ئانا سەھىپەپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىلارتۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) كىملەر تىزىملىتىپ تەكشۈرۈش قىلالايدۇ؟

تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) كىملەر تىزىملىتىپ تەكشۈرۈش قىلالايدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار، ئاز تولا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپىڭىزدىكى ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ساغلىقنى ساقلاش مەركىزى (يەنى ساغلىق ئوجاغىنى) نى چۈشىنىپ قويۇڭ.

00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قايسى خىزمەتلەردىن ھەمبەھىرلەنگىلى بولىدۇ؟
08:06 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغى) كىملەر تىزىملىتالايدۇ؟
09:31 تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا (ساغلىق ئوجىغى) تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت ياكى پاسپورت بولۇش شەرتمۇ؟
10:33 ئىقامىتى، پاسپورتى يوقلار ساغلىق ئوچىغىغا تىزىملىتالمامدۇ؟ خىزمەتلەردىن بەھىرلىنەلمەمدۇ؟

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!

 

1. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا قايسى خىزمەتلەردىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؟

1.چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ بەدەن تەكشۈرۈش، ھەقسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش.

2.چوڭلارغا ۋە بالىلارغا كېسەللىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش توغرىلىق مەسىلىھەت بېرىش.

3.قان بېسىمى، قاندىكى شىكەر ماددىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلىش.

4.ئىلگىرى قىلدۇرغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە مەسلىھەت بېرىش، كېسەل تارىخىنى رەتلەش.

5.يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى (دىئابېت، شىكەر كېسىلى)، قالقانسىمان بەز كېسىلى، نەپەسلىنىش يولى ئۆپكە كېسەللىكلىرى(زىققە، ئاڭگىنا، كانايچە، ئۆپكە، شاخچە كېسەللىكلىرى)، بۆرەك تېشى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى بۆرەك ياللۇغى، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ۋىتامىن كەمچىللىك، قان ئازلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر …ۋە باشقا كۆپ كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دەسلەپكى دىئاگنوز قويۇش، دورىلىرىنى تەڭشەش، مەسلىھەت بېرىش.

6.كېسەللىكلەرگە كېرەكلىك بولغان ئىچىدىغان دورا، كاسسا ئوكۇلى، ئاسما ئوكۇلى، ۋە باشقا تۈردىكى دورىلارنى يېزىش (رېچېتې).

7.ھامىلدار 10 ئاي جەريانىدا كۈزىتىپ مەسىلھەت بېرىش، كېرەكلىك قانلار تەكشۈرۈش، ھامىلدارغا كېرەكلىك بولغان دورا، ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، ۋىتامىنلارنى تەۋسىيە قىلىش، ۋاكسىنا تەۋسىيەلىرىنى بېرىش، قورساقتىكى تۆرەلمە بوۋاق يۈرەك سوقۇشىنى كۈزىتىش (كېرەك بولغاندا ئايال سىستېرا ياردەمدە بولىدۇ.)

8.يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تاپىنىدىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈش.

9.بوۋاقلار، بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىشى، بويى، ئېغىرلىقىنى كۈزىتىش، ئارخىپ تۇرغۇزۇش.

10.بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئايلىق ۋە يىللىق ۋاكسىنىلىرىنى ئەملىتىش، تەۋسىيە بېرىش.

11.تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق راپورى ئېلىش.

  1. بىمارنىڭ بەدىنىدىكى كېسەللىكلەرنى دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بۆلۈم، دوختۇرخانىلارنى تەۋسىيە قىلىش
  2. باشقىلار… (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

بۇ مەزمونلار كېيىنكى ۋىدىئولاردا داۋاملىق كېڭەيتىلىپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

 

2. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە كىملەر تىزىملىتالايدۇ؟

تۈركىيەدىكى بارلىق كىشىلەر تىزىملىتالايدۇ.

 

3. تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىقامەت بولمىسا  بولمايدۇ. ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن ھىچ بولمىسا ئىقامەت نومۇرى ۋەيا ئانىسىنىڭ ئىقامىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر ئىقامەت بولمىسا، بۇلاردىن سىرت تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

 

4. ئىقامىتى يوقلار ھەم پاسپورتى يوقلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا (ساغلىق ئوچاغىدا) تەكشۈرۈش، داۋالىنىش ئېلىپ بارالامدۇ؟

ئىناۋەتلىك ئىقامىتى يوق كىشىلەر، شۇ تۇرۇشلۇق رايوننىڭ كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى ( göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىپ ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسە، شۇ جايدىكى دوختۇر بىمار ئەھۋالىغا قاراپ ، ئىقامەتسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. نورمالدا ھەربى رايوندا بىردىن كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بولىدۇ.

 

5. تىزىملىتىش ، تەكشۈرۈش، ۋاكسىنا ئەملەشلەر ئۈچۈن پۇل تاپشۇرامدۇ؟

ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق مەزمونلار ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 12:31:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ