ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئەيدىز (كونا ماتېرىيال)

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئەيدىز (كونا ماتېرىيال)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئەيدىز (كونا ماتېرىيال)

(2008-11-04)1995 – يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇنجى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغاندىن بۇيان، جىنسىي تۇرمۇشى قالايمىقان كىشىلەر توپى، تۇغۇتلۇق ئاياللار، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈتكەن كىشىلەر، ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى بار ئىش – پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كىشىلەر توپى ۋە ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ۋە ئەيدىز

باشقۇرۇش ئەسكەرتىشى:

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زەھەر چەككۈچىلەر مەزكۇر شەھەردىكى ئومۇمىي زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 1998 – يىلىدىكى 90 پىرسەنتتىن ھازىرىقى 80 پىرسەنت ئەتراپىغا چۈشتى. بۇ خىل ئەھۋال ئەيدىزنىڭ ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەھەر چېكىشتىن باشقا جىنسىي قىلمىش ۋە باشقا يۇقۇش يوللىرى ئارقىلىق يۇقۇش يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تېزگىنلەش مەركىزىدىكى يولداشلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ستاتىستىكىلىق تەتقىقات ئىشلگەن . ئۇلارنىڭ زەھەر چېكىش ئەھۋالى، جىنسىي قىلمىشى ۋە ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش دەرىجىسى قاتارلىقلار ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1. ماتېرىيال

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىغا قامالغان ئەيدىز يۇقتۇرۋېلىش خەتەرلىك قىلمىشى بار ياكى پاھىشە قىلغان 223 نەپەر ئۇيغۇر.

2. ئۇسۇل

ئەھۋال ئىگىلەش ۋاراقچىسى تارقىتىش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ ستاتىستىكىلىق بىرتەرەپ قىلىش.

3. نەتىجە

ئومۇمىي تەكشۈرۈلگەنلەر 223 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەر 109 نەپەر ( %48.9 )، ئايال 114 نەپەر ( %51.1 )؛ ئەڭ كىچىكى 16 ياش ئەڭ چوڭى 52 ياش؛ توي قىلمىغانلار 87 نەپەر ( %39.0 )، توي قىلغانلار 93 نەپەر ( %47.7 )، ئاجراشقانلار 36 نەپەر ( %16.1 )؛ تولۇقسىز ياكى تولۇقسىزدىن تۆۋەن مەلۇماتتىكىلەر 179 نەپەر ( %80.3 ) ، تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى مەلۇماتتىكىلەر 44 نەپەر ( %19.7 ) ، بىكارچىلار %59.2 ، يەككە ئىگىلىكتىكىلەر %15.3 ، دېھقان %7.6، ئىشچى % 6.3 .

3.1 زەھەر چېكىش ئەھۋالى

زەھەر چېكىش تارىخى بارلار 162 نەپەر ( %72.7 )، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۇكۇل ئارقىلىق زەھەر چېكىدىغانلار 145 نەپەر ( %89.5 ) ، ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلەتكەنلەر 129 نەپەر ( %79.6 ) .

3.2 جىنسىي قىلمىش ئەھۋالى

تۈرمىگە كىرىشتىن ئاۋال جىنسىي قىلمىشى بار بولغانلار 205 نەپەر ( %91.9 )، ئەڭ بالدۇر جىنسىي تۇرمۇشقا كىرىشىش يېشى جەھەتتە ئەڭ كىچىكى 13 ياش ؛ جىنسىي ھەمراھىنىڭ سانى ( ئومۇمىي جاۋاب بەرگەنلەر 205 نەپەر ) 2 دىن 5 كىچە بولغانلار 136 نەپەر ( %67.3 ) ، 5 دىن جىقلار 12 نەپەر ( %5.9 ) ، ئەرلەرنىڭ ھەمجىنسۋازلىق قىلمىشى بارلار 4 نەپەر ( %3.3 ) ؛

3.2.1 بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ئەھۋالى

ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىدىغانلار %3.5، دائىم ئىشلىتىدىغانلار %3.5، ئارىلاپ ئىشلتىدىغانلار %6.0، ئەزەلدىن ئىشلەتمەيدىغانلار %87.0.

3.3 ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلارنى بىلىش ئەھۋالى

ئەيدىزنى ئاڭلاپ باققانلار %98.7 ، تۈرلۈك تەشۋىقات دوسكىسى، تېلېۋۇزۇر قاتارلىقلاردىن ئاڭلىغانلار %50 دىن يۇقىرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېغىر دەپ بىلدىغانلار %89، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى ئېغىر دەپ قارايدىغانلار %81، ئەيدىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلار %83.9 ، بىلمەيدىغانلار %16.7؛

ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ياكى بىمارلىرىغا كۆيۈنۈش كېرەك دەپ قارايدىغانلار % 61، ئەيدىزنى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە تەھدىد سېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلار %61.4، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى داۋاملىق خىزمەت قىلسا ياكى ئوقۇسا بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار %70.

4. ئاخىرقى سۆز

ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا زەھەر چېكىش قىلمىشى ئېغىر، زەھەر چېكىش ۋە قالايمىقان جىنسىي تۇرمۇش يولىدىن ئەيدىز يامراش ئەھۋالى كەسكىن بولۇپ، يۇقىرىقى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ كشىلەرنىڭ ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىمىلەرگە بولغان بىلىش دەرىجىسى ۋە بىلگەنلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى % 70 گىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بارچە كىشىلەرنى چۈچۈتىشى كېرەك ئەلۋەتتە.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ساۋاتلاردىن كۆڭۈلدىكىدەك خەۋەردار بولۇشىدا تىل توسالغۇسىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات خىزمىتى سالمىقىنىڭ تازا يېتەرلىك بولماسلىقى، كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئاقما نوپۇس بولۇپ مۇقىم تەربىيىلەش ياكى تەربىيە قوبۇل قىلىش شارائىتىنىڭ بولماسلىقىدەك مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنىڭ قانائەتلىنەرلىك بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات – تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا بولىدىغان تەشۋىقات سالمىقنى جىددىي زورايتىش، جەمئىيەتمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدىكى ئەخلاق – ئىتىقاد تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، زەھەر چىكىش، پاھىشە قىلىشقا ئوخشاش ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى چوڭ بولغان قىلمىشلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەۋج ئېلىشىنى چەكلەش كېرەك. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ھەربىر كىشى ئەيدىزگە قارشى كۆرەش سېپىگە ئاۋانگارتلىق بىلەن قېتىلىشى، چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىشى لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:12:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ