ئانا سەھىپەبىلىمئەنئەنىۋىي تېبابەتلەرتىببىي زۈلۈك بىلەن قان سۈمۈرۈپ داۋالاش

تىببىي زۈلۈك بىلەن قان سۈمۈرۈپ داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تىببىي زۈلۈك بىلەن قان سۈمۈرۈپ داۋالاش
Tıbbi sülük tedavisi
水蛭疗法(医蛭疗法)
Medical leech therapy

زۈلۈك نىڭ لاتىنچە ئىسمى خىرۇدو (hirudo) بولغاچقا، شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا، ئىنگىلىزچە خىرۇدوسېراپى (hirudotherapy)، تۈركچە خىرۇدوتېراپى (hirudoterapi) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 

تىببىي زۈلۈك بىلەن قان سۈمۈرۈپ داۋالاش بەزى كېسەللىكلەرگە بولۇپمۇ قان تومۇر توسۇلۇش، قان ئېقىش بىنورمال سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەزى كېسەللىكلەر (گلوكوما، گىموروي، ۋىنا تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش… ۋە باشقىلار) ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشقا پايسىى بولىدۇ. ئەمما مەزكۈر داۋالاشنى چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر، پاكىز مۇھىت ۋە مەنبەسى ئىشەنچلىك بولغان زۈلۈكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.

تىببىي سۈلۈك داۋالاش پايدا قىلىدىغان ئەھۋاللار:

  1. تېرە قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
  2. گىموروي
  3. گلوكوما
  4. ۋىنا قان تومۇر ئەگرى بۈگرى كېڭىيىش
  5. سوزۇلما خاراكتىرلىك ئەمچەك ياللۇغى
  6. ئىككىنجى تىپلىق دىئابىت سەۋەبلىك كېلىپ چىققان قان تومۇر توسۇلۇش
  7. تېرە ياللۇغى
  8. باش ئاغرىقى
  9. … ۋە باشقا قان تومۇر توسۇلۇش، قان ئېقىشى راۋان بولماسلىق كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر

 

يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان كېسەللىكلەر، ئەھۋاللار چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرلارنىڭ يۈز تۇرانە تەكشۈرۈشى ۋە دىئاگنوزىدىن كېيىن، شۇ دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى ئاستىدا ئاندىن تىببىي زۈلۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

 

زۈلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئال جاۋاپ:

hankiz.danish
سوئال:
زۈلۈكنى قانداق تاللايمىز؟ سۈلۈك ئادەم بەدىنىگە قايسى خىل فىزۇلۇگىلىيىلىك رولى ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ؟

جاۋاپ:
زۈلۈكلەر بەدىنىدىن ئىشلەپ چىقارغان 20خىلدىن دىن ئارتۇق ماددىلارنى ئاغزىدىكى ئاجراتما بەزلىرىدىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە بۇنى ئادەم بەدىنىنىڭ قان تومۇر، توقۇلما ئارىلىقلىرى، لېمفا تومۇرىلىرىغا قويۇپ بېرىش ۋە بۇ ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىش، قان يىغىلىۋالىدىغان ئورۇنلاردىكى قانلارنى شوراش ئارقىلىق قان ئېقىشىنى راۋانلاشتۇرۇش … ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

زۈلۈك تاللىغاندا، ھەربىر جۇغراپىيەدە ئوخشىمىغان زۈلۈكلەر كۆپ بولىدىكەن. مەسىلەن تۈركىيە جۇغراپىيەسىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان زۈلۈك تۈرى
H. Medicinalis ۋە
H. Verbana

سىلەرنىڭ ئۇ تەرەپلەردە قايسى خىل زۈلۈكنى كۆپ ئىشلىتىدۇ، بۇنى توردىن كۆرۈپ بېقىش كېرەك. ئىسمىنى ئۇقۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن شۇنىڭ قوساق قىسىمدىكى كۆرۈنۈش شەكلىگە قارىتا تېخىمۇ ياخشى ئايرىغىلى بولىدۇ. زۈلۈكنى دۈمبىسى يەنى ئۈستىدىن قاراپ ئايرىش تەس. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قورساق قىسمىغا قاراپ ئايرىش لازىم.

شۇڭا سېتىۋالغاندا، بىرسى ئىسمى، بىرسى قوساقتىكى گۈللىرىنىڭ شەكلى، ۋە ئامال بار ساتقۇچىدىن تىببىي زۈلۈكمۇ بۇنى ئېنىق سورىۋېلىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 05:41:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ