ئانا سەھىپەخانىم قىزلارگۈزەللىكتېرىنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىڭىز دوختۇرخانىغا ۋە ياكى دورىخانىغا بارماي ، ئۆيىڭىزدىلا تېرىڭىزنى گۈزەللەشتۈرەلەيسىز

—يېڭى سەۋزىنى يۇمشاق ئېزىپ، سۈيىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە يۇىگە سۇركەپ ،قورغاندىن كېيىن ئۆسۇملۇك مېيى سۇركەلگەن قولياغلىق بىلەن يۈزگە يەڭگىل ئۇرۇپ بەرسە ۋە ھەر كۇنى بىر ئىستىكان سەۋزە سۈيى ئېچىپ بەرسە، يۈزدىكى سەپكۇن تۇگەپ تېرە ئاقىرىپ پارقىرايدۇ.

تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

—پەمىدۇر:ئەگەر تېرىڭىز قارا، يېرىكرەك بولسا پەمىدۇرنى ئۇششاق توغراپ قاچىغا سېلىپ، قۇشۇقتا ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، يۈز ۋە قولغا سۇركەپ 20مىنوتتىن كېيىن سۇزۇك سۇ بىلەن يۇيىۋەتسىڭىز ۋە كۇندە بىر نەچچە قېتىم سۇركەپ بەرسىڭىز تېرىڭىز ئاستا-ئاستا ئاقىرىدۇ. رەڭگى سېرىق، ئۇرۇق ئادەملەر ھەر كۇنى بەش گىرام بېلىق مېيى قوشۇلغان پەمىدۇر سۈيىدىن بىر ئىستىكاندىن ئېچىپ بەرسە تېرىسى بارا-بارا قىزىرىدۇ.

—تېرىسى قورغاق ئادەملەر ھەر كۇنى ئەتىگەندە يۈز يۇيۇشتىن ئىلگىرى تەرخەمەك سۈيىنى چىقىرىپ يۈزىگە سۇرۇپ بەرسە ۋە ئۇنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرسا، يۈزدىكى داغ بارا بارا سۇسلاپ قورۇقلار يوقايدۇ.

—تاۋۇز شاپىقىنى تاشلىۋەتمەي يۈزگە سۇركەپ بىر نەچچە مىنوتتىن كېيىن سۇزۇك سۇدا يۇيىۋىتىپ ئازراق ماي سۇركەپ بەرسە يۈز تېرىسى ئاقىرىدۇ.

—ئاناناس بولۇ سويىنى يۈزگە داۋاملىق سۇركەپ بەرسە تېرە يۇمشاق بلىدۇ ۋە ھەرخىل يارا چىقىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

—تۇخۇم شاكىلى ئىچىدە قېپقالغان تۇخۇم ئېقىنى يۈزگە سۇركەپ بىر كىچە ئۆتكەندىن كېيىن يۇيىۋەتسە، يۈز تېرىسىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ھەم قورۇق چۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

—سۈت قۇتىسىنىڭ ئاغزىغا يېپىشىپ قالغان خام قايماقنى داۋاملىق يۈزىگە سۇركەپ بەرسە يۈزنى ئاقارتىدۇ ۋە پارقىرتىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-02 / 04:30:15

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ