ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارسوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ يەرلىك رېتسېپلىرى

سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ يەرلىك رېتسېپلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ئىككى تۇخۇمنى 50 گرام كۈنجۈت يېغىدا قورۇغاچ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ ، ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك .

2. شەبنەم يېگەن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپنى توغراپ قاينىتىپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بېرىش كېرەك .

3. بىر سىقىم كۈنجۈتنى 50 گرام خام زەنجىۋىل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، قاينىتىپ ئىچىش كېرەك .

4. ئون چىش سامساقنى پوستىن ئايرىۋېتىپ 100 گرام قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ ، 200 گرام ئاچچىقسۇغا چىلاپ ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ھەر قېتىمدا يېرىم قوشۇقتىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك .

5. بىر دانە ئامۇتنىڭ بۇرنى تەرىپىنى كېسىپ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ ، ئامۇتنىڭ ئىچىگە ناۋاتنى سوقۇپ سېلىپ ، كەسكەن ئېغىزنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ، ئامۇتنى قاسقاندا پىشۇرۇپ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ۋاخ يەپ بېرىش كېرەك .

6. 2.5 كىلوگرام ئەتراپىدىكى تاۋۇزنىڭ ساپاق تەرىپى كېسىۋېتىلىپ ، ئېتى مۇۋاپىق ئويۇپ ئېلىۋېتىلگەن 10 دانە چىلان ، 250 گرام خام زەنجىۋىل ، 200 گرام ھەسەل ، 200 گرام كەندىر يېغى ، ئېزىپ خالتىغا سېلىنغان 30 گرام ئاق قىچا ، 50 گرام ئاق مۇچ قاچىلىنىدۇ . تاۋۇزنىڭ دەسلەپتە كېسىلگەن قىسمى ئەسلىدىكى ئورنىغا يېپىلىپ ھىملىنىدۇ ، تاۋۇز قاسقاندا 90 مىنۇت دۈملەنگەندىن كېيىن كېسەل كىشى تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى دورا سۇيۇقلۇقىنى بىرلا قېتىمدا ئىچىۋېتىپ ھەمدە پىشقان زەنجىۋىلدىن بىر قانچىنى يەپ بولۇپ تەرلىشى كېرەك . بۇ دورا تومۇزنىڭ باش ، ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدا بىر قېتىمدىن تەييارلاپ ئىچىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:05:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ