ئانا سەھىپەكېسەللىكلەركەسىپ كېسەللىكلىرىئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى بار

ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى بار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەزىلەر كۈندۈزى ھېرىپ – چارچاپ ئىشلىسىمۇ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كومپيۇتېردا داۋاملىق خىزمەت قىلىدۇ، توردا پاراڭلىشىدۇ ۋە ياكى ئويۇن ئوينايدۇ، بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق

1 . ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ: نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنىنىڭ كۈندۈزدىكى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، كەچتىكى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئەگەر ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتسە، كۆز ۋە نېرۋىلار غىدىقلىنىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم تولا چۈش كۆرۈپ، ياخشى ئارام ئالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ئىككى سائەت ئىچىدە كومپيۇتېر ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

2 . راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ: كومپيۇتېر رادىياتسىيەسى بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەدەندىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىدۇ.

3 . ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ: ئاياللار ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلسا، ھامىلىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.

4 . يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دائىم كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرسا، يۈرەك سىقىلىش، ئۇيقۇسىزلىق ئامىللىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئاياللاردا يۈرەكنىڭ رىتىمى ئاستىلاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرماسلىق، بولۇپمۇ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

مۇيەسسەر روزى تەرجىمىسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-11-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-10-22 / 06:34:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ