ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقىئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىسىگە زىيانلىق

ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىسىگە زىيانلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

فىرانسىيەدە ئۈچ ياشتىن كىچىك بالىلارغا تېلېۋىزور كۆرسىتىش قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ چۈنكى بالىلار بەك كىچىك چېغىدا تېلېۋىزور كۆرۈشنى باشلىسا سالامەتلىكىگە زىيانلىق ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېغىر زەخىملەندۈرىدۇ

ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق پىسخولوگ ۋە بىئولوگ ئېرىك سىگمان ئون نەچچە يىل تەتقىق قىلىپ ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىپ : بىز خۇددى تۇز ، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويغانغا ئوخشاش ، ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىغىمۇ چەك قويۇشىمىز كېرەك ، دېدى . ئۇ تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ بالىلارغا تۆت جەھەتتىن ناچار تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان :

1. چوڭ مېڭە ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ . تېلېۋىزور كۆرۈش كىتاب ئوقۇشقا ئوخشىمايدۇ ، كىتاب ئوقۇش بالىلارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ . ئەمما تېلېۋىزور كۆرۈش پاسسىپ قوبۇل قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ ، بالىلارنىڭ ھەقىقىي دۇنيانى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ ، تەسەۋۋۇر قابىلىيىتىنى چەكلەيدۇ . ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى %80 تەرەققىي قىلىپ بولىدۇ . دائىم تېلېۋىزور كۆرسە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئاستلايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ .

2 . ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ، بويى ئۆسمەيدۇ . مېلاتونىن بىلەن ئۇيقۇ سۈپىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ياشلىق مەزگىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەڭشىلىشىدىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان رول ئوينايدۇ . ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولسا بويى تېز ئۆسىدۇ . تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ قويىدىكەن . ئۇدا بىر ھەپتە تېلېۋىزور كۆرمىسە ، بالىلار بەدىنىدىكى مېلاتونىننىڭ سەۋىيەسى %30 كۆپىيىدىكەن .

3 . يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولىدۇ . ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىل يازدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا ، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان 15 ياشلىق 290 ئوغۇل بالا ئىچىدە كۈندە ئىككى سائەتتىن ئۇزاق تېلېۋىزور كۆرگەن ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغان بالىلارنىڭ قېنىدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بەلگە ماددىلارنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن .

4 . مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ ، دوست تۇتالمايدۇ . تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزاق كۆزىتىپ بايقىشىچە ، دائىم تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلارنىڭ مىجەزى چۇسلىشىپ ، سەپرا مىجەز بولۇپ قالىدىكەن . ئۇزاق مۇددەت تېلېۋىزور كۆرۈش بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ، ئەخلاق–پەزىلىتىگە ئىنتايىن پايدىسىزكەن .

تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ زىيىنى كۆپ بولسىمۇ ، پىداگوكلار : تېلېۋىزورنى مۇۋاپىق كۆرۈش بالىلارنىڭ ئىاراكىي ئىقتىدارى ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق ، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا مۇۋاپىق بولۇشتا ، دەپ كۆرسەتتى . ئامېرىكا بالىلار كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ‹‹ ئىككى ياشتىن كىچىك بالىلار تېلېۋىزور كۆرمەسلىكى كېرەك›› دەپ كۆرسەتتى .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-03-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:15:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ