ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرسۈيدۈك يولى بۆرەك كېسەللىكلىرىسۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ھەققىدە سوئال جاۋابلار (جەمئىي 1 سوئال)

سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ھەققىدە سوئال جاۋابلار (جەمئىي 1 سوئال)

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، سۈيدۈك يولى ياللۇغىلىنىش، مەزى بېزى ياللۇغى بولۇش، مەزى بېزى ئىششىش … ۋە باشقا كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تورداشلار بۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈشتىن بەزىدە خېجىل بولىدۇ.

شۇڭا، بىزگە توردىن مەسلىھەت سورىغان تورداشلارنىڭ سوئاللىرى بىلەن بىز بەرگەن جاۋاپلارنى بۇ يەردە ھەمبەھىرلەندۇق، بۇ مەزمونلار پەقەت باشقا تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەمبەھىرلىنىلدى. سوئال سورىغان تورداشلارنىڭ ئىسمى، ئادرىسى ئاشكارىلانمايدۇ. بۇ جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇڭ.

بۇ سوئال جاۋاپلار ئىچىدىن ئەگەر مەمنۇن بولىدىغان جاۋاپ تاپالمىسىڭىز، بىزگە ئايرىم ئۇچۇر قىلسىڭىز بولىدۇ. مەيلى فىيسبۇكتىن بولسۇن، ئىنستاگرامدىن بولسۇن ۋەياكى ۋاتسئاپتىن بولسۇن ياكى ئىلخەتتىن بولسۇن. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمىز. سالامەت بولۇڭ.

………………………. 1-سوئال ……………………….

facebook تورداش
facebook تورداش ئا

مىنىڭ يىشىم 25ياش،ئەر،ئىغىرلىقىم80kg،بوي ئىگىزلىكىم1.76cm،توي قىلمىغان.مەندە ھازىر كۆرلىۋاتقان ئالامەت ،كىچىك تەرەتتىن كىيىن چالا قىپقالغاندەك سىزىم بوپ ئەرلىك ئەزايىم ئىچشقاندەك بوپ ئاغرىيدۇ، بۇرۇن يەنى بىرە يىلچە بوپ قالغان كىچىك تەرىتىم چالا قالغاندەكلا تۇيۇلدىغان ئەھۋال بار ئىدى، شۇ ئەھۋالغا تىۋىپتىن دورا ئىلىپ ئىستىمال قىلغان ئىدىم، يىقىنكى 15/20كۈندىن بۇيان ئىچشىش، ئاغرىش ئەھۋالىمۇ پەيدا بوپ قالدى.تىۋىپنىڭ مەزىبىزىگە قارتا بەرگەن 3خىل تورسنى 20كۈنچە ئىستىمال قىلغان، ئۇنڭدىن باشقا داۋالىنىش ياكى دورا ئىشلەتمىدىم.

8/9ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ پات-پات بەل ئاغرىش ئەھۋالى بار ئىدى، بىر قانچە دوختۇرخانغا بىرىپ تەكشۈرتكەن بولساممۇ ھىچقانداق كىسەللىك ئەھۋالى بايقالمىغان.

مۇشۇ كىسسەللىك ئەھۋالىغا قارتا قانداق داۋالىنشىم كىرەك؟

 

………………………. جاۋاب ……………………….

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز، بويغا نىسبەتەن، بەدەن ئانچە ئېغىر ئەمەس. نورمالدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇنمۇ ئۇنى بىلەلمىدىم. مەزى بېزىدە ئىششىش ياكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى بولۇشى مومكىن. بۇ ئىككىلىسى مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولىدۇ.

نورمالدا بۇ ئەھۋاللارنى، سۈيدۈك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ياخشى كۆرەلەيدۇ. كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياللۇغ بارمۇ يوق بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە مەزى بېزىدە ئىششىش بارمۇ بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا قوشۇمچە تەكشۈرۈش قىلىپ باقسا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى سىز دىگەن ئالامەت بىر يىلنىڭ ياقى كىچىك تەرەت چالىلىق بار دىدىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەزى بېزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىككى قوشۇمچە تەكشۈرۈش بار ئۇنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ تەكشۈرۈشلەر قىممەت ئەمەس. ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز، بۇ دىگەنلىرىم  توپلام 200-300 لىرا ئەتراپىدا توختىشى مۇمكىن.

مەنچە بولسا، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بېقىش ئەرزىيدۇ. بۇ 2-3 خىل تەكشۈرۈشلەرنى سۈيدۈك يولى بۆلۈمى تەكشۈرىدۇ. ھەشەمەتلىك شەخسىي دوختۇرخانىغا ئەمەس، نورمال بىر دوختۇرخانىنىڭ سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسىڭىز بولىدۇ.

بۇ مەزگىلدە، پەقەتلا بىرلا دورىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
monurol saşe 1*1

بۇنىڭدىن ئاۋۋال 1 بولاق ئېلىپ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئىچىڭ، ئەتتىگەن تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىڭ. بىر قىتىملىقلا دورا. ئەگەر سۈيدۈك يولى ئىچىشىش، ئاغرىش ئەھۋالى بىراز ئازالسا، يەنە بىر بولاق ئېلىپ ئىككىنجى كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئىچىڭ.

ياللۇغنى قايتۇرۇش ئانچە تەس ئەمەس. مەزى بېزىنى بىر ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىپ باقسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ. سىزنىڭ بۇ يېشىڭىزدا، بۇنداق كېسەللىكلەر ئالامەتلەرنى داۋالاش ئاسان. ساقىيىشمۇ ئاسان.


داۋاملىق يېڭىلىنىدۇ….

مەزكۈر سەھىپىدىكى مەزمونلار نۇر دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى سەھىپىسىگە يۆتكەلدى. ئادرىس:

نۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋابلىرى

سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ھەققىدە سوئال جاۋابلار
سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ھەققىدە سوئال جاۋابلار
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 07:09:03

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ