ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتئۇيغۇر تېبابەت نەزىرىيەسىتۆت خىلىت دىگەن نىمە؟ نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

تۆت خىلىت دىگەن نىمە؟ نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

«خىلىت» ئادەم بەدىنىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىن جىگەردە ھاسىل بولغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلار سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل بولىدۇ.

خىلىت دېگەن بەدەندىكى سۇيۇقلۇق، تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدۇ.
مىزاج دېگەن خىلىتكە ماس ھالدا ئىپادىلەپ چىققان مىجەز دەپ چۈشىنىۋالساق بولىدۇ، تۇتقىلى، كۆرگىلى بولمايدۇ

خىلىتلار ، ئىنسانلار نىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئىستېمال قىلىشى (تۆرەلمىلىك دەۋرىدە ئانا قېنىنىڭ تەمىنلىشى ) دىن ئىنسان ۋۇجۇدىدا ھاياتلىق باشلانغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر تەبىئىي ھالدا پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇق. ئۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئامىل بولۇپ، ئادەمنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىگە بەدەن ئىچكى تەرىپىدىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىلىتلار بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ، تولۇقلىنىپ ۋە ئۆز تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ. خىلىتلارنىڭ سان ۋە سۈپەت جەھەتتە نورمال ھالەتتە تۇرۇشى، ئادەم ساغلاملىقنىڭ مۇھىم شەرتى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى نورمالسىزلىغى ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن چوڭ ئىچكى سەۋەب بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددا (ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراق) ۋە باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرى كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشىنىڭ تاشقى سەۋەبلىرى قاتارىغا كىرىدۇ. خىلىتلار ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تەسىرىدىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدۇ لېكىن ئىچكى سەۋەبلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشقى سەۋەبلەر بەدەننىڭ ئىچكى ئامىلىغا نورمىدىن تاشقىرى تەسىر كۆرسەتكەندىلا ئاندىن خىلىتلارنى ئۆزگەرتەلەيدۇ .

ئادەم ۋۇجۇدىغا تەبىئەتتە مەۋجۇت بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ ھەممىسى تەسىر قىلىدۇ. ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدە تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرى ھەرگىز بىر خىل نىسبەتتە بولمايدۇ يەنى ھەر بىر ئوزۇقلۇقتا مەلۇم بىر ماددىنىڭ تەسىر كۈچى باشقىلارغا نىسبەتەن ئارتۇقراق بولىدۇ. شۇڭا ئىستېمال قىلىنىدىغان ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە قايسى ماددىنىڭ تەسىر كۈچى ئارتۇق بولسا، شۇ ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ماس كېلىدىغان خىلىت پەيدا بولىدۇ. خىلىتىنىڭ تەبىئىتىمۇ شۇ

ماددىنىڭ تەبىئىتىگە مايىل بولىدۇ.

خىلىتلار ئوخشاش بولمىغان سۇيۇق جىسىملار بولسىمۇ بەدەندە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىر -بىرىگە ئايلىنىپ ، بىر -بىرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ پۈتۈن بەدەندە ئايلىنىپ يۈرىدۇ.

خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى نىسپىي، كەيپىياتى (مىزاجى) دىكى قارىمۇ -قارشىلىق (زىددىيەت) مۇتلەق بولىدۇ.

ئىنسانلار بەدىنىدىكى كۆنۈپ قالغان خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىدا ئۆزگىرىش بولسا، مىزاج ئۆزگىرىپ يېڭى شارائىتقا قارىتا بىر تۇتاش ئىنكاس پەيدا بولىدۇ. بۇلار كېسەللىك ئالامەتلىرى، شۇنداقلا ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەدەن غەلىبە قىلىپ، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقى ئەسلىگە كەلسە، كېسەللىك ئەۋج ئالالمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا تەڭپۇڭسىزلىق راۋاجلىنىپ بەدەندە كېسەللىك ھالىتى كېلىپ چىقىدۇ.

تەبىئىي خىلىت

جىگەردە ئىشلىنىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىي ھالىتىدىن ئۆزگىرىش كەتمىگەن، ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا قۇۋۋەت بېغىشلايدىغان ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە لايىق بولغان خىلىت، تەبىئىي خىلىت دەپ ئاتىلىدۇ.

تەبىئىي خىلىتلار تۆت خىل بولىدۇ.

سەپرا خىلىت

سەپرا – بىر خىل سارغۇچ رەڭلىك، تەمى ئىنتايىن ئاچچىق، ئۆتكۈر سۇيۇقلۇق بولۇپ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق. ئۇ، جىگەردە خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ يەنى ئۆت يوللىرى ئارقىلىق ئۈچەيگە تېمىپ چۈشۈپ، مايلارنى پارچىلاپ ئۇلا ر نىڭ ھەزىم بولۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۈچەينى غىدىقلاپ ئۇنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ، ھەزىمدىن ئاشقان تاشلاندۇق نەرسىلەر (گەندە)نىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭدەك بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارنى توساش، پارچىلاش ۋە زەھەرلەرنىڭ تەسىرىنى قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ. سەپرانىڭ قان تەركىبىگە ئۆتكەن قىسمى ئۆزىنىڭ قىزىق ۋە ئۆتكۈرلۈكى ئارقىلىق قان تەركىبىدە ئېقىپ يۈرگەن قان، بەلغەم، سەۋدا ماددىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەركەتلەندۈرۈپ ، بەدەننىڭ ئەڭ ئىنچىكە ۋە كىچىك قىسىملىرىغىچە ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ ئۇيۇپ قېلىشىدىن ساقلاش، روھى ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتنى جۇشقۇن قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. سەپرا خىلىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەبىئي-تەبىئىيىتى، “ئوت”نىڭ خۇسۇسىيىتى، تەبىئىتىگە ئوخشىشىدىغانلىقى ئۈچۈن
ئوتنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

سەپرا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، كۆپ چاغلاردا ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى تېتىك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تېنى يەڭگىل، ئورۇق، -سۆز ئېقى ۋە تىلى سارغۇچراق، ئۇيقۇسى كەمرەك بولىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە ۋە ئىتتىك سالىدۇ. سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى سېرىققا مايىلراق كېلىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە «سەپرا مىزاجلىق» كىشىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

سەپرا خىلىت دىگەن نىمە؟

سەپرا خىلىت، سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى قانداق بولىدۇ؟

 

قان خىلىت

ئۇ، بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ماددىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قاننىڭ رەڭگى ئوچۇق قىزىل،تەمى تاتلىقراق. مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ئاساسلىق ئورنى

يىلىك ۋە جىگەردە، قاننىڭ تەبىئىتى «ھاۋا» نىڭ تەبىئىتى بىلەن ئوخشايدۇ. شۇڭا ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ. قان، يۈرەكنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشى، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىپ – تارىيىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن بەدەندە دەۋرى قىلىپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ. قاننىڭ بەدەنگە نىسبەتەن خىزمىتى ناھايىتى چوڭ. ئۇ ھەزىم قىلىنىپ شۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ بارلىق جايلىرىغا ھەتتا ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرىگىچە ئېلىپ بارىدۇ. سەرىپ بولغان ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. قان، ئۆپكىدىن ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغان ساپ ھاۋا (ھاۋايى نەسمى) نى پۈتۈن بەدەنگە ئەۋەتىپ، بەدەننىڭ ئىھتىياجىنى تەمىن ئېتىدۇ. ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا ئايرىلىپ چىققان كېرەكسىز ماددا ۋە بۇزۇق ھاۋا (ھاۋايى دۇخايى) نى ئېلىپ كېتىپ ئۆپكە، بۆرەك، تەر تۆشۈكلىرىگە ئوخشاش چىقىرىش ئەزالىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.

قان ئۆزىنىڭ ھۆل ئىسسىقلىغى بىلەن بەدەننى ئىسسىتىپ، قۇۋۋەتلىك قىلىدۇ. بەدەن ھارارىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا قاتنىشىدۇ ھەمدە بەدەننى ھۆللۈك بىلەن تەڭشەپ تۇرىدۇ. تېرىنى سىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭغا رەڭ بېرىدۇ. بەدەننىڭ نورمال خىزمەت پائالىيىتىنى تەبىئىي تەرتىپكە سېلىپ تۇرۇشتا مۇھىم خىزمەت قىلىدىغان باشقا خىلىتلارنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئېقىتىپ بېرىپ پۈتۈن بەدەننىڭ تىگىشلىك ئورۇنلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

قان خىلىتى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگەللىگەن كىشىلەرنىڭ تەبىئىي مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى رويى چىرايلىق، قىزىل خۇشخۇي ئۆزى قۇۋۋەتلىك ، ئورۇق سېمىزلىگى مۆتىدىل ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ. تومۇرى يوغان دولقۇنلۇق سوقىدۇ. سۈيدۈكى قىزغۇچ كېلىدۇ. كۆپ ھاللاردا تېنى ساغلام بولىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر ئادەتتە « قان مىزاجلىق» كىشىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

قان خىلىت دىگەن نىمە؟

قان خىلىت، قان مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى قانداق بولىدۇ؟

 

سەۋدا خىلىت

سەۋدا، بىر خىل قويۇقراق، قارامتۇل رەڭدىكى قاڭسىق ۋە چۈچۈمەل تەملىك سۇيۇقلۇق بولۇپ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق. ئۇ، چۆكمە ھاسىل قىلىش، ئەزالارنىڭ شەكىل ۋە سۈپىتىنى ساقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، سەپرا ، بەلغەم ماددىلىرىنىڭ ئارتۇقچە كۆپىيىپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ ھەمدە باشقا خىلىتلارنىڭ ئۆز يولىدىن چىقىپ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلايدۇ. سەۋدا خىلىتىغا ئېھتىياجلىق بولغان قۇرۇق سوغۇق ئەزالار (مەسىلەن: سۆڭەك، كۆمۈرچەك، پەي، چاندىر ، تارىمۇش ۋە باشقىلار)غا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىزىش،
پىكىر قىلىش، ئەستە تۇتۇش، قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. غىدىقلاش، قوزغاش تەسىرى ئارقىلىق سەزگۈ ئەزالارنى ئويغىتىپ، بەدەندىكى سۇسلۇقلارنى ياخشىلايدۇ

سەۋدانىڭ ئورنى تالدا بولۇپ تالىنىڭ خىزمىتى ۋە ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش پائالىيىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاشقازاننىڭ تارتىش (جازىبە) قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتىمۇ بار دەپ قارىلىدۇ.

سەۋدا خىلىتىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەبىئىتى «تۇپراق» ماددىسى بىلەن ئوخشىشىدىغانلىغى ئۈچۈن ئۇ تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ .

سەۋدا خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئېقى. تىلى قارامتۇللۇققا ياكى سۇس كۆكلۈككە مايىل بولىدۇ، ئۇيقۇسى كەمرەك ، ئاچچىقى تېز ، تەپەككۇرى ئۆتكۈر كېلىدۇ. تومۇرى ئاستا سالىدۇ. سۈيدۈكىنىڭ رەڭگى توق سېرىق ياكى كۆكۈشكە مايىل كېلىدۇ. مۇنداق كىشىلەر «سەۋدا مىزاجلىق» كىشىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋدا خىلىت دىگەن نىمە؟

سەۋدا خىلىت، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى قانداق بولىدۇ؟

 

بەلغەم خىلىت

بەلغەم خىلىتى بەدەنگە كىرگەن ئوزۇقلۇقلار ۋە ھۆللۈكلەردىن پەيدا بولغان، پۈتۈن بەدەندىكى ھەر بىر ئەزا توقۇلمىلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكلىرى ئارىسىدىكى بوشلۇقلاردا ساقلىنىپ تۇرىدىغان تۇخۇم ئېقىسمان سۇيۇقلۇق. شۇڭا ئۇنىڭ ئورنى پۈتۈن بەدەندە بولىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆللۈكى ۋە تەركىبىدىكى ئوزۇق ماددىلىرى بىلەن پۈتۈن بەدەنگە ئۆزىنىڭ رولى دائىرىسىدە تېگىشلىك ئوزۇقلۇق بولغاندىن تاشقىرى، سەپراغا ئوخشاش ئۆتكۈر ئىسسىق ماددىلارنىڭ باشقا خىلىتلارنى ئارتۇقچە ئىسسىقلىقى بىلەن پارچىلاپ، بۇزۇشتىن ساقلايدۇ ۋە ئادەم بەدىنىدە غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. سەۋداغا ئوخشاش چۆكمە ھاسىل قىلىدىغان خىلىتلارنىڭ توختاۋسىز يۈرۈشۈپ، بەدەننىڭ زۆرۈر بولغان تېگىشلىك جايلىرىغا قەدەر بېرىپ ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. يۈرەك قېپى، كۆكرەك بوشلۇقى. بوغۇم بوشلۇقلىرىدىكى سۈزۈك سۇيۇقلۇق (بەلغىمى زوجاجى) لارمۇ بەلغەم ماددىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ئۇلار ، بۇ يەرلەردە سۈركىلىش، غىدىقلىنىشلارنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.

بەلغەم خىلىتى پۈتۈن بەدەننى ھۆللەشتۈرۈپ، يۇمشىتىپ تۇرىدۇ. بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە ياكى قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى كۆپلەپ يوقالغاندا، قانغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. قانغا شىرە پەيدا قىلىپ قاننىڭ ئەزالارنى ھۆللەندۈرىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بەلغەم خىلىتى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرگەن سەپرا، قان، سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەدەننىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە كىچىك ئورۇنلىرىغىچە يەتكۈزۈش، ئۇ يەردىكى ماددا ۋە قۇۋۋەت ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كېرەكسىز تاشلاندۇق ماددىلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېقىتىپ قانغا ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك يوللار بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بەلغەم خىلىتى خۇسۇسىيەت ۋە تەبىئىتى جەھەتتە “سۇ” بىلەن ئوخشىشىدىغانلىقى ئۈچۈن سۇ ماددىسىنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

بەلغەم خىلىتىنى پېشقەدەم ھۆكۈمالىرىمىز پىشمىغان ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا قانغا ئايلىنالايدىغان خام قان دەپ ئاتىغان.

بەلغەم خىلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن كىشىلەرنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇنداق كىشىلەرنىڭ چىرايى، كۆز ئېقى ۋە تىلنىڭ يۈزى ئاق كېلىدۇ. بەدىنى بوش، خام سېمىز ، ئېغىر بېسىق، ئۇيقۇسى كۆپرەك . ئېغىزىدىن شۆلگەي (ئالۋاق) ئاقىدىغان بولىدۇ. تومۇرى چوڭ ، ئاستا سالىدۇ. سۈيدۈكى كۆپ. رەڭگى ئاق كېلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر «بەلغەم مىزاجلىق» كىشىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

بەلغەم خىلىت دىگەن نىمە؟

بەلغەم خىلىت، بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ خاراكتىرى قانداق بولىدۇ؟

بۇنىڭدىن سىرت غەيرىي تەبىئىي خىلىت يەنى نورمالسىز  سەپرا، نورمالسىز بەلغەم، نورمالسىز سەۋدا، نورمالسىز قان دەپ 4 تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار كېيىنكى مەزمونلاردا تولۇقلاپ ماڭىمىز.

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى بىرىنجى جىلد دىن ئۈزۈندە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-29 / 09:13:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ