ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزتاجىسىمان يۈرەك كېسىلى 2-قىسىم

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى 2-قىسىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياخشىمۇسىلەر. مەن نۇرمەمەت.

ئالدىنقى لىكسىيەدە،  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈرەك مۇسكۇللىرىنى ئوزۇقلۇق ، ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلەيدىغان قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتۇق.

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى 1-قىسىم

 

ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر ھە، بۇ قېتىمقى لىكسىيەدە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىنىڭ قانداق دىئاگنوز قويۇلىدىغانلىقى، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلىش يۈز بەرگەندە قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىز نىمىگە دىققەت قىلىشىمىز، نىمىلەرنى قىلىشىمىز لازىملىقىنى، نورمال تۇرمۇشتا قانداق ئالدىنى ئېلىش لازىملىقىنى دەپ ئۆتىمىز. بۇ قېتىمقى ۋىدىئودا ھارغىن چىرايىمنى كۆرمەيسىلەر.

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە قانداق دىئاگنوز قويىدۇ؟

تاجىسىمان يۈرەك كېسلىگە 4 خىل شەكىلدە ۋە ئەھۋالدا دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

  1. ئالامەتلەر بولۇپ دىئاگنوز قويۇلۇشى: ياشانغان بىر بىمار، بەدىنىدە مەيلى بىز بايا دەپ ئۆتكەن دىئابىت، قان بېسىمى، ئەيشى ئىشرەت، ھاراق تاماكا، سېمىزلىك بولسۇن بولمىسۇن، كۆكرەك قىسمىدا دائىم بىر ئاغرىقى بولسا، دوختۇرغا بارغاندا، ئ كا گ ، قان تەكشۈرۈش ۋە ئۇلترائاۋازلىق يۈرەك تەكشۈرۈش، خولتېر، يۈك ھەرىكەت سىنىقى ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلى يەنى قايسى تومۇردا تارىيىش بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بەزىدە ئانجىئوگرافى يەنى تومۇردىن نەيچە تىقىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈپ باقىدۇ. (ئانجىئوگرافىنى بەلكىم ئۇنتۇپ قالغان بولۇشۇڭلارمۇمكىن، يۈرەك تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى لىكسىيەسىدە دەپ ئۆتكەن، تومۇردىن نەيچە تىقىپ يۈرەك تومۇرلىرىنى كۆرۈش ئۇسۇلى)
  2. ئالامەتلىرى بولماي تۇرۇپ دىئاگنوز قويۇلۇشى: يەنە بىر ئەھۋال بولسا، ئوتتۇرا ياشتىكى ئەرلەر ياكى ئاياللار كۆكرەك قىسمىدا ئاغرىش بولسۇن بولمىسۇن، بايا دەپ ئۆتكەن خەتەرلىك ئۇنسۇرلار بولسۇن بولمىسۇن، ئەگەر ئاتا ئانىسىدا مۇشۇ كېسەللىكلەر بولۇپ باققان، بولۇپمۇ يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلەر بولسا، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقىدۇ. بايا دەپ ئۆتكەن ئې كا گ قان تەكشۈرۈش، ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ. يەنى ئاغرىقى بولماي تۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ.
  3. تۈگەپ كەتكەنلەردە دىئاگنوز قويۇلۇشىى: بەزى ياشانغان ياكى ئوتتۇرا ياش كىشىلەر تۇيۇقسىز يول بويىدا، ياكى ئۆيدە ئۆلۈپ قالغان ھالدا بايقىلىدۇ. دىققەت قىلىپ باقسىڭىز، بەزىلىرى كۆكرەك قىسمىنى تۇتقان ھالەتتە بايقىلىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىلدى دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. سىتاتىسكىغا قارىغاندا، دۇنيادا، تۈگەپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ 70% مۇشۇ يۈرەك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
  4. تۆتىنجى ئەھۋال بولسا، يۈرەك قان تومۇرى جىددىي توسۇلۇپ قېلىپ، يۈرەك تىقىلمىسى يۈز بەرگەندە دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغان بىر ئەھۋال. يەنى ئالدىنقى 3 خىل ئەھۋالدا بىمار ھېلىھەم ساق، نورمال ياشاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ۋەياكى تۈگەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇخىل قان تومۇر توسۇلۇش ئەھۋالدا، بىمار يا بايا دەپ ئۆتكەن ئالامەتلەرنى ھىس قىلىپ دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەللگەن بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى شۇ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلىفون قىلىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا دوختۇرخانىغا كەلگەن بۇ بىمار ئۈچۈن، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرا دىئاگنوز قويۇلۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا، بىمار مىنۇت سىكونىت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتىكى دىئاگنوز بەكلا مۇھىم.

 

يۈرەك تىقىلمىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش پرىنسىپلىرى

ئەگەر بىز تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى لىكسىيىسىنىڭ 1- قىسمىدا دەپ ئۆتكەن يۈرەك تىقىلمىسى ئەۋھۋالدىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن چاغدا، ھەرگىز كېچىكتۈرمەي ئەڭ يېقىن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش لازىم. ئەگەر مېڭىش ئەپسىز بولسا، شۇ تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا تېلىفون قىلىش ۋەياكى ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ياردەم سوراش لازىم. جىددىي قۇتقۇزۇش تېلىفونىدىكى دوختۇرلارغا  ئالامەتلەرنى دەپ ئۆتسە، ئۇلارمۇ شۇ زامان ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ جەرياندا، بىمارنىڭ ئۆيىدە ئاسپىرىنگە ئوخشاش قان سۇيۇقلاندۇرىدىغان دورىلار بولسا، دەرھال 300 مىللىگىرامغا توغرىلاپ چايناپ ئىزىپ ناھايىتى ئاز سۇ بىلەن ياكى سۇ سىز ئۇدۇل يۈتۈۋېتىش لازىم، ئاسپىرىننىڭ قان تومۇرنىڭ پۈتۈنلەي توسۇلىشىنى كېچىكتۈرىدىغان پايدىسى بار. ئەمما قالايمىقان باشقا دورا ئىچمەسلىك لازىم. ئەڭ مۇھىمى شۇ زامان دوختۇرخانىغا بارىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلىش لازىم.

ئەگەر يېنىڭىزدا بىرسىنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز توختاپ قالسا، مەيلى يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشتىن بولسۇن، ياكى باشقا سەۋەپتىن بولسۇن، يۈرەك سوقۇشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلىسىڭىز، يەنى بويۇندىكى ئارتېرىيە تومۇرنىڭ ئاتمىغىنىنى بارمىقىڭىز بىلەن ھىس قىلسىڭىز، ھەم كۆكرەك قىسمىغا قۇلىقىڭىزنى قويۇپ تىڭشىغاندا يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالمىسڭىىز ياكى ھىس قىلالمىسىڭىز، شۇ زامان كۆكرەك قىسمىنى ئىككى قولدا بېسىشقا باشلاڭ. ھەم ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ياردەم چاقىرىڭ. بۇلار جىددىي قۇتقۇزۇش پىرىنسىپلىرى. كېيىنكى لىكسىيەلەردە مۇشۇ جىددىي قۇتقۇزۇش پىرىنسىپلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرىمىز.

 

جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە  جىددىي يۈرەك تىقىلمىسىغا قانداق دىئاگنوز قويىدۇ؟

بۇ خىل بىمارلار كۆپىنچىسى ئۆزى دوختۇرخانىغا كېلىدۇ، بىر قىسمى جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن كىلىدۇ. بىمار كەلگەن ھامانلا، مەسئۇل دوختۇر بىمار ئۆزىدىن ياكى ئەتراپتىكى يېقىنلىرىدىن، تېز سۈرئەتتە ئالامەتلىرىنى ۋە كېسەل تارىخىنى سورايدۇ.

ئىتتىكلا ئې كا گې تارتىدۇ (ئاللاھ، ئې كا گ نىمىتى؟). ئې كا گې ئارقىلىق 50 % كىشىلەرگە دىئاگنوز قويالايمىز.

ئەگەر بىرىنجى ئې كا گ نورمال بولسا قان تەكشۈرىمىز ۋە 20 مىنۇتتىن كىيىن تەكرار يەنە ئې كا گې تارتىمىز. ھەم بىمارنى كۆزىمىزنىڭ ئالدىدا كۈزىتىپ تۇرىشىمىز لازىم، بەدىنىگە يۈرەك رىتىمىنى كۈزىتىدىغان ئەسۋاپنى باغلايمىز. 300 مىللىگىرام ئاسپىرىن بېرىمىز. بۇ ئاسپىرىننىڭ رولى يۈرەك قان تومۇرىنىڭ تامامەن توسۇلۇپ قېلىشىنى بىراز كىچىكتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

قان تەكشۈرۈش ئىچىدە troponin, ckmb  دىگەن قىممەتلەر ناھايىتى يۇقىرى چىقىپ كەتسە، بىماردا جىددىي يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇش دىئاگنوزىنى قويغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە يېنىمىزدا ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولسا، بۇنىڭ بىلەنمۇ شۇ قان تومۇر ئوزۇقلۇق يەتكۈزىدىغان مۇسكۇلنىڭ نورمال ئىشلىدىمۇ ئىشلىمىدىمۇ بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇمۇ توغرا دىئاگنوزغا ياردەم قىلىدۇ.

 

دوختۇرخانىدا بۇ كېسەللىك ئۈچۈن قانداق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

جىددىي خاراكتىرلىك يۈرەك قان تومۇر توسۇلۇشتا، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ياكى يۈرەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە دىئاگنوز قويۇلغان ھامان، 90% بىمارلارغا يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئوپىراتسىيەخانىسىدا، پاچاق يېرىق قىسمىدىكى قان تومۇردىن ياكى قول بېغىش قىسمىدىكى تومۇردىن نەيچە سېلىپ، يۈرەككە ئاپىرىدۇ. ھەم توسۇلغان تومۇرنى تېپىپ يا شۇ يەردىكى تىقىلىپ قالغان نوكچىنى ئالىدۇ. ئەگەر ئۈنۈملۈك ئاچالمىسا، تېرەك قويۇپ شۇ يەردىكى تومۇرنى كېڭەيتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسۇلمۇ كار قىلمىسا، تومۇر ئالماشتۇرىدۇ. ئەمما تومۇر ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى تېخىمۇ مۇرەككەپ ھەم خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى. تومۇردىن نەيچە سېلىپ داۋالاش ھەم تېرەك قويۇش ئوپىراتسىيەلىرى 40 مىنۇتتىن 3 سائەتكىچە ئارىلىقتا بولىدۇ. ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا، يۈرەك كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ يېقىندىن كۈزىتىش ياتقىدا 1-2 كۈن قېلىپ كۈزىتىلىدۇ، بىماردا چوڭ بىر مەسىلە چىقمىسا، ئاندىن قان سۇيۇقلاندۇرىدىغان دورىلار يېزىپ بېرىلىپ ئۆيگە قايتۇرىدۇ. بۇخىل ئوپىراتسىيەنى پەقەت چوڭراق دوختۇرخانىلار قىلالايدۇ. ئەگەر بىمار بېرىپ قالغىنى كىچىك دوختۇرخانا بولسا، ھەم دىئاگنوز قويۇلسا، چوڭ دوختۇرخانىغا جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن ئەۋەتىشكە تىرىشىدۇ.

سوزۇلما خاراكتىرلىك تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكى بولغان كىشىلەرنىڭ داۋالىشى بولسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇشۇ قان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ، قاندىكى ماينى سېرىيدىغان، قاننى سۇيۇقلاندۇرىدىغان، يۈرەك مۇسكۇللىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلارنى ئىچىشى لازىم. بۇنىڭدىن سىرت ئورۇقلاش رىتىملىق لازىم. ۋە ئارىلاپ ئارىلاپ يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ، توسۇلۇشقا باشلىغان قان تومۇرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش لازىم.

ئەگەر تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى يوق، ئەمما چوڭلاردا بولۇپ باققان بولسا، ياكى سىز مەن شۇنداق بولۇش ئىھتىماللىقىم بارمىدۇ دەپ ھىس قىلسىڭىز، يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

INRكۈزىتىپ تۇرۇش: بۇ كېسەللىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىمارلارغا ئادەتتە دوختۇرلار قان سۇيۇقلاندۇرىدىغان دورا يەنى ئاسپىرىن، كوراسپىرىن، كۇمادىن، پىلاۋىكس قاتارلىق ھەر خىل ئىسىمدە بولغان دورىلارنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما مۇھىمى، بۇ قاننى سۇيۇقلاندۇرىدىغان دورا بولسىلا، ئەگەر دورىنىڭ مىقتارى يۇقىر بولسا بىمارلار  ئامال بار بىر ئايدا بىر ياكى بىر يېرىم ئايدا بىر قاندىكى INR دىگەن قىممەتنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. چۈنكى بەك سۇيۇق بولۇپ كەتسە، INR قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى چىقىدۇ. بۇ قىممەت بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بەدەن ئىچ ئورگانلار ئۆزلۈكىدىن قاناش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تېرىنىڭ ئاستىدا كۆكىرىپ قېلىش، بىر يەر كىچىك كېسىلىپ كەتسە، قان ئاسان توختىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز ياكى ئاتا ئانىڭىز بۇ خىل دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولسا، ھەم دورىنىڭ ئىسمىنى يادلىۋېلىڭ، ھەم INR دىگەن بۇ ئىسىمغا تونۇش بولۇپ كېتىڭ. خۇددى تېلىفونىڭىزدىكى ۋاتسئاپنىڭ ئىسمىنى بىلگەندەك يادا بولۇشىڭىز كېرەك. ( ئىكرانغا قاراپ كۈلۈپ قويغىن )

 

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى قانداق ئالدىنى ئېلىش لازىم؟

بۇ مەزموندا يەنە قۇرۇق گەپنى باشلايدىغان بولدۇم. ( كۈلۈمسىرەپ تۇرۇش ) ئەمما بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى دوختۇرلارنىڭ ئورتاق دەيدىغىنى، يەنىلا شۇ چېنىقىش، ساغلام تۇرۇش، ئەيشى ئىشرەتتىن، كەيىپ ساپادىن، زىيادە بېسىملىق بىر مۇھىتتىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. ئورۇقلاش لازىم، مايلىق تاماقنى ئازالتىش لازىم. يۈرەككە پايدىلىق بولغان كۆكتات مىۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىش كېرەك. گەرچە بۇلار قۇرۇق گەپ بولسىمۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر ساغلام ۋاقتىدا بۇلارغا پىسەنت قىلمايدۇ يۇ، ئەمما كىيىن ئاللا كاللا دەپ قالىمىز.

چۈنكى يەنىلا شۇ گەپ، سىز ساغلاملا بولسىڭىز، ھەممە ئىشنى قىلالايسىز، ئۆيدىكىلىرىڭىز كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ.

بۇ كېسەللىك كۆپىنچە 45 ياشتىن كېيىن بولىدىغان كېسەللىك. بۇ لىكسىيەنى كۆرگەن ياشلار مەندىمۇ بارمىدۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرمەڭ. نورمالدا بولمايدۇ. بەك ئەنسىرەپ كەتسىڭىز بىزنىڭ ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋاتسئاپ لىنىيەمىزگە ئۇچۇر قىلىڭ.

 

مەن نۇر دوختۇر———–

ئەمما لىكسىيەم تۈگىمىدى، ھەرقايسى كۆرۈرمەنلەرگە دەيدىغان بىراز يۈرەك سۆزلىرىم بار.

بىز دوختۇرلۇقنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، ھەربىر كېسەللىكنى ئۆگەنگەندە، سىزنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭىزدەك، ۋاي بۇ كېسەللىك مەندە بارمىدۇ، ئۇ كىسەللىك مەندە بارمىدۇ دەپ ئەنسىرەيتۇق. ياشانغانلارنىڭ كېسەللىكىنى كۆرگەندە چوڭلاردا بارمىدۇ دەپ قورقىتۇق. بالىلار كېسەللىلىرىنى، يېڭى تۇغۇلغان، تۆرەلمە بالىلارنىڭ كېسەللىكلىرىنى كۆرگەندە تېخىمۇ قورققان ئىدۇق. بىز دوختۇر تۇرۇقلۇق قوقىتۇق. ئەمما كېيىن شۇنى ھىس قىلدىم، ئادەم بەدىنى بەكلا مۇكەممەل ئىكەن.

ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇنچىلىك مۇكەممەل يارىتىپتۇكى، بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ئورگان، ھەربىر ھۈجەيرىمۇ ئارتۇقچە ئەمەسكەن.

كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرىدىغان مۇداپىئە ئىممۇنىتىت سىستىمىسى،

ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن سۆڭەك ئىسكىلىت، مۇسكۇل سىستىمىسى،

دۇنيانى ھىس قىلىش ئۈچۈن نېرۋا سىستىمىسى،

ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك ماددىلارغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاشقازاندىكى كىسلاتالار،

كۆكرەكنى قوغداش ئۈچۈن قوۋۇرغا،

مېڭىنى قوغداش ئۈچۈن بېشىمىزنىڭ ئىسكىلىتى،

يۈرەكنىڭ ياخشى ئېتىشى ئۈچۈن ئەتراپىغا سۇيۇقلۇق،….

سۆزلىسەم بۇ ۋىدئورىمىز 5-10 سائەت بولۇپ كېتىدۇ..

ئىشقىلىپ ئادەم بەدىنىنى مۇكەممەل يارىتىپتۇ. بەدىنىمىزدە ئۇنداق ئاسان كېسەللىك پەيدا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىڭ. سىز ئەنسىرەپ بولغۇچە، بەدىنىڭىز ھەل قىلىپ بولۇشقا تىرىشىدۇ.

شۇڭا، كۆپ ئەنسىرەپ يۈرمەي، بەدەننى ساغلام تۇتۇشقا تىرىشايلى. ئاللاھ بەرگەن بەدىنىڭىزنى قەدىريلەيلى،  چېنىقايلى، ساغلام يەيلى ئىچەيلى، كەيپىياتنى ياخشى تۇتايلى، ئۆگىنەيلى، ئەتراپىڭىزغا كۆيىنەيلى، مۇنتىزىم تەكشۈرتۈپ تۇرايلى، ئىشەنچلىك كىشىلەردىن مەسلىھەت ئالايلى، قالايمىقان دورا يىمەيلى،  كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ دىئاگنوزنى قويۇپ، داۋا تېپىشقا تىرىشايلى، ئارقىغا ئارقىغا سوزۇمايلى. ( ھەم قانىلىمىزغا ئەزا بولۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى. )

مەن نۇر دوختۇر———–

بۈگۈنكى مەزمون مۇشۇنچىلىك بولۇپ تۇرسۇن. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك لىكسىيەمىزمۇ تۈگىدى. قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بەرگەن، مەن بىلمىگەن مەزمونلارنى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇ پىشقەدەم ئاكىمىزغا رەھمىتىم بار. ھەم بىزنى قوللىغان كۆرۈرمەنلەرگە رەھمەت.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-04-02 / 08:54:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ