ئانا سەھىپەساغلاملىقھاراق-تاماكاتاماكا ھەر خىل ئىجتىمائى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تاماكا ھەر خىل ئىجتىمائى مەسلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. خىزمەت ئۇرۇنلىرى ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ روھى، جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشتەك قانۇنلۇق ھۇقۇقىغا دەخلى- دەرۇز قىلىدۇ.

2. تاماكا چەككۈچىلەر خالىغان جايغا تۈكۈرۈپ، تاماكا قالدۇقى، سەرەڭگە ياغىچى، تاماكا قېپى قاتارلىقلارنى تاشلاپ، مۇھىت تازلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، كېسەل تارقىتىدۇ؛ ئوت ئاپىتى پارتىلاش قاتارلىق يۇشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىدۇ.

3. ئۆسمۈرلەر تاماكا چەكسە، روھى، جىسمانى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدۇ، ئىقتىسادى مەنبەسى كەمچىل بولغانلىقتىن ئاسانلا ھەر خىل جىنايەت يۇلىغا كىرىپ قالىدۇ.

4. چەت ئەل تاماكىسى، كۆك تاماكا پىششىقلاپ ئىشلەش قۇشۇمچە ماتىرياللىرنىڭ كۆپ مىقداردا ئىمپورىت قىلنشى زور مىقداردىكى تاشقى پىرۋوتنى ئىسراپ قىلىپ، تاشقى سودىدىكى ئىمپورىت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ۋە تاشقى پېرۋوتنىڭ جىددىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. كۆك تاماكا تېرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ئاشلىق، ماي، كېۋەز قاتارلىق دىھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلدىغان يەر، ئوغۇت، ئادەم كۈچى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئىگەللىۋېلىپ، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ ھەر يىلى ئاشلىق ئىمپورىت قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

6. كۆپ مىقداردىكى ياغاچ ماتېرياللىرى تاماكا قۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تاماكا ئوراش، قەغەز يېشىك ياساشقا ئىشلىتىلىپ، ئورمان بايلىقى ئىسراپ قىلىندۇ.

7. تاماكا ئەتكەسچىلىكىدىكى زور پايدا تاماكا بازارلىردا ھايانكەشلەر، ساختا مەھسۇلاتلار ۋە ئەتكەسچىلەرنى پەيدا قىلىپ، جىنايى گۇرۇھلار بىلەن ئېلىشىش ۋە دۆلەت باج خادىملىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش جىنايى دېلولىرىنى كۆپەيتىۋىتىدۇ.

8. ئاخپارات ۋاستىلىرنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن تاماكا ئېلانلىرى، رەھبىرى كادىرلارنىڭ تاماكا چېكىشى، جەمئىيەتتە ناتوغرا ئىستىلارنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرىتكە بۇلۇپ، تاماكا ھاراق بولمىسا ئىش بىجىرمەيدىغان، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، خىيانەتچىلىك، پارخورلىقنى ئەۋىج ئالدۇرپ، كادىرلار قۇشۇننى چىرىتىپ، ئىجتىمائى كەيپىياتنى ناچارلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزدۇ.

9. تاماكا چېكىش ئىقتىسادى قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن ئائىلىدە ئىناقسىزلىق، جەميەتتە مۇقۇمسىزلىق ئاممىللىزنى پەيدا قىلىدۇ.

بەزى كىشلەر « مەن ئۆمۈر بۇيى تاماكا چەكسەممۇ راك كىسىلى بىلەن ئۆلۈشۈم ناتايىن» دېيىشىدۇ، پاكىت ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيتى ۋە تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئىرسىيىتى ۋە بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشلەرنىڭ ئىمونتىت ئىقتىدارى ياخشى بۇلۇپ، تاماكا زەھىرنىڭ ھۈجەيرىلەرنى ۋەيران قىلىشنى تۇسۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئادەم بەدىندە كۆپ ھالقىلىق ئارۇماتىك ئاكتىپ فېرمىنىت دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل ماددا بۇلۇپ، بەدەندە بۇ ماددىنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن، مىقدارى كۆپ بولسا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ.

تاماكا ئسىدا 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيلىك ماددا بۇلۇپ، ئۇنىڭ 50 خىلدىن كۆپرەكى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بەدەن ساپاسى ئوخشىمىغالىقتىن 10 پىرسەنىتكە يەتمەيدىغان كىشلەردىلا نىكوتىن تۈردىكى زەھەرلىك ماددىلارغا مەلۇم دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولىدىكەن. قالغان 90 پىرسەنىت كىشى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گېرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھەر بىر تال تاماكا چەككەندە ئادەمىنىڭ ئۆمىرى 6 مىنوت قىسقىرايدىكەن. بۇ نېمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق!

دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەقىياتى، مەدەنىيلىك، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىش، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بەخىت يارتىش، ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكى، ئائىلىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمىيەتكە مەسئۇل بۇلۇش ئۈچۈن، تاماكا چەككۈچىلار قەتئي نىيەتكە كېلىپ تاماكا تاشلايلى!

<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-12

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:43:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ