ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر كېسەللىكلىرىسوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار روھىي جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يېڭىش ئۇسۇلى

سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار روھىي جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يېڭىش ئۇسۇلى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۇ ماقالىدە، قانداق قىلغاندا روھىي جەھەتتىكى توسالغۇنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟تۆۋەندە بىر قانچە نۇقتىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمىز

سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار روھىي جەھەتتىكى توسالغۇلارنى يېڭىش ئۇسۇلى

1. مەزى بېزىغا ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى بىلىۋېلىش كېرەك.

ئاستا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا دائىر ساۋاتنىڭ كەمچىل بولۇشى،بىمارلارنىڭ روھىي جەھەتتە توسالغۇغا ئۇچىرىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى.بەزى بىمارلارئايرىم بىر قىسىم ئىلمىي ئاساسى يوق ئېلان ۋە تەشۋىقاتلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ،ئاقىۋەتتە ياخشى ئۈنۈم كۆرەلمىدى.بۇ ئەكسىچە بىمارلارنىڭ ساقىيىش ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ،روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.شۇڭا بىمارلار مەزى بېزىغا ياللۇغىغا دائىر ساۋاتلارنى ئۈگىنۋېلىشى،قانداق دوختۇرغا كۆرۈنۈشنى، قانداق داۋالىنىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.

2. غەم-ئەندىشىنى يوقىتىپ،رېئاللىققا يۈزلىنىش كېرەك.

كۆپلىگەن بىمارلار جىمغۇر مىجەز،نومۇسچان بولغانلىقتىن،ئۈزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەشكە خىجىل بولىدۇ.بۇ ئوڭايلا بىمارلاردا بىر خىل قايغۇرۇش،قورقۇش،ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق روھىي توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىمارلار چوقۇم رېئاللىققا يۈزلىنىشى،ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا روھىي جەھەتتىكى توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە يوقاتقىلى بولىدۇ.

3. ساغلام بولغان جىنىسىي ئاڭ بولۇش كېرەك.

بەزى بىمارلارنىڭ جىنىسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسىمۇ،ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرەپ،مۇنتىزم دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈشنى خالىمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن كۈنلىرىنى غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.بۇنداق روھىي توسالغۇ ۋە كەيپىيات،بىمارلارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىپ،داۋالاشقا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.شۇڭا بىمارلار ساغلام بولغان جىنىسىي ئاڭنى تىكلىشى لازىم.

4. روھىي جەھەتتىكى پەرۋىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بىمارلارنىڭ غەم-ئەندىشىنى يوقىتىش كېرەك.

ئاستا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇزاق مەزگىل داۋالىنىش تۈپەيلىدىن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى ئېغىرلىتىپ قويىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.شۇڭا ئائىلە ئەزالىرى ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى،ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى غەم-ئەندىشىسىنى يوقىتىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-07-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:18

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ