ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىسۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بالىلىقتىن باشلاش كېرەك

سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بالىلىقتىن باشلاش كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلى ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن بولۇپمۇ 60 ياشتىن ھالقىغان ئاياللارنىڭ بۈ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %70 كە يېتىدىكەن شۇڭا سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بالىلىقتىن باشلاش كېرەك

سۆڭەك شالاڭشىش كېسىلى سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە سۆڭەك توقۇلمىلىرىدىكى مىكرو قۇرۇلمىلارنىڭ رودمېدلىشىشدىن پەيدا بولىدىغان بىر خىل سۆڭەك كېسىلى بولۇپ ، 0—20 ياشقىچە بولغان مەزگىل سۆڭەكلەرنىڭ تېز ئۆسۈۋاتقان مەزگىلى ، 20—30 ياشقىچە سۆڭەكلەرنىڭ بىر قەدەر ئاستا ئۆسۈش مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن .

شۇڭا ئۆسمۈرلەر–بالىلار ۋە ياشلار كۆپرەك كالتىسىي تولۇقلاپ ، سۆڭەكلەرنىڭ تويۇنۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن . ئۆسمۈر بالىلار ۋە ياشلار كالتىسىي تولۇقلاشتا يېمەكلىكنى ئاساس قىلىشى يەنى تەركىبىدە كالتىسىي مول بولغان سۈت ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، شورپا ، كۈنجۈت قىيامى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ، يەنە كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن .

ئاياللار ھەيز توختىغاندىن كېيىن ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 800 مىللىگرام كالتىسىي تولۇقلىشى ، ئەرلەر كالىتسىي تولۇقلىغاندىن سىرت ، كوللاگېنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ سۆڭەكنىڭ ئەۋرىشملىكنى ئاشۇرۇشى كېرككەن .

ياشانغانلار ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبلىك يېتەرلىك كالتىسىيغا ئېرىشەلمەيدۇ . شۇڭا كالىتسىينىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قىسىم دورىلارنىڭ ياردىمىدە كالىتسىي تولۇقلىسا بولىدىكەن .

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:57:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ