ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزسوقۇر ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ھەققىدە بىلىملەر 1-قىسىم

سوقۇر ئۈچەي ۋە سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ھەققىدە بىلىملەر 1-قىسىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

مەن نۇرمەمەت. بۈگۈن سىلەر بىلەن سوقۇر ئۈچەي بىلىملىرىنى ھەمبەھىرلىنىمىز.

تۈنۈگۈن چىقارغان ئۇ تۆت تېما ھەققىدە پاراڭ دىگەن ۋىدىئونىڭ 10:36 يېرىدە، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭ گېپىنى چىقارغان ئىدىم، چۈنكى ئۇنىڭ خەتلىك نۇسخىسىنى يېزىپ تەييارلاپ قويغان ئىدىم. ئەمما قىزىقارلىق يېرى، يېرىم كېچىدە بىر ئۇيغۇر بىمارنىڭ سوقۇر ئۈچەي ۋەقەسى ماڭا توغرا كېلىپ قالدى.

بۈگۈن سەھەر 3 دە بىر تورداش ئۇچۇر قىلىپتۇ، چوڭ بالىسىنىڭ 2 كۈننىڭ ياقى قوساق قىسمى قاتتىق ئاغرىپ، تۈگۈلۈپ قاپتۇ. بالىنىڭ دادىسى يېنىدا بولمىغاچقا، ئاپىسىنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دەپ 2 كۈننىڭ  ياقى چىداپتۇ. ئاپىسى ئەھۋالنى بىلىپ ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئەچىقسا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن دەپتۇ ۋە چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىشنى تاپىلاپتۇ. چوڭ دوختۇرخانىدا بەدەن تەكشۈرۈش، قان تەكشۈرۈش، ۋە ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن،  شۇڭا ئەتتىگەن 10 غىچە كۈزىتىپ، ئاندىن تەكرار ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىشنى پىلانلىغان ئوخشايدۇ. ئەمما ئانىنىڭ يەنە ئىككى كىچىك نارىسىدە بالىسى ئۆيدە قالغاچقا، ۋاقىتلىق داۋالاشتىن ۋاز كەچتىم دىگەن قەغەزگە ئىمزا قويۇپ يېنىپ چىقىپتۇ ئەگەر يەنە ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. چىقىپ مېنىڭ نومۇرۇمنى تېپىپتۇ ماڭا ئۇچۇر قىپتۇ.. ئەمما ئۇ چاغدا ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىم ئىكەن.. ئەتتىگەن كۆرۈشتۈم. بالا ئۆيدە ئىكەن . بالىنىڭ ئاغرىقى بىراز ئازىلىپتۇ، بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردىم. بالىنى قايتا ئاپىرىدىغان بولدى. چۈنكى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى جىددىي قوزغىلىپ قالغاندا، ئىششىپ تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

ئەمدى بۇ ۋەقە يېڭى يۈز بەرگەچكە، بۈگۈن بۇ مەزموننى تېخىمۇ تەپسىلىيراق بولسۇن دەپ قايتا تەھرىرلەپ يېزىپ چىقتىم. شۇڭا بىراز ئۇزىراپ قالدى. 2 قىسىمغا بۆلدۇق. قىززىقساڭلار ئىككىلى قىسىمنى ئاڭلاپ باقساڭلار بولىدۇ.

كۆپىنچىمىز سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى ئاڭلاپ باققان بولۇشىمىز ياكى بولۇپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن. سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى بىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال سوقۇر ئۈچەي نەدىلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز لازىم.

سوقۇر ئۈچەينىڭ جايلاشقان ئورنى، شەكلى ۋە رولى

سوقۇر ئۈچەي ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى ئۈچەي يولىنىڭ بىر قىسمىدا. يەنى ئىنچىكە ئۈچەينىڭ ئاخىرقى قىسمى چوڭ ئۈچەيگە تۇتىشىدىغان يېرىدىكى كىچىك خالتىدەك بىر پارچە قىسىم. ئۇنىڭ يېرى سىرتتىن قارىغاندا، قورسىقىڭىزنىڭ ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستى قىسمىغا جايلاشقان بولىدۇ.

سوقۇرئۈچەي ئورنى
سوقۇرئۈچەي ئورنى

سوقۇر ئۈچەينىڭ ئۇزۇنلۇقى نورمالدا 8-9 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ 5-35 سانتىمىتىرغىچە بولغان خاتىرىلەرمۇ بار. كەڭلىكى ئادەتتە 6 مىللىمىتىر، بىز دوختۇرلار بۇ كەڭلىكنى مۇھىم بىلىمىز، ئەگەر بۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ كىتىپ قالسا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىدىن شۈبھىلىنىمىز.

سوقۇر ئۈچەي ئۇزۇنلۇقى
سوقۇر ئۈچەي ئۇزۇنلۇقى

سوقۇر ئۈچەينىڭ ئىنگىلىزچە تولۇق ئىسمى Vermiforme appendix بولۇپ، بۇ Vermiforme دىگەن سۆز لاتىنچە قۇرۇت، سازاڭ قۇرۇت بولۇپ سوقۇر ئۈچەينى قۇرۇت شەكلىگە ئوخشاتقان. Appendix دىگەن سۆز بولسا قوشۇمچە دىگەن مەنىدە. بۇنىڭ بىر سەۋەبى، بۇ خۇددى ئۈچەي يولىدىكى ئارتۇقچە قوشۇمچە بىر يەرگە ئوخشاتقان. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، بۇرۇن ھەم ھازىر غەرىپ مىدىتسىناسىدا بۇ سوقۇر ئۈچەينىڭ ھەقىقىي رولىنى تازا ئېنىق بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. سوقۇر ئۈچەي ھەزىم قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشمايدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار بەدەننىڭ ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى قانداق پەيدا بولىدۇ

تارىخشۇناسلار بايقىغان ئەڭ بۇرۇنقى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولسا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 يىللىق تارىخقا ئېگە بىر مومىيا بولۇپ، ئۇنىڭ قوسقىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى توقۇلمىلار چاپلىشىپ قالغان، ئارخىلوگلار بۇنى ئەڭ بۇرۇنقى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىمارى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن. نىمىشقا چوقۇملا بىراز كېرەكسىز تارىخ قوشۇپ قويىدىغانسە، ئاداش؟

تۇنجى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولغان مومىيا بىمار
تۇنجى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولغان مومىيا بىمار

سوقۇر ئۈچەي خالتىغا ئوخشايدىغان بىر يەر بولغاچقا، بەزىدە بۇنىڭ ئىچىگە يېمەكلىكلەر، سۇيۇقلۇقلار باكتىرىيەلەر ۋە يا يەل گازلار كىرىپ قاپسىلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن ياللۇغلىنىش بولىدۇ. بۇنى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى دەيمىز. بۇنىڭدىن سىرت روھىي بىسىم، بەدەنگە بولغان بىسىملەرمۇ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. باشقا كۆپىنچە كېسەللىكلەرگە ئوخشاش، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىمۇ جىددىي خاراكتىرلىك ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى
سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئالامەتلىرى

قوساق قىسىمدىكى ئاغرىق ئەڭ مۇھىم بىر ئالامىتى. بىز دوختۇرلارمۇ دەل مۇشۇ ئاغرىقنىڭ پەيدا بولغان يېرىگە قاراپ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇش ئىھتىمالى بارمۇ يوق دەپ قارار بېرىمىز.

كۆپىنچە كىشىلەردە ئاغرىق ئەڭ ئاۋۋال پۈتۈن قوساقتا بولىدۇ ياكى كىندىك ئەتراپىدىن باشلايدۇ. ئاندىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئاغرىق يۆتكىلپ، قوساقنىڭ ئوڭ تەرەپ پەس قىسمىغا مەركەزلىشىدۇ. باشقا يەردىكى ئاغرىقلارنى ئاساسەن ھىس قىلمايسىز. مۇشۇ قوساقنىڭ ئوڭ تەرەپ پەس قىسمىدىكى ئاغرىق ئاسانلىقچە قويۇپ بەرمەيدۇ. ئەمدى بۇ كۆپىنچە كىشىلەردە مۇشۇنداق. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاغرىقى يەنىلا قوساقنىڭ ھەممە يېرىدە باردەكلا ھىس قىلىشى مۇمكىن.

جىددىي ياللۇغلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، سوقۇر ئۈچەي ئىششىيدۇ. كەڭلىكى 6 مىللىمىتىردىن چوڭ بولىدۇ. بىمارنىڭ قورساق قىسمى ئاغرىشتىن باشقا، ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش، مەقەتتىن يەل چىقىرالماسلىق ، قەۋزىيەت ياكى ئىچى سۈرۈش، قىززىتما قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.بۇ ئەھۋاللار بىر قانچە سائەت ئىچىدە جىددي پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ياكى ئىككى ئۈچ كۈندە ئاستا ئاستا پەيدا بولۇپ ئېغىرلاپ كىتىشى مۇمكىن. خۇددىي فىلىمنىڭ ئەڭ بېشىدا تىلغا ئالغان بالا بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشداش بولىدۇ.

سوزۇلما خاراكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىدىمۇ يۇقارقى ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. پەرقى شۇ پەقەت ئېغىرلىق دەرىجىسى سەل تۆۋەنراق بولىدۇ.

كىملەر ئاسان سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولىدۇ؟

بۇ فىلىمدىكى بارلىق مەزمونلارنى ئېسىڭىزدە قالمىسىمۇ، سوقۇر ئۈچەي توغرىلىق، پەقەت ئىككى ئىش ئېسىڭىزدە چىڭ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنجىسى، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى سىزدە، مەندە دىگەندەك ھەرقانداق ياشتا، ھەرقانداق كىشىدە بولۇش ئىھتىمالى بولىدۇ. ئىككىنجى ئىش بولسا سوقۇر ئۈچەي ئاغرىقى ئوڭ تەرەپ ئاستىراق قىسىمدا بولىدۇ. مۇشۇ ئىككى نوقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. ئەمدى داۋاملاشتۇرالايلى. سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ھەممە ياشتا قوزغىلىشى مۇمكىن دىدۇق، ئەمما كۆپىنچىسنى ياشلاردا بولىدىغانلىقىنى كۆردۈم. دوختۇرخانىدا ئىشلىگەندە، ھەركۈن 24 سائەت ئىچىدە كەلگەن 500-600 بىمارلارنىڭ ئىچىدە چوقۇملا 3-4 سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىمارى بالا با. ھەم بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش ئوغۇل قىزلاردا بولىدۇ. ئوتترا ياش، ياشانغانلاردا ئاز كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلۇپ نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاقلاردا، بىر قانچە ياشتىكى كىچىك بالىلاردىمۇ بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئىرسىي بولۇش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن ئاتا ئانىڭىز سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيەسى بولۇپ باققان بولسا، سىزدىمۇ سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭا چوڭلاردىن بولغان بولمىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى قايسى بۆلۈم داۋالايدۇ؟

نورمالدا، بۇ كېسەللىكنى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى داۋالايدۇ. تۈركچە گەنەل جەرراھى بۆلۈمۈ، ئىنگىلىزچە surgical deprtment دەپ قويىمىز. ئەمما سوقۇر ئۈچەيلەر ياللۇغى كۆپىنچىسى جىددىي قوزغىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە بىمارلار بىرىنجى بارىدىغان يېرى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بولىدۇ. شۇ يەردە دىئاگنوزى قويۇلۇپ، باشلىنىش داۋالاش بېرىلگەندىن كېيىن، تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى دوختۇرى كېلىپ داۋالايدۇ.

Emergency Room ER
Emergency Room ER

سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

بىمارلار، ئاساسەن كۆپىنچىسى قوسقۇم تۇيۇقسىز ئاغرىشقا باشلىدى، چىدىيالمىدىم دەپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىلىدۇ. بۇرۇنقى ۋىدىئولاردا دىگەندەك، دوختۇرلار ئاۋۋال ئىتتىكلا كېسەل ئالامىتىنى، قاچان باشلانغانلىقىنى، ھەم ئەڭ مۇھىمى ئاغرىق قوساقنىڭ قايسى قىسمىدىن باشلانغانلىقىنى، ھازىر قايسى قىسىمغا يۆتكەلگەنلىكىنى سورايدۇ.

بەدەن تەكشۈرۈش قوساق تەكشۈرۈش
بەدەن تەكشۈرۈش قوساق تەكشۈرۈش

مەيلى جاۋاپ قانداقلا بولمىسۇن، ئىككىنجى قەدەمدە قوساق قىسىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بەك مۇھىم. قوساقنىڭ ئوڭ پەس قىسىمنى چىڭ باسىمىزبىر قانچە سىكونىتتىن كىيىن ئىتتىك قويۇپ بېرىمىز. ئەگەر باسقاندا چىدىغۇسىز ئاغرىق، ئىتتىك قويۇپ بەرگەندە بۇ ئاغرىق تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتسە، بىمار چىدىيالماي ۋاقىراپ سەكرەپ كەتسە، بۇ 70-80% ئىھتىماللىقتا سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى دەپ پەرەز قىلالايمىز.

بەدەننى تەكشۈرۈش باسقۇچى ئاخىرلاشقاندا، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىدىن شۈبھىلەنسەك، بىمارغا چوقۇم ھەرگىز بىرنەرسە يىمەسلىكىنى، سۇ ئىچمەسلىكىنى تاپىلايمىز، چۈنكى ئەگەر نەتىجىدە ھەقىقەتەن جىددىي سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ چىقسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك .

ئىككىنجى باسقۇچتا ئىتتىكلا قان تەكشۈرۈش قىلىمىز. قان نەتىجىسى يېرىم سائەتتىن بىر يېرىم سائەت ئارىلىقىدا چىقىدۇ. قان نەتىجىسىدە ئاق قان دانچىسى ياكى سې رې پې دىگەن ئىككى قىممەت يۇقىرى چىقىپ كەتسە، بەدەندە ياللۇغ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى دىئاگنوزغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز.

بۇ قان تەكشۈرۈش جەريانىدا بىمارنى ساقلاتماي ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىشقا تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن سوقۇر ئۈچەينىڭ ئىششىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمما سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى باشلانغۇچ ۋاقىتتا، ياكى سېمىز، ياكى زىيادە ئورۇقلار ۋە ياكى سوقۇر ئۈچەي باشقا ئۈچەينىڭ ئارقىسىغا بېرىۋالسا، ۋەياكى ھامىلىلەردە، كىچىك بالىلاردا كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا سى تى تارتىشقا توغرا كىلىدۇ. سى تى تېخىمۇ ئېنىق چىقىدۇ. ئەمما بەدەن زىيانلىق رادىئاتسىەگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ياللۇغنى كۆرۈش ئۈچۈن تومۇرغا دورا بېرىپ تۇرۇپ سى تى تارتىش كېرەك. بۇمۇ بەدەنگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.

كىچىك بالىلارغا، سى تى دورىلىرىغا زىيادە سىزىمچانلىقى بارلار، بۆرەك زەئىپلىشىش بولغانلارغا دورا بېرىپ تۇرۇپ سى تى تارتىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز، بەك بولمىغاندا، دورا بەرمەي تۇرۇپ، سى تى تارتىمىز. ھامىلىلىەرگە سى تىنىڭ ھەر قانداق تۈرىنى قىلمايمىز. ھامىلدارلاردا، ئەگەر ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە سوقۇر ئۈچەينى ئېنىق كۆرەلمىسە، ئەم ئار تارتىدۇ. ئەم ئار تۆرەلمە بالىغا زىيان يەتكۈزۈپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئەم ئار ھەممىلا يەردا بار بولغان بىر ئۈسكۈنە ئەمەس. ناھايىتى قىممەت ئۈسكۈنە. شۇڭلاشقا، بەزىدە بىر قانچە سائەتتىن كېيىن بىمارغا قايتا ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىش ئارقىلىق سوقۇر ئۈچەيدە ياللۇغ بار يوقلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىدۇ.

مەن نۇر دوختۇر——-

شۇنداق قىلىپ، سوقۇر ئۈچەي توغرىلىق لىكسىيەنىڭ بىرىنجى قىسمى تۈگىدى. سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى ئۆيدە قانداق دىئاگنوز قويىمىز، داۋالىشى قانداق بولىدۇ، قانداق ئالدىنى ئالىمىز، ئوپىراتسىيە باھالىرى قانچە دىگەندەك مەزمونلارنى كېلەركى ۋىدىئوغا قويدۇق.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-20 / 10:13:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ