#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.
00:00 باشلىنىش
00:05 7.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
28:00 8.يۇقارقى تەكشۈرۈشلەرنى بارغان ھامانلا چوقۇم قىلىپ قويامدۇ؟
30:30 9.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) قان نەتىجىلىرى قاچان چىقىدۇ؟ توغرىلىق دەرىجىسى قانچىلىك؟
32:21 10.ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) تەكشۈرگەن قان نەتىجىلەرنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟ باشقا دوختۇرلار
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!
1. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟
توردىن ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز. مەنمۇ دوختۇرلار تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇرچە تۈركچە شەكىلدە چىقىرىپ قويىمەن ۋە كېيىنكى ۋىدىئولاردا ھەربىر تەكشۈرۈشنىڭ نىمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەپسىلىيراق توختىلىپ ئۆتىمەن. تۆۋەندە جەدۋەل شەكىلدە چىقىرىپ قويدۇم.
- ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
aç karın şeker, 3 aylık şeker - قان گۇرۇپپىسى
kan grubu - خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
hemogram , kansızlık - بىئوخىمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları) - يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
HIV, HBV, HCV, VDRL… - قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
CRP, ASO - ھامىلدارلىق
Beta-hcg - قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg…. - قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
kolesterol, LDL, HDL,… - قالقانسىمان بەز رولى
TSH, T4 - مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
PSA - مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
..
ئىلگىرى د ۋىتامىن، ب 12 ۋىتامىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى (يەنى فولىك ئاسىت) لارنىمۇ ئۆلچىيەلەيتى. ھازىر ئۇلار چىقىرۋېتىلىپتۇ.
بۇ قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمار بەدەن ساغلاملىقىدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى (يەنى بىمارنىڭ ئومومىي بەدەن ئەھۋالىنى، مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ رولى نورمال ۋەيا ئەمەسلىكى، بەزى سوزۇلما ۋەيا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن شۈبھىلىرى… ) بىلەلەيمىز. بۇ تەكشۈرۈشلەر ھەرگىزمۇ بىر تەكشۈرۈش بىر ئورگاننىڭلا ئىكەن، جىگەر ئۈچۈن ASTلا تەكشۈرسە يېتەرلىككەن، نىمە دىگەن ئاسان دەپ چۈشەنمەڭ. دوختۇرلار يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر، بىمارنىڭ ئالامەتلىرى، كېسەل تارىخى، يىپ ئۇچلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقىيالايدۇ.
(بەزىدە ماڭا بىمارلار پەقەت قان تەكشۈرۈشىنى ئەۋەتىپلا، قاراپ باقسىڭىز ساقمىكەنمەن، دەپ سورايدۇ. مەن جاۋابىمدا بىمارنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىنى سورايمەن، ئەگەر تولۇق تەمىنلەپ بەرمىسە، «تەكشۈرۈش نەتىجىڭىز نورمالكەن ۋەيا بىنورمالكەن» دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن خالاس. ئەمما بىر كىشىنىڭ ساق ۋەيا ساقسىز بولۇشىنى ھەرقايسى نوقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش لازىم.)
2. يۇقارقى تەكشۈرۈشلەرنى بارغان ھامانلا چوقۇم قىلىپ قويامدۇ؟
- سىز شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى مەلۇم دوختۇرغا تىزىملاتقان بولۇشىڭىز لازىم.
- ئىقامىتىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى لازىم.
- بەدىنىڭىزدىكى ئالامەتلەرنى، سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى دوختۇر ئومۇمىي باھالاپ ئاندىن قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشنى قارار بېرىدۇ.
- شۇ مەركەزنىڭ قان ئالىدىغان كۈن ۋە ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك. (مەسىلەن ئاۋجىلار 7.نومۇرلۇق ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە سەيشەنبە، پەيشەنبە ئەتتىگەن 8:30-9:30 ئارىسىدا قىلىدۇ، باشقا يەرلەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن.)
3. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) قان نەتىجىلىرى قاچان چىقىدۇ؟ توغرىلىق دەرىجىسى قانچىلىك؟
كۆپىنچە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسى ئەتىسى كۈنى چۈشتىن كېيىن چىقىدۇ. نورمالدا قان ئالغان ۋاقىتتا، سىستېرالاردىن نەتىجىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى سورىۋالسىڭىز بولىدۇ.
توغرىلىق دەرىجىسى ئادەتتە 95-99% دىسەك بولىدۇ. ناھايىتى ئاز ۋاقىتلاردا خاتا نەتىجە چىقىدۇ. ئەگەر نەتىجىلىرىڭىزگە شۈبھى تۇغۇلسا، دوختۇرىڭىزدىن قايتا سوراپ جەزىملەشتۈرسىڭىز بولىدۇ.
4. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) تەكشۈرگەن قان نەتىجىلەرنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟ باشقا دوختۇرلار كۆرەلەمدۇ؟
- ئې نابىزدىن كۆرەلەيسىز. ناھايىتى قولاي.
- دوختۇرىڭىز سىزگە دەپ بېرىدۇ، ئەگەر ئەپلىك بولسا قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
- ئەگەر سىز ئې نابىزدا باشقا دوختۇرلار بىلەن ھەمبەھىرلەنمەيمەن دىگەن تاللاشنى تاللىمىغانلا بولسىڭىز، باشقا دوختۇرخانىلارغا بارغاندا شۇ يەردىكى دوختۇرلارمۇ نەتىجىلىرىڭىزنى كۆرەلەيدۇ. بولمىسا سىزدىن ئىجازەت ئېلىپ كۆرۈشكە مەجبۇر قالىدۇ.