلىس
كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:
(1) ئاساسلىقى شانكر پەيدا بولىدۇ. يەنى مىكروپ يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى 7-60 كۈن ئىچىدە تېرىنىڭ بەزى قىسىملىرىدا شانكر پەيدا بولىدۇ. كۆپىنچە پەيدا بولىدىغان يەرلەر زەكەر، زەكەر بېشى، سۈيدۈك يولى ئېغىزى، چوڭ كىچىك جىنسىي لەۋ، دىلچىق، بالىياتقۇ بوينى ، مەقەت ئەتراپى ، مەقەت ئىچى … پەيدا بولغان شانكر يۇمۇلاق ياكى ئىللىپىس شەكىلدە بولىدۇ، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇچىدا يارا ئېغىزى بولىدۇ ئەمما ئاغرىق ۋەيا قىچىشىش بولمايدۇ، سەل قاتتىق بولىدۇ، شۇڭا بەزىدە قاتتىق شانكر دەپمۇ قويىدۇ. تېرىدىن يۇقىرىراق ئىششىپ چىقىدۇ، يارا ئۇچىدا ئاجراتما سۇيۇقلۇق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. 4-6 ھەپتە پەيدا بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
(2) ئەتراپ لېمفا بەزلىرىدە ئىششىق پەيدا بولىدۇ. شانكىر پەيدا بولغاندىن 1-2 ھەپتىدىن كېيىن، چات يېرىق لېمفا بەزلىرىدە ئىششىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ئىششىغان بەزلەردە بىربىرىگە چاپلىشىپ قېلىش ياكى ئاغرىش كۆرۈلمەيدۇ.

2) ئىككىنجى باسقۇچ سىفىلىس
بۇ باسقۇچتا ئاساسلىقى ئەسۋە كۆرۈلىدۇ. بىرىنجى باسقۇچ باشلىنىپ ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، 4-10 ھەپتە كېيىن، تېرىدە ئەسۋە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى سىفلىس باكتېرىيسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن قان ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسىغا تارقالغانلىقتىن بولىدۇ. ئەسۋە بەزىدە يىرىڭلىق تاشمىغا ئايلىنىدۇ. بۇلارنىڭ باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرۇش خەۋپى بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەردىن سىرت، قىززىش، گال ئاغرىش، ئورۇقلاش، بىنورمال ھارغىنلىق، چاچ چۈشۈش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاز ئەھۋاللاردا جىگەر يالۇغى، بۆرەك ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى، سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى، كۆز نېرۋىسى ياللۇغى، كۆز رەڭدار پەردىسى ياللۇغى… قاتارلىق كېسەللەرمۇ بىللە كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

3) ئۈچىنجى باسقۇچ سىفىلىس
بىرىنجى باسقۇچ سىفلىس ئالامەتلىرى پەيدا بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، 3-15 يىللار ئارىلىقىدا ئۈچىنجى باسقۇچ سىفىلىس دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ باسقۇچتا 15% بىمار ياخشى سۈپەتلىك كەچ سىفلىس ئۆسمىلىرى، 15-20% بولسا ئېغىر دەرىجىلىك كەچ سىفلىس كېسىلى، 6.5% نېرۋا خاراكتىرلىك سىفىلىس، 10% سىفلىسلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا سىفىلىس كەچ ئالامەتلىرى… قاتارلىق ھالەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى سىفىلىس دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنالماسلىق سەۋەبلىك، سىفىلىس باكتېرىيىسى پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىغا بېرىپ يەرلىشىپ شۇ يەردە كۆپىيىش سەۋەبلىك بولىدۇ. تېرىدە سىفىلىس ئۆسمىسى شەكىللەندۈرىدۇ، نېرۋا سىستېمىسى يۇقۇملانغاندا نېرۋا خاراكتىرلىك سىفىلىس ئالامەتلىرى مەسىلەن سىفىلىس سەۋەبلىك مېڭە ياللۇغى، پالەچلىك گومۇشلۇق، يۇلۇن ياللۇغى، تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش… قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچىنجى باسقۇچقا كىرگەن بىمارلار ئادەتتە باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرمايدۇ.

2. ئېرىشىشچانلىق يوشۇرۇن سىفىلىس كېسىلى

سىفىلىس باكتېرىيىسىگە يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىقىپ (يەنى تەكشۈرۈشتە باكتېرىيە بار) ئەمما بەدەندە ئالامەت پەيدا بولمىسا، ۋەيا يۇقۇملانغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئالامەت كۆرۈلۈپ ئاندىن ئۇزۇن مۇددەت ئالامەتلەر كۆرۈلمىسە، يوشۇرۇن سىفىلىس دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ.

3. ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى سىفىلىس

ھامىلدار ئانا سىفىلىس بىلەن يۇقۇملانسا، تۆرەلمە بوۋاققا بالا ھەمرىيى ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئانىدا تومۇر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىغا، بالدۇر تۇغۇپ قويۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئانىلارلا ساغلام بالا تۇغالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تۇغۇت جەريانىدىمۇ ئانىدىن تۇغۇلغان بالىغا يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئانىدىن تۆرەلمە بوۋاققا ياكى تۇغۇلۇۋاتقان بوۋاققا يۇقسا، بۇ بوۋاق تۇغما سىفىلىس بىمارى ھىساپلىنىدۇ.

4. تۇغما ئاشكارا سىفىلىس

تۇغما سىفلىس تۆرەلمە بوۋاقلارغا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ۋە كىچىك بالىلارغا قارىتىلغان ئىسىم. كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە تۇغما ئاشكارا سىفىلىس، ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە تۇغما يوشۇرۇن سىفىلىس دەپ ئاتىلىدۇ.

(1) بالدۇر تۇغما سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار تۇغۇلغاندا ئورۇق ھەم كىچىك بولىدۇ. تۇغۇلۇپ 3 ھەپتىدىن كېيىنلا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىنىدۇ، بۇ سەۋەبتىن بالدۇر تۇغما سىفىلىس كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ لىمفا تۈگۈنلىرى ئىششىپ كېتىدۇ يۇ چاپلىشىش ، ئاغرىش كۆرۈلمەيدۇ. تۇغۇلۇپ 6 ھەپتىدىن كېيىن تېرە زەخىملىنىش، ئەسۋە، تېرە تاشلاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە يۇمشاق سۆڭەك ياللۇغى، سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى، تال يوغىناش، قان پلاستىنكىلىرى ئازلىق، قان ئازلىق، نېرۋا خاراكتىرلىك سىفىلىس ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. شانكر كۆرۈلمەيدۇ.

(2) كەچ تۇغما سىفىلىس : 2 ياشتىن كېيىن سىفىلىس ئالامەتلىرى كۆرۈلسە كەچ تۇغما سىفىلىس دەپ ئاتايدۇ. بۇلاردىكى ئالامەتلەر كۆپىنچە ئىسكىلىت، كۆز، چىش، نېرۋا سىستېمىسى، تېرە قاتارلىق ئورگانلىرىغا ئۆمۈرلۈك زەخىم يەتكۈزۈپ بولغان بولىدۇ. ئېگەر بۇرۇن، خوتچىنسون Hutchinson چىش قاتارلىقلار كۆرۈلگەن بولىدۇ. بۇ ئالامەتلەر كۆپىنچىسى 2 ياشتىن بۇرۇن باكتېرىيە يۇقۇملىنىپ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىغانلاردىكى قېلىپ قالغان ئەگەشمە ئالامەتلىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئەگەر بۇ بالا بەدىنىدىكى باكتېرىيەلەر ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، بالىدا كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى، بوغۇملارغا سۇ يىغىلىش، مېڭە سۈيىدە ئۆزگىرىشلەر، نېرۋا خاراكتىرلىك گاس، كۆز مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، جىگەر تال يوغىناش، سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى ، بارماق ياللۇغى، تېرە شىللىق پەردىسى زەخىملىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 

 

ئېگەر بۇرۇن
ئېگەر بۇرۇن
خوتچىنسون چىشى
خوتچىنسون چىشى

5. تۇغما يوشۇرۇن سىفىلىس

سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىدىن تۇغۇلغان ، ۋاقتىدا داۋالانمىغان ، كلىنىكىلىق ئىپادىسى يوق ، ئەمما سىفىلىس تەكشۈرۈشى مۇسبەت چىققان ، 2 ياشتىن كىچىكلەر دەسلەپكى تۇغما يوشۇرۇن سىفىلىس بولىدۇ ، 2 ياشتىن يۇقىرىلار بولسا كەچ تۇغما يوشۇرۇن سىفلىس بولىدۇ.

 

سىفىلىس كېسىلىنى قايسى بۆلۈم تەكشۈرىدۇ؟

خانىم قىزلار تېرە كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنسە بولىدۇ.
ئەرلەر تېرە كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنسە بولىدۇ.

 

سىفىلىس قانداق تەكشۈرۈلىدۇ؟

  • سىفىلىس يۇقۇملانغانلىقتىن شۈبھىسى بولسا، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. قان تەكشۈرۈش ئىچىدە VDRL, RPR, TPHA-İ FTA-ABS قاتارلىق تەكشۈرۈشلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  • بەدەن فىزىكىلىق تەكشۈرۈش يەنى جاراھەت بولغان يەرنى تەكشۈرۈشمۇ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
  • جاراھەت، شانكىردىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
  • سىفىلىس شۈبھىسى بولسا، ئەيدىز HIV تەكشۈرۈشىنىمۇ چوقۇم بىللە قىلدۇرۇشى كېرەك.

 

سىفلىس كېسىلىنى قانداق داۋالايدۇ:

سىفىلىس داۋالاش پىرىنسىپى:

غەرىپ مېدىتسىىناسىدا، سىفىلىس كېسىلىنى قانچە بالدۇر ، قانچە توغرا، قانچە يېتەرلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چۈنكى سىفىلىس كېسىلىنىڭ داۋاسى بار. بولۇپمۇ سىفىلىس كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدا توغرا داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقىلى، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كەچ باسقۇچىلىرىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، گەرچە بەدەندىكى باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرگىلى بولسىمۇ، ئەمما زەخىمگە ئۇچرىغان ئورگان توقۇلمىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.

سىفىلىسنى داۋالاش ئۇسۇللىرى:

دوختۇرلار بىمارنى تەكشۈرۈپ توغرا دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قارىتا تۆۋەندىكى داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ.

  • ھازىرقى مېدىتسىنادا سىفىلىسنى داۋالاشنىڭ بىرىنجى تاللىشى: پېنىتسىللىن . ئەگەر پېنىتسىللىنگە زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا، تېتراسىكلىن ، ئېرىترومىتسىن قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىدۇ.
  • تاللانغان دورىلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قارىتا، دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش داۋام قىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ.
  • بىرىنجى، ئىككىنجى، يوشۇرۇن باسقۇچلۇق سىفىلىس بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشى نورمالدا داۋالىنىش 2-3 ھەپتە داۋام قىلىدۇ.
  • ئۈچىنجى باسقۇچ ۋە ئېغىر سىفىلىس بىمارلىرىنىڭ داۋالىنىشى 15-20 كۈن داۋام قىلىنىدۇ، ۋە 2 ھەپتە ئارىلىق تاشلىغاندىن كېيىن تەكرار بىر قېتىم 15-20 كۈنلۈك داۋالاش قىلىنىدۇ.
  • نېرۋا خاراكتىرلىك سىفىلىس بىمارلىرى كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرخانىدا يېتىپ تۇرۇپ داۋالىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
  • ھامىلدار سىفىلىسى بىمارىنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن، ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كۈزىتىشى ئاستىدا، 15-20 كۈنلۈك داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. پېنىتسىللىن ۋەيا ئېرىترومىسىن دورىسى ئىشلىتىلىدۇ. تۇغۇلغان بوۋاققا پېنىتسىللىن دورىسى بېرىلىدۇ.

يۇقارقى داۋالىنىش پىلانلىرى، ئۇسۇللىرى، تەكشۈرۈشلىرى تورداشلارنىڭ سىفىلىسقا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇش ئۈچۈن بېرىلدى. مەخسۇس داۋالاشنى چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرلارنىڭ بىمارنى كۆرۈپ باھالىشى، توغرا دىئاگنوز قويۇشى ۋە كۈزىتىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. تورداشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قارا قۇيۇق دورا ئېلىپ ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم.

 

ئېرىمدە سىفىلىس بار ۋە داۋالانماقچى، مەندە ئالامەت يوق، مەن داۋالىنىشىم كېرەكمۇ؟

جىنسىي ھەمرىيىدە سىفىلىس بولسا، قارشى تەرەپمۇ چوقۇم تەكشۈرتۈشى ئەگەر تەكشۈرۈشتە سىفىلىس چىقسا چوقۇم داۋالىتىش لازىم. چۈنكى سىفىلىس يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر جىنسىي يۇقۇملۇق كېسىلى.

 

سىفىلىستىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

1. قالايمىقان بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك. كۆپ جىنسىي ھەمرىيى بولماسلىق كېرەك. ھەمجىنىس (ئەرلەر بىلەن ئەرلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ) بولماسلىق كېرەك.
2. بىمارنىڭ جىنسىي ھەمراھىنى ئىز تېپىش كېرەك، بىمارنىڭ بارلىق جىنسىي ئالاقىسى بولغان كىشىلەرگە خەۋەر بېرىش، كېرەك بولغاندا داۋالىنىشى كېرەك، بىمار ۋە جىنسىي ھەمرىيى داۋالىنىپ ساقايغۇچە جىنسىي پائالىيەتتىن چەكلىنىشى كېرەك.
3. شۈبھىلىك بولغان كىشىلەرگە چوقۇم سىفىلىس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، ئەگەر كېسەللىك بايقالسا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.
4. تويدىن بۇرۇن ئەگەر سىفىلىس بايقالسا، بىمار داۋالىنىپ ساقايغىچە توينى كېچىكتۈرۈش كېرەك.
5. ئەگەر قان تەغدىم قىلماقچى بولسا، چوقۇم مۇنتىزىم قان بېرىش پونكىتىغا بېرىش كېرەك. قان سېلىش كېرەك بولغاندا، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا قان سالدۇرۇش كېرەك.
6. چىش داۋالاش، ھاجامات، زۈلۈك داۋالاش ۋە باشقا تېرە، شىللىق پەردە قاتارلىق ئورۇنلارنى كېسىش، تىشىش ئەھۋاللىرى بولدىغان داۋالاشنى چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاش مەركەزلىرىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

تەييارلىغۇچى :
نۇرمەمەت دانىش

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-22 / 06:33:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ