ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئۈزۈم يېيىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۈزۈم تەركىبىدە ئاقسىل، كاروتىن، كۆپ خىل ۋىتامىن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي قاتارلىق بەدەنگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چوڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەمما ئۈزۈمنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ئۈزۈم ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە، ئاشقازاندىكى ھەزىم بولالمىغان ماددىلار ئاشقازان كىسلاتاسىنى سۇيۇلدۇرۇۋېتىدۇ. ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن ئوكسىدلىنىپ، ئۈچەينىڭ غىدىقلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرىدۇ.

ئۈزۈم بىلەن سۈتنى تەڭ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. سۈتتىكى بەزى ماددىلار ئۈزۈمدىكى ۋىتامىن C بىلەن رىئاكسىيىلىشىپ، ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۈزۈم يېمەسلىك كېرەك. ئۈزۈمدىكى تاننىك كىسلاتاسى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان ماددىغا ئايلىنىدۇ.

ئۈزۈم يېگەندىن كېيىن ئېغىزنى چايقىۋېتىش كېرەك. ئۈزۈمدە ئېچىيدىغان قەنت ماددىلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇ چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:09:44

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ