ئانا سەھىپەپايدىلىق ئۇچۇرلاردوختۇرخانىلارتۈركىيەدە پۈتۈن بەدەن ساغلاملىق تەكشۈرۈش قانداق قىلىنىدۇ؟ Check-up

تۈركىيەدە پۈتۈن بەدەن ساغلاملىق تەكشۈرۈش قانداق قىلىنىدۇ؟ Check-up

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

#dohtur #nurdohtur #نۇردوختۇر

كۆپلىگەن تۈركىيەدىكى ۋە بەزى باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلار مەندىن تۈركىيەدە پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان ۋە قەيەردە قانداق تەكشۈرتۈشنى سورىغان ئىدى. بۇ توغرىلىق بەزى توپلىغان ئۇچۇرلىرىمنى بۇ يەردە ھەمبەھىرلىنىپ قوياي. بۇ ۋىدىئو ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان باھالار 2022 -يىلىغا ئائىت. كېيىن قانداق بولىدۇ بۇنىسى ھازىرچە ماڭا نامەلۇم.

00:00 باشلىنىش
00:05 تۈركىيەدە پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلار Check-up
09:11 ئاياقلىشىش

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن!

 

پۈتۈن بەدەن تەپسىلىي ساغلاملىق تەكشۈرۈش قىلغىم بار، قەيەردە تەكشۈرەلەيمەن؟ باھاسى قانچە؟

  • پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش tüm vücut chek-up دەيدۇ.
  • دۆلەت دوختۇرخانىلاردا پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ھازىرچە يوق. بىمارنىڭ شىكايەتلىرى، بەدەن ئالامەتلىرى، يېشى، كېسەللىلەر بولۇش خەۋپىيگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەردە تەكشۈرۈش قىلىدۇ.
  • شەخسىي دوختۇرخانىلاردا پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بار. ئەگەر سۇغۇرتىڭىز بولمىسا، ئاز دىگەندە 3000-15000 غىچە بولغان بىر چىقىمنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ قويۇش كېرەك. ئەمما ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى، بۇ پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش دىگەن بىلەن يەنىلا چوڭراق ئورگانلارنىڭ رولىنى، شەكلىنى كۆرىدۇ، مەسىلەن قان تەكشۈرۈش، كۆز تەكشۈرۈش، چىش تەكشۈرۈش، ئۆپكە رېنتىگىن تارتىش، قورساق قىسىم ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىش، يۈرەك ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش (ئېكو) قىلىش، ئې كا گې تارتىش، قۇلاق بۇرۇن بوغاز بۆلۈمىدە قۇلاقنىڭ ئاڭلاش رولىنى تەكشۈرۈش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ بەزىلىرى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. ھازىر پەقەت مۇمكىن بولغان ئەھۋالنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. قالغىنىنى يەنە تەپسىلىي سوراپ سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

 

كۆپىنچە شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ئەڭ ئاساسلىق بولۇپ تۆۋەندىكى تەكشۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. Doktor muayenesi دوختۇرنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشى
  2. Tam kan sayımı قان تەكشۈرۈش (قىزىل قان دانچىسى، ئاق قان دانچىسى، قان پىلاستىنكىسى، خېموگلوبىن…)
  3. Kan şekeri testi قاندىكى شىكەر
  4. Karaciğer ve böbrek fonksiyon testleri جىگەر، بۆرەك روللىرى تەكشۈرۈش
  5. Kan lipid ve kolesterol testleri قاندىكى خولىستېرول ماي تەكشۈرۈش
  6. Hormon testleri ھورمونلار (قالقانسىمان بەز ھورمونلىرى، ئاياللىق ھورمون؟ ئىنسۇلىن قارشىلىق كۈچى؟)
  7. Vitamin ve mineral testleri ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار (ب12، د ، تۆمۈر، ناترىي، كالىي، فوسفور، كالتسىي…)
  8. İdrar tahlili كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش
  9. Efor testi يۈگۈرەش ماشىنىسىدا ئىتتىك ماڭغۇزۇپ يۈرەكنىڭ ئەھۋالىنى كۆرىدۇ (كۆپىنچە يەرلەردە قىلمايدۇ)
  10. EKG (Elektrokardiyogram)
  11. Ultrasonografi ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش (كۆپىنچە قورساق قىسىمنى تارتىدۇ، بەلكىم بويۇننىمۇ قوشۇمچە تارتىشى مۇمكىن)
  12. Röntgen رېنتىگن (كۆپىنچە ئۆپكە قىسىمنى تارتىدۇ)

قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىمۇ قىلالايسىز، ھەم ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە يۇقارىدا يەر ئالمىغان بەزى تەكشۈرۈشلەرنىمۇ قىلالايسىز.

 

چوڭراق دوختۇرخانىلار قوشۇمچە قىلىپ تۆۋەندىكى مەزمونلارنىمۇ قوشۇپ قىلىشى مۇمكىن:

  1. ياش گۇرۇپقا ئاساسەن قوشۇمچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش: مەسىلەن ياشانغان كىشىلەر ئۈچۈن چوڭ تەرەت تەكشۈرۈش (ئىچىدە قان بارمۇ يوق تەكشۈرۈش قىلىدۇ)
  2. ئاياللارغا بەكرەك كۆكسى راكى، تۇخۇمدان ئۆزگىرىشلىرى ئۈچۈن تەكشۈرۈشلەر (ماموگرافى)
  3. ئوتتۇرا ياشانغان ئەرلەردە قوشۇمچە بولۇپ مەزى بېزى ئۆسمىسى ،راكى
  4. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش، ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش….
  5. مېڭە ئەم ئار
  6. باشقىلار….

ئەلۋەتتە تەكشۈرۈشلەرنىڭ سانىغا ھەم ئالاقىدار بۆلۈملەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەكشۈرۈش ھەققىمۇ كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

شۇڭا پۈتۈن بەدەن تەكشۈرۈش قىلىشنىڭ ئالدىدا، سىز بارماقچى بولغان شەخسىي دوختۇرخانىغا يۈز تۇرانە بېرىپ كاتىپى بىلەن كۆرۈشسىڭىز، سىزگە قايسى تەكشۈرۈش بارىلىقىنى، جەمئىي باھاسى قانچە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ.

تېلېفوندا بەك يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ. يۈز تۇرانە بېرىپ سوراش بەكرەك ياخشى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 06:53:03

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ