دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

قانۇنلۇق ئەر-ئايال ، ئىككىلا تەرەپتە ئەيدىز كېسىلى گىرىپتار بولمىغان ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىر بىرىگە سادىق بولسا ، بۇ چاغدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت بىخەتەر بولىدۇ لېكىن تويدىن بۇرۇن ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوغۇل قىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت بىخەتەرلىك جەھەتتىن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا تويدىن بۇرۇن مەيلى قىز تەرەپ بولسۇن، ياكى ئوغۇل تەرەپ بولسۇن، جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز.

چۈنكى تويدىن بۇرۇن ، قانۇن قىز ئوغۇل ئارا مۇناسىۋەتكە تورمۇزلاش ، چەكلەش رولى بولمايدۇ ، ھەمدە ئىدىيە-ئەخلاق نىڭ چەكلەش رولى ياشلارغا نىسبەتەن چەكلىك بولغاچقا ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەھەتتە ئىككىلا تەرەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئالغىسى كەلمەي قالىدۇ .

بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىت داۋالغۇش ئەڭ ئېغىر ۋاقىت ، شۇڭلاشقا بۇنداق ۋاقىتتىلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ، مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قالسا ، ياكى ئاستىرتتىن باشقىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ، بۇ ئەمەلىيەتتە قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇنداق قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇشىنىڭ يۇقىرى خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى .

شۇڭلاشقا ياشلار ،ھەرقانچە بىر بىرىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرسۈن ، پەقەت توينىڭ ئالدىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالىسىلا ، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە ، ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكىلى بولىدۇ ھەمدە تويدىن كېىينكى تۇرمۇش ياخشى بولىدۇ .

بەزى كىشىلەر ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلمىسا قانداق قىلىش كېرەك ؟

كەچۈرۈڭ ، بىر قىسىم كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانغا ئوخشاش ، بىز ھەممە كىشىلەرنى قايىل قىلالىشىمىز ناتايىن ، لېكىن ئەقلى بارلا كىشىلەر ، ئۆزىنى ، ھاياتىنى ، ھەم كەلگۈسىدىكىنى كۆزلىسە ، ھەم كۆرەلىسە ، چوقۇملا ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلايدۇ .

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-01

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:21:40

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,661FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر