ئانا سەھىپەخانىم قىزلارئاياللار ساغلاملىقىئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەمچەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەمچەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ئاياللار بولۇپمۇ بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار تۇخۇم، كالا سۈتى،گۆش، دۇفۇ، ماش شىرنىسى قاتارلىق ئاقسىلغا باي يېمەكلىكلەرنى ھەم يېڭى كۆكتات، يېرىك گۈرۈچ، قوناق ئۇنى، ماش ئۇنى قاتارلىق ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە پپەمىدۇر، يېسىۋىلەك،چىلان قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى لازىم، ئۇستىخان شورپىسى ، كۆكتات شورپىسى ئىچىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

2. بالىنى ۋاقتىدا تولۇق ئىمىتمەسلىك سەۋەبىدىن ئەمچىكى چىڭقىلىپ، قاتتىق تۈگۈن ھاسىل بولغاندا ماسساژ( ئۇۋۇلاپ) قىلىپ بېرىش ياكى تۈگۈننى تارقىتىپ، سۈتنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ ياكى دۇفۇنى سۇدا پىشۇرۇپ ياكى مايدا قۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەمچەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى

3. ئۇندىن باشقا ئەمچەكنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بېرىش، بالا ئېمىتكەندە ئەمچەك توپچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەمچەك توپچىسىنى دائىم دىگۈدەك سوپۇن سۈيىدە يۇيۇپ، سۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

4. كىيم- كىچەكلەرنى كەڭ ئازادە كېيىش، تار لىپتىك ۋە تار كىيىملەرنى كىيگەندىن كىيىن ئەمچەكنىڭ بىسىلىپ زەخمىلىنىشىنىڭ، تۇلۇق يېتىلمەسلىكنىڭ ۋە ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك. ئەگەر ئەمچەك تۈگمىسى ئىچىگە كىرىپ كەتسە دائىم بارماق بىلەن يەڭگىل سىتىغا تارتىپ قويۇش كىرەك.

5. ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن تۇغۇتلۇق ئاياللاردا بالا ئېمىتىشكە بولمىسا، تۇغۇو بولغاندىكىن 24 سائەت ئىچىدە سۈتىنى قايتۇرۇش كىرەك. سۈتنى قايتۇرۇشقا يېرىم جىڭ شورنى2 رەخىت خالتىغا بۆلۈپ، ئىككى ئەمچەككە تېڭىپ قويسا بولىدۇ. ئىككى سەر قورۇلغان بۇغداي ئۈندۈرمىسىنى قاينىتىپ، ئۇدا 3 كۈن ئىچكۈزسە بولىدۇ.

6. سۈتنىڭ راۋان چىقىرىلىشغا كاپالەتىك قىلىش، بەزى كېسەلىنڭ پەيدا بولۇشى قوزغىلىشىغا سۈت يىغىلىپ قىلىش ئاساسلىق سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا بالنى ۋاقتى- ۋاقتىدا تۈگىتىپ ئېمىتىپ تۇرۇش كىرەك. ئەگەر بالا ئىمىپ تۈگىتەلمىسە سۈت سۈمۈرگۈچتە سۈمۈرۈۋىتىش ياكى سېغىۋىتىش كىرەك. سۈت قۇيۇلۇپ سۈت نەيچىلىرى ئىتىلىپ قىلىشنڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سۇيۇق -سەلەڭ تاماقلارنى ۋە سۇنى كۆپ ئىچىش كىرەك.

7. ئەمچەك توپچىسى يېرلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك، يەنى ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ قالسا ئاغرىپ ئېمىتىكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا، قوي مىيى ئۆسۈملۈك مايلىرىنى سۈرتۈپ، باكىنى ۋاقىتلىق ئېمىتمەي، سۈتنى سۈت سۈمۈرگۈچتە تارتىپ بالىغا ئىچكۈزۈش كىرەك.

8. بېھى ئۇرۇقى شىرىسى 3گرام، چىلان شىرىسى، تاۋۇز ئۇرۇقىنىڭ شىرسى،تاتلىق قاپاق ئۇرۇقنىڭ شىرىسى ھەربىرى 5گرامدىن، ئىتئۈزۈمى، نېلۇپەر، شاھتەرەلەرنى100 گرام سۇدا قاينىتىپ، بىر ئۆرلىتىپلا تەييارلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن1~3 قىتىمغىچە سۈت بېزى ساھەسىگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىششىق قايتۇرىدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

9. زىغىرنى سىركىدە ئىزىپ، سۈت بېزى ئەتراپىغا چاپسا ياللۇغلارنى قايتۇرىدۇ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.

10. قىزىل چىلان، ماش ھەربىرى 50 گرامدىن، قارا شېكەر 25 گرام، بۇنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە قاننى ساپلاشتۇرىدۇ ھەم سۈتنى كۆپەيتىدۇ.

11. ئەگەر سۈت زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە بىر تەرەپ قىلىش قىيىنلاشسا زىرىنى سىركىدە ئىزىپ، سۈت بېزى ساھەسىگە چاپسا، سۈتنى ئازايتىپ سۈت بېزى ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

12. قېنىق دەملىگەن قارا چاينى ئىچىپ بەرگەندىمۇ سۈتنى ئازايتىدۇ.

13. قارا شىكەر 3گرام، بۇغداي كىپىكى 60گرام، كىپەكنى سارغايغىچە قۇرۇپ، قارا شېكەرنى ئارلاشتۇرۇپ، تەييارلاپ بەرسە سۈتنى ئازايتىپ، قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ.

14. تەرخەمەكنى كۈندە ناشتىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە سۈت كۆپەيتىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.

15. بۇندىن باشقا داۋائى تەرەنجىۋىن، ئەنجۇر مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

16. يۇقىرقىدەك ئۇسۇللاردىن باشقا كۆكسى تولۇق يېتىلمىگەنلەر قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، كۆكرەك كېرىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.

17. ئەمچەك ساڭگىلغان بولسا دۇش بېشىنى ئەمچەك ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ سۇ پۈركىلىدۇ ياكى سۇ پۈركۈش ئارقىلىق ئەمچەكنىڭ چۆرىسى ھالقىسىمان ئۇۋۇلىنىدۇ. شۇنداق قىلغاندا توقۇلمىنىڭ ئىلاستىكىلىكىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمچەك ساڭگىلاشنى ئوڭشىغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-29 / 05:34:18

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ