ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرىتىرناقتا تۆت خىل ھالەتكە سەل قارىماڭ، بەلكىم ئېغىر كېسەل ئالامىتى

تىرناقتا تۆت خىل ھالەتكە سەل قارىماڭ، بەلكىم ئېغىر كېسەل ئالامىتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم دىققەت قىلىشىڭىز لازىم.

1. داغ بولۇپ قالسا:

ئاق داغ: ئەگەر تىرناق ئۈستىدە ئاز مىقداردا ئاق چېكىت پەيدا بولۇپ قالسا، ئادەتتە كالتسىي ۋە سىنكنىڭ كەمچىللىكىنىڭ ياكى پارازىت قۇرت كېسىلى بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى. ئاق چېكىتنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، بەلكىم نېرۋا ئاجىزلىشىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئاق چېكىت ئەتراپىدا سۇس ھال رەڭ كۆرۈلگەن بولسا، ئۇنداقتا بەلكىم جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

سېرىق داغ: ۋېتامىن E كەمچىل بولغان بولۇشى ياكى لىمفا سىستېمىسى ھەمدە نەپەس سىستېمىسىدا مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن.

قارا داغ: يېنىك بولغاندا بەك چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ ياكى ئوزۇقلىنىش ناچارلىقنىڭ ئىپادىسى، ئېغىې بولغاندا ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئاشقازان راكى ياكى بالىياتقۇ راكىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

2. تىرناق يۈزى ئويمان بولۇپ قالغان بولسا:

1) ئوتتۇرا بارماقنىڭ تىرنىقى ئويمان بولۇپ قالغان بولسا: بەدەندە سۈيدۈك كىسلاتاسى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ۋە مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىيدىغانلىقىنى ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

2) بارماقنىڭ ئۇچىنىڭ تىرناق گىرۋىكىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتىش كۆرۈلگەن بولسا: بۇ بەلكىم ئارتېرىيە قېتىش ۋە راك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

3) چىمچىلاق بارماقنىڭ تىرنىقى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسا: گال ياكى نېرۋا سىستېمىسىدا ناچار ئۆزگىرىش بار ئىكەنلىكى ۋە ئۆت ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

3. تىك يوللۇق سىزىقچىلار

بۇ ھەددىدىن ئارتۇق چارچاپ كەتكەنلىكنىڭ ۋە مېڭىنى زىيادە ئىشلەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئادەتتە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىغان چاغدا بۇ تىك يوللۇق سىزىقچىلار ناھايىتى ئېنىق نامايەن بولىدۇ.

ئەگەر تىك يوللۇق سىزىقچىلار ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ئۇنداقتا تەن ئىچىدىكى ئەزالاردا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تىك يوللۇق سىزىقچىلار پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئۇنداقتا كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

4. يېرىلىپ كەتسە:

تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولسا، تىرناق ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، بېلىق تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ۋە بەش خىل دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەر قاتارلىقلار ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلاشقا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 10:22:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ