سۆڭەك شالاڭلىشىش ھەققىدە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۆڭەك شالاڭلىشىش ئوتتۇرا ياش-ياشانغانلار (بولۇپمۇ ئاياللار) ئەڭ كۆپ گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سۆڭەكنىڭ زىچلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەش، كۆپ كاۋاكلىشىش، چۈرۈك بولۇپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاياللاردىكى ھورمۇن-ئانىلىق ھورمۇن بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئاياللاردا ھەيز توختاپ كەتكەندىن كېيىن، ئانىلىق ھورمۇن ئازىيىپ كەتسە، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ، كالتسىيمۇ ئاسان شۈمۈرۈلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئىچىدە، كالتسىي يېتىشمەسلىك ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنە ئاشقازىنى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەنلەر، ئۇزۇن مۇددەت سېرىقلىق چۈشكەنلەر ۋە ئىنچىكە ئۈچىيى ئارقىلىق يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي شۈمۈرۈشكە ئامالسىز قالغان بىمارلار ياكى بۆرەك كېسىلى، سوزۇلما جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، تۇخۇمداننى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغانلاردا بۇ خىل كېسەللىك پەيدا بولىدۇ، جەمەتىدە كېسەللىك تارىخى بارلاردىمۇ ئاسان پەيدا بولىدۇ. مەزكۇر كېسەلگە گىرىپتار بولسا سۆڭەكنىڭ دەزلىرى كۆپىيىدۇ، بوي پاكارلايدۇ، پاقالچاق، ساغرا ۋە غول ئاغرىيدۇ، ئاسانلا ئومۇرتقا سۆڭىكى يانغا ئېگىلىپ قېلىش، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

يانپاش بوغۇمى ۋە غول ئاغرىش مەزكۇر كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.نۇرغۇن بىمارلاردا توساتتىن ئۆزلۈكىدىن سۆڭەك سۇنۇش يۈز بېرىدۇ، سۆڭىكى كۆپ ئورۇندىن سۇنۇشى مۇمكىن. X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، بىمارنىڭ سۆڭىكىنىڭ شالاڭلاشقانلىقى، سۆڭەك پوستلاق ماددىسىنىڭ نېپىزلەپ كەتكەنلىكى، ئومۇرتقا سۆڭىكى ئارىلىق تەخسىلىرىنىڭ ئۇرچۇق شەكىلدە يوغىناپ يۈزىنىڭ پۇلتىيىپ چىققانلىقى، ئېغىز دىئامېتىرىنىڭ ئىنتايىن كىچىكلەپ قۇشنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ. قاننى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە، قان زەردابىدىكى ئىشقارلىق فوسفاتازا مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ قالغانلىقى، قاندىكى فوسفور مىقدارى ۋە كالتسىي مىقدارى تۆۋەنلەپ قالغانلىقى بايقالسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولىدۇ. سۆڭەك شالاڭلشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار كالتسىي تولۇقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىتامىن D، ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C لارنى تولۇقلىشى زۆرۈر، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

كالتسىي يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب، ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن باشقا، زىيادە كۆپ ئاقسىل قوبۇل قىلىشىمۇ بەدەندىكى كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كۆپلەپ گۆش ئىسستېمال قىلسىمۇ سۆڭەكتىكى كالتسىي ئازىيىپ كېتىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، گازلىق سۇ، قەھۋە، قاتارلىق ئىچىملىكلەرمۇ كالتسىينىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە ئۆرۈك مېغىزى، مۇقاتىل، پالەك ئىستېمال قىلىش مىقدارىغا دىققەت قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا چۆپ كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇ كالتسىينىڭ بەدەنگە شۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، دائىم ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەڭشەش، تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەر بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلىنىشتىن باشقا، يەنە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك بايقالسا بالدۇرراق داۋالىنىش لازىم.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددا

ۋىتامىن D، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، كالتسىي، ماگنىي، بور، گۈڭگۈرت، سىنك.

كۆپرەك ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

كۆكتات: سەرەبىل، باش پىياز، كاللەكبەسەي قاتارلىقلار.

دانلىق ئاشلىق، قارا ئاشلىق: قارا بۇغداي، ئۈچكىلىك مېۋىلەر، سۇلۇ، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، بۇغداي ئۇنىدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىك قاتارلىقلار.

باشقىلار: تۇخۇم، پىشلاق، خەيدەي قاتارلىقلار.

بېلىقلاردىن سالمون بېلىقى، ساردىنا بېلىقى، كامبالا بېلىقى قاتارلىق كالتسىينىڭ ياخشى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە:مۇستافا – مىراسىم ئۇيغۇر تىبابەت دەرىسخانىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-19 / 07:13:42

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ