تاماكا تارىخى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تاماكىنىڭ تەرەققىي قىلىش تارىخىدىكى چوڭ ئىشلارنى بىلىۋېلىڭ

1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.

1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.

1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.

1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.

1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خىمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.

1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.

1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.

1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.

1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.

1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.

1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.

1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.

1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.

1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.

1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.

1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.

1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.

1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.

1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.

1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.

1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.

1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.

<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:43:09

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ