سۈت ئازلىق قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ-ئاياللاردا سۈت ئازىيىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاق ياخشى ئوزۇقلىنالمايدۇ.

سەۋەبى: بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللاردا سۈتنىڭ ئازىيىپ كېتىشى ئاساسەن قان ئازلىق سەۋەبىدىن بولىدۇ. قاننىڭ ئازىيىپ كېتىش تۆۋەندىكىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

1. ھەددىدىن ئارتۇق قان ئېلىش ياكى ھەيز قان كۆپ مېڭىپ كېتىش.

2. ئوزۇقلىنىش ناچار بولۇش، ئىشتىھانىڭ كەملىكى، تاماقنىڭ مىقدارى ئاز ۋە سۈپەت جەھەتتىن ناچار بولۇش، ئاشقازان ۋە جىگەر قاتارلىق ھەزىم ئەزالىرىدىكى قۇۋۋەتنىڭ سۇس بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن قاننىڭ يېتەرلىك مىقداردا ھاسىل بولماسلىقى.

3. روھىي ھالەت ۋە ئەسەبىي تەسىراتلارنىڭ تەسىرى مەسىلەن: غەم، قورقۇنچ ۋە روھىي زەربە.

4. ئومۇمىي بەدەن مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىقلار سۈتنىڭ يېتەرلىك مىقداردا پەيدا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

خىلىتلار سەۋەبىدىن بولغان سۈت ئازلىق ئاساسەن قاننىڭ بۇزۇلۇشى، سەپرا، سەۋدا ياكى بەلغەمنىڭ كۆپلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. بەزىدە خىلىتلار ئارىلاشمىغان ھالدا مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەنمۇ پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى: ئومۇمىي بەدەندە قان ئازلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە سۈت كېمىيىپ كېتىدۇ. روھىي جەھەتتە غەمكىنلىك، بالىسىغا مېھىر بولماسلىق ئەھۋاللىرى پەيدا بولىدۇ.

سۈت سۇيۇق، رەڭگى سېرىققا مايىل، سۈت يوللىرىدا ئېچىشىش قاتارلىق بەلگىلەر كۆرۈلسە سەپرانىڭ (قۇرۇق ئىسسىقنىڭ) غالىپلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۈتنىڭ رەڭگى ئاق، سۇدەك سۇيۇق، چۈچىمەل تەملىك بولۇپ، غەيرىي پۇراق بولسا بۇ بەلغەمدىن پەيدا بولغان سۈت ئازلىقتۇر.

داۋالاش پرىنسىپى: ئەگەر بەدەندىكى قان ئازلىق مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كۆپ قان يوقاتقانلىقتىن بولسا قان كۆپەيتكۈچىلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ۋە بىمارنى ئارام ئالدۇرۇش، مەلۇم قاناش سەۋەبىدىن بولغان بولسا قان توختاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش، سەپرا ۋە بەلغەم شۇنداقلا مەلۇم خىلتلارنى سەۋەبىدىن بولغان بولسا شۇ سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش:

1-رېتسىپ:  قارا كۈنجۈتتىن 18 گرام ئېلىپ، كۆيگىچە قورۇپ، ئاندىن يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا توققۇز گرامنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.

2-رېتسىپ:  كىرپە تېرىسىدىن ئالتە گرام ئېلىپ، قاقلاپ قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقانلاپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.

3-رېتسىپ: نارجىلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، كۈندە بىر-ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

4-رېتسىپ: بىدە ئورۇقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،قاينىتىپ، كۈندە بىر ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

5-رېتسىپ: لوبىيا ۋە ئەرقى بەدىياندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر -ئىككى قېتىمدىن ئىچىپ بېرىلسە سۈت كەملىككە شىپا قىلىدۇ.

6-رېتسىپ: ياڭاق مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.

7-رېتسىپ: زىرە، بەدىيان ۋە چىلغوزا مېغىزىدىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، سۈت-شېكەر قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلسە سۈت كەملىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:  سۈت، دۇفۇ، گۈرۈچ، تۇخۇم، پاقلان گۆشى، چۈجە گۆشى، شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇلغان بېلىق، نىشاستە، بادام، خام ھالۋىسى، چامغۇر ھالۋىسى ۋە تۇخۇم، كۈدە، قوغۇن، تەرخەمەك قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر بېرىلىدۇ.

لازا، كالا گۆشى قاتارلىق يېمەكلىكتىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-16 / 08:03:53

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ