ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقئۈن-تىنسىز جىنسىيەت تەربىيىسى

ئۈن-تىنسىز جىنسىيەت تەربىيىسى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بالىلارغا بولغان جىنسىيەت تەربىيىسىنى ئەر – خوتۇنلار «مەن سۆزلەي سەن ئاڭلا» دېگەندەك سىڭدۈرۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى ۋە ئائىلە كەيپىياتىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك چۈنكى، ئەر-خوتۇننىڭ تۇرمۇشتا چۈشىنىشىنى ۋە مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان كونكرېت ئۇسۇللىرى بالىسىنىڭ جىنسىي پسىخىكىسىنىڭ يېتىلىشىگە ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىدۇ،

بۇ ئاستا – ئاستا بولىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسى. ئەگەر ئەر-خوتۇن ئېغىزدا بىر خىل، ئەمەلدە بىر خىل بولىدىغان بولسا، سۆز بىلەن بولىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسىنىڭ رولى كۆپ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ھەتتا يوق دېيەرلىك بولىدۇ.

شۇڭا، ئەر-خوتۇن ئائىلىدە بالىغا چوقۇم ياخشى جىنسىي ئوبراز ۋە ئىللىق ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى ۋە ئامراقلىقىنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا كۆزەتكۈزۈشى ۋە ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك. بالا ئاتا-ئانامنىڭ مۇھەببىتى پۈتۈنلەي ماڭىلا بېغىشلىنىپ، بىر-بىرى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ھېس قىلىپ قالماسلىقى كېرەك.

مەلۇم بىرەيلەن يازغان ماقالىدە بالا چوڭ بولغانسېرى ئەر-خوتۇن بالا ئالدىدا بىر-بىرىگە ئامراقلىق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، دەيدۇ.ئەمما تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەكسىچە ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە بولغان غەمخورلۇقى، كۈلكە-چاقچاقلىرى ھەتتا ئامراقلىق قىلىپ بەدەنلىرىنى ئۇچراشتۇرۇشلىرىنى دائىم ھەم مەقسەتلىك ھالدا بالىغا كۆرسىتىشى كېرەك دەپ قارايمەن. مۇنداق قىلىش نەتىجىسىدە، تەبىئىي ھالدا بالىدا شىرىن مۇھەببەت ۋە نىكاھقا ئىنتىلىش پسىخىكىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، كەلگۈسىدە تويدىن كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇشقا ياخشى پسىخىك ئاساس سېلىنىدۇ. ئامراق، كۆڭۈللۈك بەزى ئەر-خوتۇنلار گەرچە بالىلىرىغا مەقسەتلىك ھالدا جىنسىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بارمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىدىكى داۋلى مانا مۇشۇنىڭدا.

ئامراقلىق قىلدىم دەپ زىيادە قىزغىن بولۇشقا، ئەر-خوتۇن بالا ئالدىدا تەپتارتماستىن كونكرېت جىنسىي ھەرىكىتىنى كۆرسىتىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى سەل چوڭراق بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، زۆرۈر بولمىغان جىنسىي غىدىقلىنىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئولتۇراق ئۆي قىس، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار بالىسى بىلەن بىر ئۆيدە ھەتتا بىر كارۋاتتا ياتىدۇ. شۇڭا جىنسىي ئالاقە قىلغاندا يوشۇرۇشقا (تۇيدۇرماسلىققا) دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئەگەر بالا تاسادىپىي كۆرۈپ قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر-خوتۇن ئەزەلدىن بالىغا ئىلمىي ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەنچە بەرمىسە ياكى ئەكسىچە ئەيىبلىسە ۋە تىللىسا، ئۇنداقتا بالىنىڭ كۆڭلىدە ئاسانلا جىنسىيەتكە نىسبەتەن يا زىيادە قىزىقىش، ئىسەنكىرەش تۇيغۇسى يا زىيادە يىرگىنش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ.

مەلۇم بىر ئايال جىنسىي ئالاقە قىلىۋاتقاندا قىزى بايقاپ قالغاندىن كېيىن، خىجىلچىلىقتا يالغاندىن يىغلىغان بولۇۋالغان ھەمدە «داداڭ دائىم ئۈستۈمگە چىقىۋېلىپ مېنى بوزەك قىلىدۇ، داداڭنى ئىتتىرىپ چۈشۈۋەتكىن» دېگەن. بۇ ئايال ئەر-خوتۇننىڭ جىنسىي ئالاقىسىنى يوشۇرماقچى بولۇپ شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، قىزىدا «جىنسىيەت دېگەن ئەر كىشى ئايالنى بوزەك قىلىدىغان ئىش ئىكەن» دېگەن يىرگىنىش پسىخىكىسى پەيدا بولغان. شۇڭا ئەر-خوتۇن ئۆزىنى قاچۇرالمىغاندا، بالىسىغا بۇنىڭ چوڭلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بولۇپ، خۇددى بوۋاقنىڭ تاماق يىگىنىگە، بالىلارنىڭ ئۆزىنى چوڭلارنىڭ قۇچاقلىشىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش نورمال ئىش ئىكەنلىكى؛ ئاتا-ئانىسىنىڭ توي قىلىپ قانۇننىڭ رۇخسىتى بىلەن شۇنداق قىلغانلىقى، بالىنىڭمۇ چوڭ بولسا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ھەم سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىشى كېرەك.

مۇھەببىتى سۇس ياكى سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەر-خوتۇنلار بۇنداق ھالەتنى چوقۇم تىرىشىپ ئۆزگەرتىپ يا ئىجىل-ئىناق ئۆتۈشى، يا ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇزۇن مۇددەت بۇنداق جىددى، ئىچ سىقىلىدىغان ئائىلە كەيپىياتىدا چوڭ بولغان ئادەمدە خاتا بولغان جىنسىيەت قارىشىلا پەيدا بولىدۇكى، مۇھەببەت كەم بولسا بولمايدىغان پسىخىك ساپا ستخىيلىك ھالدا پەيدا بولالمايدۇ. مەسىلەن، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىن نورمال بولغان مەلۇم بىر ئايال ئۇزۇن مۇددەت جىنسىي ھەۋىسى كەملىك قىلىپ، ئېرىنىڭ قىزغىنلىقىنى ھامان رەت قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئۇزۇن مۇددەت «سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى» قىلىدىغان ئاتا-ئانىسى يامان ئائىلە مۇھىتى پەيدا قىلغاچقا، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا كىشىلەر ئارا سۇس ۋە سوغۇق مۇئامىلىگە ئادەتلىنىپ، ئامراقلىقتىن قورقىدىغان بوپقېلىپ، پىسخولوگىيىدىكى «ئامراقلىقتىن قورقۇش كېسىلى» پەيدا بولغان.

نۆۋەتتە ئېلىمىزدە كۆپ ساندىكى ئەر-خوتۇنلار بالىلارغا جىنسىي بىلىملەرنى ئاشكارە ئۆگىتىشتىن تېخى خىجىل بولىدىغان شۇنىڭدەك ئوقۇش يېشىدىن كىچىك بالىلار جىنسىي پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاساسلىقى دوراشقا ۋە كۆزىتىشكە تايىنىدىغان ئەھۋالدا، ئەر-خوتۇننىڭ بىلىندۈرمەي ئېلىپ بارغان جىنسىي تەربىيىسىنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا، ئەر-خوتۇنلار بىپەرۋالىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-31 / 08:02:28

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ