ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىسۈيدۈكتە شېكەر بولسا چوقۇم دىيابېت كېسىلى بولامدۇ ؟

سۈيدۈكتە شېكەر بولسا چوقۇم دىيابېت كېسىلى بولامدۇ ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

«كىشىلەر دائىم سۈيدۈكتىكى شېكەرنى تەكشۈرۈپ كۆرسىلا دىيابېت كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ» دەيدۇ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆزقاراش مۇكەممەل ئەمەس دىيابېت بولغانلارنىڭ سۈيدۈكىدە شېكەر بولىدۇ بىراق سۈيدۈكتە شېكەر بولغانلارنىڭ ھەممىسى دىيابېت كېسىلى ئەمەس، سۈيدۈكتە شېكەر بولمىسىمۇ دىيابېت كېسىلى بولۇشى مۇمكىن

سۈيدۈكتە شېكەر بولسىلا، دىيابېت كېسىلى بولۇۋەرمەيدۇ. بۇنى جەزمەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

(1) بۆرەك مەنبەلىك شېكەر سىيىش: ئاچ قورساق ۋاقىتتىكى قان شېكىرى ۋە شېكەرگە چىدامچانلىقى نورمال بولىدۇ، جەمەتىدە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بۆرەك مەنبەلىك شېكەر سىيىش، سوزۇلما بۆرەك نەيچىلىرى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، سوزۇلما بۆرەك نەيچىلىرى كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ھەرخىل تۇغما ياكى ئىككىلەمچى كېسەللىكلەر بار بولسا، بۆرەك نەيچىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شېكەرنىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ. بۆرەك شېكەر بوسۇغا قىممىتى تۆۋەنلەپ، سۈيدۈكتىكى شېكەر مۇسبەت ئىپادىلىنىدۇ.

(2) ھامىلىدارلىق ۋاقىتتىكى شېكەر سىيىش: ھامىلىدار بولغان ئاياللار ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقى يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۆرەك شارچىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشىدۇ. شېكەرنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئاشسا، بۆرەكتىكى شېكەر بوسۇغا قىممىتى تۆۋەنلەپ، شېكەر سىيىش كېلىپ چىقىدۇ ھەمدە ھۈجەيرە سىرتقى سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. بۆرەك يېقىن كانايچىلىرى شېكەرنىڭ قايتا سۈمۈرۈلۈشىنى كونترول قىلىپ، سۈيدۈكتە شېكەر بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(3) ئوزۇقلىنىش خاراكتېرلىك شېكەر سىيىش: ساغلام ئادەملەر شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى تېز سۈرئەتتە ئىستېمال قىلغاندا ئىنچىكە ئۈچەي تېز سۈرئەتتە سۈمۈرۈۋېلىپ، ۋاقتىنچە شېكەر سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(4) شېكەر سىيىش: ئاز ساندىكى كىشىلەر كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىنچە شېكەر سىيىش پەيدا بولىدۇ. جىگەر ئىقتىدارى مۇكەممەل بولماسلىق، ئىرسىيەت خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەمچىل بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مېۋە شېكىرى ۋە گىلۇكوزا قاتارلىق شېكەر تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، شېكەر سىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-10-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:31:33

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ