ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرىسوقۇر ئۈچەي ياللۇغى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش 2-قىسىم

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش 2-قىسىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سوقۇر ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى ئالدىنقى مەزمونلاردا تونۇشقان ئىدۇق. بۇ يازمىدا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى قانداق داۋالاش، قانداق ئالىدىنى ئېلىش ۋە ئوپىراتسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىنىمىز.

سوقۇرئۈچەي ئورنى
سوقۇرئۈچەي ئورنى
سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى
سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى

ئالدىنقى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرەلەيسىز.

سوقۇر ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ھەققىدە بىلىملەر 1-قىسىم

بىز ئۆزىمىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسەك، ئۆيدە قانداق تەكشۈرىمىز؟

ئەگەر قوسقىڭىز ئاغرىپ توختىمىسا، ھەم بۇ ئاغرىق ئاخىرى ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىغا مەركەزلەشسە، سىز قوسقىڭىزنىڭ شۇ قىسمىنى چىڭ بېسىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر شۇ قىسىمدا قاتتىق ئاغرىپ بولۇپ كىتىپ كەتسە، قولىڭىزنى ئىتتىك تارتقاندا بۇ ئاغرىق ئازالماي، تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىپ كەتسە، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسىڭىز بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بىر نەرسە يىمەڭ ئىچمەڭ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ. ئەمما ھەرگىزمۇ جىددىيلەشمەڭ.

بۇ ئاغرىقلار باشقا كېسەللىكلەردىمۇ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

باشقا كېسەللىكلەردىمۇ مۇشۇ قورساق ئاغرىقى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن بۆرەك تېشى ئاغرىقى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ھامىلىلەردىكى بەزى قوساق ئاغرىقى، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان ياللۇغى ئاغرىقلىرى، تۇخۇمدان يولى بۇرقۇلۇپ كېتىش، چوڭ ئۈچەي ياللۇغلىرى ۋە باشقا كېسەللىكلەرمۇ بۇنداق ئاغرىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بەدەن تەكشۈرۈشتىن سىرت، قان تەكشۈرۈش، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش، سى تى ۋە ياكى ئەم ئار قاتارلىق تەكشۈرۈشلەر ھەر زامان لازىم بولىدۇ.

قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپتە ئاغرىق پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار
قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپتە ئاغرىق پەيدا قىلىدىغان ئەھۋاللار

سوقۇر ئۈچەي ئىششىپ تىشىلىپ كىتىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟

بۇ خىل ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ، تىشىلىپ كەتكەندە كۆپىنچە بىمارلارنىڭ ئۇ ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسمىدىكى ئاغرىق ئازىيىدۇ. ئاغرىق پۈتۈن قوساققا تارايدۇ. بۇ ئاغرىق ئازىيىش گەرچە بىمار ۋاقىتلىق راھەتلەنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قوساق ئىچىدە باشقا يەرلەردە جىددىي ياللۇغ پەيدا قىلىپ، ئۈچەيلەر بىر بىرىگە يېپىشىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ، تېخىمۇ ئېغىرراق بولغاندا بىماردا ئۆلۈم خەۋپى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئاغرىقلارغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى قانداق داۋالايدۇ؟

جىددىي سوقۇر ياللۇغىنىڭ دىئاگنوزى قويۇلسا، ھەم ئەھۋال ئېغىر ھىساپلانسا، جىددىي ئوپىراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋېتىش كېرەك. بۇ ئوپىراتسىيە بەك چوڭ بىر ئوپىراتسىيە ئەمەس، كۆپ كەتسە يېرىم سائەت بىر سائەت سۈرىدۇ، ساقىيىشىمۇ تېز بولغان بىر كېسەللىك. ئەمما شۇ چاتاق يېرى، ئوپىراتسىيە قىلىنمىسا، قاتتىق ئاغرىق ھەم تىشىلىپ كىتىش خەۋپى بولغاچقا، جىددىي داۋالىتىش لازىم.

بەزى بىمارلار، جىددىي سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولغاندا، ۋاي مەن ئەتە ئۆگۈن كېلىپ داۋالىتىۋالاي، ھازىر قېشىمدا پۇل يوق دىيىشى مۇمكىن. ئەمما جىددىي سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ھەرگىزمۇ ئەتە ئۆگۈن پۇل تاپقاندا ۋاقىت چىققاندا داۋالىتىدىغان كېسەللىك ئەمەس. چۈنكى سوقۇر ئۈچەي ئىششىپ تىشىلىپ كەتسە بىماردا ئۆلۈم خەۋپى بولىدۇ. بۇنى قايتا قايتا دىيىشىمنى ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار.

سوزۇلما خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا قارىتا داۋالاش قارارىنى بېرىدۇ. ئەگەر دىئامىتىرى 6-7 مىللىمىتىر بولغان باشلانغۇچ دەۋىردىكى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولسا، شۇ بىماردا بەك ناچار ئالامەتلەرنى پەيدا قىلمىغان بولسا، ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى بېرىپ بىمارنى كۈزىتىدۇ . ئەگەر بەدەندىكى ئالامەتلەر ئېغىرلاپ كەتسە، ياكى تىشىلىپ كېتىش ئەھۋللىرى كۆرۈلسە شۇ زامان ئوپىراتسىيەگە ئالىدۇ. ئەگەر ياللۇغ ئىششىق دورا بىلەن يانسا، ئوپىراتسىيەگە كېرەك قالمايدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسى ئوپىراتسىيە قانداق بولىدۇ؟ خەتىرى بارمۇ؟

بۇرۇنقى زامانلاردىمۇ سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەلىرى بولۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن. 1735 يىلى 12 ئاينىڭ 6 كۈنى، لوندوندىكى سانتا گىئورگى دوختۇرخانىسىدا، تارىختىكى تۇنجى ھەقىقىي نام بېرىلگەن سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلىپتىكەن. ئەمما تاكى 19 ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا، سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسىنى تولۇق قىلالمايدىكەنتۇق. كېيىن يېقىنقى 100 يىلدا، ئوپىراتسىيە قىلىش تېخنىكىلىرى ئىلغارلاپ كەتتى. سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەلىرى كۆپ ئېلىپ بېرىلدى. ھەم بارا بارا خەتىرى ئاز بولغان كىچىك ئوپىراتسىيە ھىساپلىنىدىغان بولدى. ھەتتا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرلىرى كەسپىي ھاياتىدا ئەڭ كۆپ شۇ سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسى قىلىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ.

تارىختىكى بىرىنجى نام بېرىلگەن سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى
تارىختىكى بىرىنجى نام بېرىلگەن سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى

ئوپىراتسىيە نورمالدا ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ. بىرسى قوساقنىڭ شۇ قىسمىنى بىراز كېسىپ ئېچىپ سوقۇر ئۈچەينى تاپىدۇ، كىسىپ ئالىدۇ. شۇ يەردە بىر ئۈچ تۆت يىپلىق تاتۇق ئىز قالىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا، ئىككى نەيچىنى ئوڭ سول تەرەپتىن تىشىپ تىقىپ تۇرۇپ، كامىرا بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇ يىپلىق تاتۇق ئەمەس بەلكى كىچىك تۆشۈكنىڭ ئىزى قالىدۇ. بۇ خىل ئوپىراتسىيەنىڭ كۆرۈش دائىرىسى سەل تارراق بولىدۇ. قايسى خىل ئوپىراتسىيە قىلىشنى ئادەتتە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇر ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق  بولغاندىن كىيىن، بىمارنى  1-2 كۈن دوختۇرخانىدا كۈزىتىدۇ. بىمارنىڭ مەقەتتىن يەل چىقىرالىغاندا، بەدەن ئەھۋالى سەل ياخشى بولغاندا ئۆيگە ئەۋەتىلىدۇ. بىر ھەپتە ياكى 10 كۈندىن كېيىن قايتا شۇ ئوپىراتسىيە قىلغان دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بەدەن ئەھۋالىنى قايتا باھالايدۇ.

سوقۇر ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋىتىش
سوقۇر ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋىتىش
لاپاروسكوپىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى
لاپاروسكوپىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى
سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى
سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى

ئەمدى ، سوقۇر ئۈچەينىڭ خەتىرى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە خەتىرى بار، ئەلۋەتتە. ئۇف….  ھەرقانداق ئوپىراتسىيەنىڭ خەتىرى بولىدۇ. مەيلى ئۇ قانچە ئاددى ۋەيا قىسقا ئوپىراتسىيە بولسۇن. قان جىق چىقىپ كىتىش، قوساق ئىچىگە ياللۇغ يامراپ كىتىش، ھەتتا ئوپىراسىيە جەريانىدا باشقا ۋەقە چىقىپ بىمار ئۆلۈپ كىتىش ئەھۋالىمۇ بولىدۇ. گەرچە، بۇ خىل ئەھۋاللار ناھايىتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما يوق دىگىلى بولمايدۇ. ئەمما بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. دوختۇرلار تىرىشىدۇ، ئاللاھ ساقلايدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى باھاسى قانچە؟

تۈركىيەدە دۆلەت ئىناۋەتلىك سۇغۇرتىڭىز بولسا، دۆلەتلىك دوختۇرخانىدا ھەقسىز ئوپىراتسىيە قىلىدۇ. ئەگەر بولمىسا، نورمال ئەھۋاللاردا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى 2000-6000 لىرا ئەتراپىدا بولىدۇ. تەكشۈرۈشلەر بۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ئەمدى ئوپىراتسىيە جەريانىدا جىددىي قان چىقىپ كىتىش، ياكى باشقا قوشۇمچە ئەھۋالار كۆرۈلسە ئۇنىڭ گېپى باشقا بولىدۇ. ئەمما ئەسكەرتىدىغىنىم، چىقىم جىق بولۇپ كىتىدىكەن، چىداپ تۇراي ئۆتۈپ كىتە دەپ ساقلاپ ئولتۇرماڭ. ھىچ بولمىسا دۆلەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىڭ، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى جىددىي ھەم خەتەرلىك ئەھۋال بولغاچقا، دوختۇرخانا قاراپ تۇرمايدۇ. تونۇش بىلىش ئۇيغۇرلارغا تېلىفون قىلىڭ، ياردەمدە بولىدۇ. پۇلنى كېيىن تېپىۋالغىلى بولىدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسىنى قايسى دوختۇرخانىلار قىلىدۇ؟

ئەگەر سىز تۈركىيەدە بولسىڭىز، سىز ۋەيا ئەتراپىڭىزدىكى كىشى جىددىي سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالسا، دۆلەتكە تەۋە بولغان، ئۈچىنجى باسقۇچلۇق دۆلەتلىك دوختۇرخانا ياكى ئۇنىۋېرسىتىت دوختۇرخانىسى، ياكى تەتقىق ۋە مائارىپ دوختۇرخانىلارغا بېرىشىڭىز كېرەك. باشقا تۈردىكى يەنى ئىككىنجى باسقۇچلۇق دۆلەتلىك دوختۇرخانىلاردا ئاخشاملىرى ياكى ھەپتە ئاخىرلىرى دىجورنى تاشقى كېسەللىكەر دوختۇرىنى تاپقىلى بولمايدۇ، ياكى ئۇلاردا بالىلار ئوپىراتسىيە دوختۇرى يوق بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا بىھۇدە ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ.

(ھەشەمەتلىك شەخسىي دوختۇرخانىغىمۇ بېرىپ سالماڭ. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئاجايىپ قىممەت پۇل ئالىدۇ. ئەگەر چىقىش قىلىپ بولالمىسىڭىز، تەڭدىن تولىسى پۇلۇڭ يوقكەن دەپ قاراپ تۇرۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما سىز بىر باي بولسىڭىز، بۇ دىگەن سۆزۈمنى ئۇنتۇپ كىتىڭ. ھاھا )

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسى قىلىنسا، قايتا قوزغىلىش ئىھتىماللىقى بولامدۇ؟

دۇنيادا، ئىنسانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسىنى ئۆمرىدە بىر قىتىملا بولىدۇ، نورمالدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى سوقۇر ئۈچەينى ئېلىۋىتىدۇ. سوقۇر ئۈچەي ئېلىنغاندىن كېيىن قايتا ئۆسۈپ چىقمايدۇ، شۇڭلاشقا قايتا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇش ئىھتىماللىقى بولمايدۇ. ئەمما ناھايىتى ناھايىتى ئاز ئەھۋالدا بولسا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئوپىراتسىيەسىدىن كېيىن شۇ يەردە قالدۇق قالىدۇ، ئۇ قالدۇق سوقۇر ئۈچەي قايتا ياللۇغلىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئونمىڭدا بىر ياكى يۈزمىڭدا بىر دىسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە قوساق ئاغرىقى بىلەن دوختۇرخانىغا كەلگەن بىمار،  كېسەل تارىخىنى سورىغىنىمىزدا، سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسى بولدۇم دىسە، بىز بۇ قوساق ئاغرىق سەۋەبىنى، سوقۇر ئۈچەي بولۇش ئىھتىماللىقىنى ئانچە ئويلاشماي باشقا سەۋەبلەرنى ئىزدەيمىز.

قالدۇق سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى
قالدۇق سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى

ئەگەر سوزۇلما خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى دورا بىلەن داۋالىغانلار بولسا، قايتا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. قايتا يەنە دورا بىلەن داۋالايدۇ ياكى ئوپىراتسىيە بىلەن ئالدۇرىۋېتىدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

سوقۇر ئۈچەينىڭ ياللۇغى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇنقى قۇرۇق گەپلىرىمگە ئوخشاش، يېمەكتە دىققەت قىلىش كېرەك. ….ئوڭ تەرەپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئىڭەكنى يۆلەپ تۇرۇپ سول تەرەپكە قاراش روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش لازىم. بۇ ئىككىسى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇشقا ئەڭ يېقىن سەۋەبچىلەردۇر. چۈنكى، بۇ كېسەللىكنى جىددىي بېسىمدا ئىشلەيدىغانلار، كۈندىلىك 3 ۋاق تامىقى رېتىمسىز بولغانلاردا كۆپرەك كۆردۈم. بىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى دوختۇرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى، مۇشۇ ئىككى ئۈچ يىل ئىچىدە ئالدى كەينى بولۇپ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، ئوپىراتسىيەگە كىرىپ چىقتۇق. مەنمۇ  2 يىل ئالدىدا بولدۇم. 3 كۈن ئۆيدە چىدىدىم. 3- كۈنى كېچىدە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمىدى، ئاخىرى تۆتىنجى كۈنى سەھەر 5 تە، تامنى يۆلەپ تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ دوختۇرخانىسىغا باردىم ھەم ئوپىراتسىيەنى قىلدىم. شۇڭا روھىي بېسىممۇ مۇھىم بىر ئامىلى دەپ ئويلايمەن. باشقا قوشۇمچە تەۋسىيەم يوق. ئەمما ھەرگىزمۇ، ۋاي قاچان سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالامەن دەپ قورقۇپمۇ يۈرمەسك كېرەك، چۈنكى ھەركىمنىڭ ئۆمرىدە بىر قىتىم سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ، بۇ خۇددى دادامنىڭ چېچى چۈشۈپ كەتتى، مېنىڭمۇ قاچان چۈشۈپ كىتە دەپ بىھۇدە ئەندىشە قىلغاندەك بىر ئىش. مۇھىمى يۇقارىدا دىيىلگەن ئالامەتلەر بولغاندا، چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. كېچىكتۈرمەڭ.

مەن نۇر دوختۇر

سوقۇر ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملىرىمىزنى مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتۇرىمىز. بۇ ئىككى فىلىم ئارقىلىق، سوقۇر ئۈچەي توغرىلىق بىراز بىلىمگە ئېگە بولالىساڭلا شۇنىڭدىن خوش بولىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-20 / 10:12:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ