ئانا سەھىپەمەخسۇس سەھىپىلەرۋاكسىناتۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا تۈرلىرى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تەسىس قىلغان بوۋاق بالىلار ۋاكسىنا تۈرلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى تۈركىيەدە تۇغۇلغان بوۋاق بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋاكسىنىلارنى ھەقسىز ئەملەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. بىلەك مۇسكۇلىغا ئەملىنىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit B (Hep-B)

تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:

B تىپلىق جىگەر ياللۇغى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى


 

BCG ۋاكسىنىسى :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا. تۇبىركۇليۇزغا قارشى ئىممۇنىتېت شەكىللەندۈرىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: BCG

بۇ ۋاكسىنى ئەملەشنىڭ ئالدىدا، بوۋاقنى شۇ رايوندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۇبىركۇليۇز كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش مەركىزى (ۋەرەم ساۋاش دىسپانسېرى Verem savaş dispanseri) گە ئەۋەتىپ پ پ د تەكشۈرۈش (ppd test) نى قىلدۇرىدۇ، نەتىجىسى 3 كۈندە چىقىدۇ، ئاندىن نەتىجىگە ئاساسەن بوۋاققا بۇ ۋاكسىنى ئەملەش ئەملىمەسلىكنى قارار قىلىدۇ.

 


 

بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى، ھەرىكەتسىز پولىئو، ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى بىرلەشمىسى:
بەزىدە بۇنى بەشلىك بىرلەشمە ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان باكتېرىيە ۋە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋىرۇس بولغاچقا، ئۆلۈك ۋاكسىنا گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: DaBT-İPA-Hib Karma Aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz-Hib-Çocuk Felci

تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:

  1. بوغما كېسىلى ۋە بوغما ۋاكسىنىسى
  2. كۆكيۆتەل كېسىلى ۋە كۆكيۆتەل ۋاكسىنىسى
  3. قاتما (تېتانوس) كېسىلى
  4. ھەرىكەتسىز پولىئو ۋاكسىنىسى
  5. ب تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى

 

پولىئو ۋاكسىنىسى (ئېغىزدىن ئىچىلىدۇ.) :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.
بالىلار پارالىچى پالەچ  بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەملىنىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: OPA Oral polio Aşısı

 


 

بىرىكتىرمە ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتىرىيىسى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KPA Pnömokok Aşısı

 


 

قىزىل، سوغان، قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: KKK Karma Aşı; Kızamık-Kızamıkçık-Kabakulak

 


 

بوغما، كۆكيۆتەل، قاتما كېسىلى (تېتانوس)، ھەرىكەتسىز پولىئو ۋاكسىنىسى :
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. تۆت بىرلەشكەن ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: DaBT-İPA Dörtlü karma aşı; Difteri-Boğmaca-Tetanoz- Çocuk Felci


 

بوغما، قاتما كېسىلى (تېتانوس) ۋاكسىنىسى:
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Difteri-Tetanoz Td: İki hastalığa karşı etkili, karma, ölü bakteri aşısıdır.


 

ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى:
ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىغا تەۋە. بىلەك مۈرە مۇسكۇلىغا ئەملىنىدۇ.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Hepatit A

 


 

سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى :
زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا.

تۈركچە ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى: Suçiçeği.

تەپسىلىي مەزمون ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:

سۇ چېچىكى كېسىلى ۋە ۋاكسىنىسى ھەققىدە

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى بوۋاق بالىلار (بالىلىق دەۋىر) ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلى

ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا

بەزىدە ئۆلۈك ۋاكسىنا، ھاياتى كۈچى يوقىتىلغان ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تۈركچە: ölü aşı

ئىنگىلىزچە: inactive vaccine

 

زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا

بۇ بەزىدە تىرىك ۋاكسىنا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ تۈردىكى ۋاكسىنىلارنىڭ ئىچىدە ئالاقىدار باكتېرىيە ۋەيا ۋىرۇسلار ھايات بولۇپ، پەقەت زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان، بەدەنگە ئەملەنگەندە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، پەقەت بەدەندە مەزكۈر كېسەللىكنى تونۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىممۇنىتېت قارشىلىق كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما ئىچىدىكى باكتېرىيە ياكى ۋىرۇسلار ھېلىھەم جانلىق بولغاچقا، ھامىلدارلارغا، بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى زىيادە تۆۋەن بىمارلارغا ، ۋە بەزى مۇھىم كېسىلى بار بىمارلارغا ئەملىنىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

تۈركچە: canlı aşı

ئىنگىلىزچە: live vaccine, attenuated vaccine

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-06-20 / 08:43:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ