ئانا سەھىپەبىلىمفىلىملىرىمىزۋىرۇس ھەققىدە بىلىملەر

ۋىرۇس ھەققىدە بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىرۇس دىگەن نىمە؟

ۋىرۇس ، ناھايىتى كىچىك بولغان يۇقۇملىنىش ئىقتىدارىغا ئېگە بىر خىل ماددا. ئەمەلىيەتتە، ماددا دىسەكمۇ سەل خاتا بولىدۇ. ۋىرۇس دەل جانلىق ۋە ماددىنىڭ ئارىلىقىدا قالغان بىر ئاگېنت . ۋىرۇس دىگەن بۇ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىنگىلىزچىدىمۇ يۇقۇملۇق ئاگېنت دەپ ئاتاپ قويىدۇ. بىزمۇ بىر قانچە يەردە مۇشۇنداق دىيىشىمىز مۇمكىن. ۋىرۇس ئىنگىلىزچە لاتىنچىدىن كەلگەن بىر ئىسىم بولۇپ، لاتىنچە مەنىسى زەھەر ياكى زەھەرلىك سۇيۇقلۇق. ۋىرۇسنى ئەڭ باشتا 1898 يىلى يەنى ھازىردىن 122 يىل بۇرۇن گوللاندىيە ئالىمى Martinus Willem Beijerinck تاپقان ئىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا كەلگىچە 5000 تۈردىن ئارتۇق ۋىرۇس تۈرى تېپىلىپتۇ. ۋىرۇس باشقا جانلىق، ئۆسۈملۈك، مىكروپ ياكى پارازىتقا ئوخشىمايدىغان يېرى، ۋىرۇستا ھۈجەيرە يوق. ۋىرۇسنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاددى، بەزى گېن ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرو كىسلاتا ۋە ئۇنى قورشاپ تۇرغان ئاقسىللىدىن تۈزۈلگەن. بۇلار ھۈجەيرىدىنمۇ خېلى كىچىك نەرسە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە، ئاقسىل دىگەن سۆزنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق لازىم. كېيىنكى ۋىدىئولىرىمىزدا ئاقسىل توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشكە تىرىشىمىز. ئاقسىل ناھايىتى كۆپ ساھەلەردە تاپقىلى بولىدىغان ماددا. شۇنىڭغا ئوخشاش، دۇنيادىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدە كۈرمىڭلىغان ئاقسىللار بار، بۇ ئاقسىللار ئوخشىمىغان شەكىلدە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ھۈجەيرە ئىچىدىكى بۇ ئاقسىللارنىڭ تەڭدىن تولىسى جانلىقنىڭ نورمال ياشىشى ئۈچۈن ھەرخىل روللارنى ئوينايدۇ. مەسىلەن بىرسى ھورمون ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بىرسى ئوزۇقلۇق ماددا يۆتكەيدۇ يەنە بىرسى ھۈجەيرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ دىگەندەك.  ۋىرۇسنىڭ تۈزۈلۈشىدىمۇ ئاقسىل بار. شۇڭا ئاقسىل خەتەرلىك بىر نەرسىكەن دەپ خاتا چۈشىنىۋالماڭلار. ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرە قۇرۇلمىسى بولمىغاچقا، ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ كۆپىيەلمەيدۇ ، بەلكى بىر قونالغۇ بەدەنگە يۇقۇملىنىپ كىرىپ، شۇ بەدەندە كۆپىيىپ تارقايدۇ.

ۋىرۇس بەدەنگە كىرسە چوقۇم كېسەل پەيدا قىلىشى ناتايىن. ۋىرۇس بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچى ياخشى بولسا، ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈپ، كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچى ئاجىز بولسا، ۋىرۇس ياكى مىكروپ جايلاشقان شۇ ئورگاندا كۆپىيىپ شۇ ئورگاننىڭ بىنورمال ئىشلىشى ياكى ئىشلىيەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ ئورگان سەۋەبىدىن باشقا ئورگانلارغىمۇ زەخىم يېتىپ، ئاخىرىدا شۇ جانلىق بەدىنىدە مەسىلە چىقىدۇ. مانا بۇ بىز دەۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر.

ۋىرۇس بىلەن مىكروپنىڭ پەرقى نىمە؟

مىكروپ بىلەن ۋىرۇسنىڭ ئىككىلىسى كېسەل قىلىش، يۇقۇملىنىش، ھەم باشقا بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ئوخشاپ كەتكەچكە ، كىشىلەر دائىم ئىككىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بۇ قېتىملىق ۋىدىئورىمىزدا مىكروپ توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بېرىشكە ئىمكانسىز قالدۇق. كېيىنكى ۋېدىئولاردا تېخىمۇ تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز.

ۋىرۇس بىلەن مىكروپ ئىككىسىنىڭ ئوخشاش ئالاھىدىلىكى، ئىككىلىسى، ناھايىتى كىچىك، كۆز بىلن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئادەمگە يۇقۇملىنالايدۇ ھەم كېسەل قىلالايدۇ.

ۋىرۇس بىلەن مىكروپنىڭ پەرقى بولسا، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  1. چوڭ كىچىكلىكى جەھەتتىن
  2. تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى جەھەتتىن
  3. ياشاش ۋە كۆپىيىش ئۇسۇلى جەھەتتىن
  4. بەدەندە كېسەل بولۇش شەكلى

بۇ تۆت جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ باقالايمىز.

ۋىرۇس بىلەن مىكروپ ئىككىلىسى بەك كىچىك. نورمال كۆزدە ياكى لوپا ئەينەكتە ھەرگىز كۆرەلمەيسىز. ئەمما ۋىرۇس مىكروپتىن خېلىلا كىچىك. مىكروپنىڭ 10دەن1 ياكى 100دەن 1ىگە تەڭ دىسەك بولىدۇ.

كۆپىنچە مىكروپلارنىڭ دىئامىتىرى 0.2-2 مىكرومېتىرغىچە بولىدۇ شۇڭا كۆپىنچە مىكروپنى نورمال مىكروسكوپ بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ. رەسىمدىكسىى تەجرىبىخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان نورمال مىكروسكوپتۇر. ھەم شۇنىڭ بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان مىكروپنىڭ كۆرۈنۈشىنى چىقاردۇق.

ئەمما ۋىرۇسلارنىڭ دىئامىتىرى 20 نانومىتىردىن 500 نانومىتىرغىچە ئارىلىقتا بولۇپ، ۋىرۇسنى پەقەت ۋە پەقەت ئېلىكترونلۇق مىكروسكوپتا ياكى تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ رەسىمدىكىسى بولسا، زامانىلىۋاشقان ئېلىكترونلۇق مىكروسكوپ. مالىيەت سەۋەبىدىن، ئادەتتىكى تەجرىبەخانىلاردا تاپماق تەس. ئارقىدىكى رەسىم بولسا، ئېلىكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدىكى ۋىرۇسنىڭ كۆرۈنۈشى.

تېخىمۇ چۈشىنىشلىكراق قىلىپ ئېيتقاندا، مىكروپنى 5 قەۋەتلىك بىنا دىسىڭىز، ۋىرۇسنى ئۇنىڭ قېشىدىكى بىر ئادەمگە ئوخشاتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋىرۇس بىلەن مىكروپنىڭ تۈزۈلۈش قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مىكروپنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋىرۇسقا قارىغاندا بىراز مۇرەككەپ بولىدۇ. يەنى، مىكروپ  بىر ياكى بىر قانچە ھۈجەيرىدىن تەركىپ تاپقاچقا ھۈجەيرە پوستى بولىدۇ. ھەم ئۇنىڭ ئىچىدە ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى، ھۈجەيرە ئورگانلىرى بار بولۇپ، بىر مىكروپ ئادەم ياكى ھايۋان بەدىنىدە بولسا بولمىسا، پەقەت ياشاشقا مۇۋاپىق بولغان شارائىت بولسىلا، نورمال جانلىقتەكلا، ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ كۆپىيىپ ياشاپ كېتەلەيدۇ.

ۋىرۇسقا كەلسەك، ئۇنىڭ ھۈجەيرىسى، ھۈجەيرە پوستى ، ھۈجەيرە ئورگانلىرى يوق. شۇڭا جانلىقلاردەك ئۆز ئالدىغا كۆپىيەلمەيدۇ. ۋىرۇس پەقەت گېن ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرو كىسلاتاسى ۋە ئۇنى قورشاپ تۇرغان ئاقسىل ماددىسىدىن تەركىپ تاپقان ئاگېنت.  ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن بىر قونالغۇ بەدەن لازىم. ۋىرۇس شۇ بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، يەرلەشكەن يەرنىڭ ھۈجەيرىسىگە يۇقۇملىنىپ كىرىپ، ھۈجەيرىنىڭ ئىچىدىكى ئاقسىللارنىڭ گېن كودىنى بۇزۇپ، نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، مىكروپنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇكەممەل بولغان ھۈجەيرە قۇرۇلمىسى بولغاچقا، ئۆسۈپ يىتىلىشى، كۆپىيىشىنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارالايدۇ.

ۋىرۇس ئۇنداق ئۆز ئالدىغا ياشىيالمايدۇ. ۋىرۇسنىڭ ياشىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن بىر قونالغۇ بەدەن لازىم. ۋىرۇس ھۈجەيرىدىنمۇ كىچىك بولغاچقا، ھۈجەيرە ئىچىدىكى نورمال ئىشلەيدىغان ئاقسىللارغا يۇقۇملىنىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، شۇ يەردە ئىتتىك سۈرئەتتە ئۆزىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتەلەيدۇ. ئۆزىنى تەقلىد قىلىپ كۆپەيتىش ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئەڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى دىسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا كومپىيۇتېرىم ۋىرۇس بوپ قاپتۇ، ئىشلىمەس بوپ قاپتۇ دىيىشىمىزدىكى سەۋەبىمۇ شۇ. كومپىيوتېردا ھەرگىزمۇ گېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىللىق ۋىرۇس بولمايدۇ، كومپىيوتېر ۋىرۇسى بىر قانچە قۇر ھەرپتىن تەركىپ تاپقان كودتىن ئىبارەت خالاس، ئەمما ئۇ كومپىيوتېر ئىچىدىكى نورمال يۇمشاق دىتاللارغا چاپلىشىپ سىڭىپ كىرىپ، ئىچىنى بىنورمال ئىشلىشىگە سەۋەپچى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنى بىنورمال تەقلىد قىلىپ كۆپىيىپ، كومپىيوتېرىڭىزنى كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۋېتىدۇ ئاخىرىدا كاردىن چىقىرىدۇ. تېلىفون ۋىرۇس بولۇپ قېلىشىمۇ ئوخشاش مەنتىقە دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.

بۇ ئىككىسىنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش شەكلى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم دىسەك بولىدۇ.

باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانساق بەدىنىمىزدە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  1. ئوتتۇرا ھەم ئېغىر دەرىجىدىكى قىززىتما
  2. ئاق ياكى سېرىق قۇيۇق بەلغەم
  3. قاتتىق يۆتەل
  4. گەل ئاغرىقى
  5. بويۇندىكى ياكى بەدەننىڭ باشقا يەرلەردىكى بەزلەرنىڭ ئىششىشى
  6. ئەگەر تېرىدە يۇقۇملىنىش بولسا، شۇ جاي قىزىرىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بۇ تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىشى سەل تەس، شۇڭا ئادەتتە مىكروپ ئۆلتۈرۈش يەنى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىپ داۋالاش لازىم. بولمىسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىش ئىھتىمالى بولىدۇ.

ئەمما ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانساق باشقىچىراق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇلار

  1. يېنىك دەرىجىدە قىززىش
  2. بەدەن ھالسىزلىنىپ قېلىش
  3. مۇسكۇللار ئاغرىش
  4. قۇرۇق يۆتەل ياكى يېشىلغا مايىل بەلغەملىق يۆتەل
  5. گەل ئاغرىقى

قاتارلىق ئالامەتلەر 3 ۋە 14 كۈن ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. ئېغىرلىشىپ كەتمىسىلا، 14 كۈن ئىچىدە ساقىيىپ بولغىلى بولىدۇ.

بۇ يەردە دىيىلگەن ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلارغا قارىتىلغان بولۇپ، باشقا كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلار مەسىلەن جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسلىرى، ئەيدىز ۋىرۇسلىرى ۋە باشقا تۈردىكى ۋىرۇسلارنىڭ ئالامەتلىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنى كېيىنكى دەرىسلىك لىكسىيەلەردە تەپسىلى تونۇشتۇرىمىز.

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەللەر قايسىلار؟

ئىنسانلار تارىخىدا، كورونا ۋىرۇسىدىن باشقا خەتەرلىك ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، مەسىلەن بۇرۇنقى زاماندا بولغان چېچەك ۋاباسى، چاشقان ۋاباسى، ۋە يېقىنقى زاماندا بولغان ئېبولا ۋىرۇس ۋاباسى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. ۋابا دىگەن بۇ سۆز دەل شۇ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشىدۇر.

تۆۋەندىكى ئادرىس دۇنيا ساغلىق تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىنىڭ بىر سەھىپىسى بولۇپ، ئىنسانلار تارىخىدا كۆرۈلگەن خەتەرلىك تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تىزىملىكى بار.

https://www.who.int/emergencies/diseases/en/

بۇ ئادرىسنى فىلىم ئاستىدىكى مەزمون قىسمىغا يېزىپ قويىمەن،  قىززىققانلار شۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ۋىرۇسلۇق ئېغىر كېسەللىكلەردىن

ئەيدىزنى كەلتۈرۈپ چىقارغان HIV ۋىرۇسى

جىگەر ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان HCV, HBVۋىرۇسلىرى

سۆگەل ۋە جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسان پاپىلوما ۋىرۇسلىرىHPV  بار.

بۇ ۋىرۇسلارنىڭ ھەرخىل ئايرىم تۈرلىرى بار بولۇپ، مەسىلەن مۇشۇ ئىنسان پاپىلوما ۋىرۇسىنىڭمۇ 170 دىن ئارتۇق  تۈرلىرى بار. ھەر بىرى بەدەننىڭ ئوخشىمىغان يېرىدە ئوخشىمىغان كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يۇقىرىدا دىيىلگەنلەردىن باشقا، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ھەتتا يىلدا بىر ئىككى قىتىم يۇقۇملىنىدىغان زۇكام ۋىرۇسى، كىچىك ۋاقتىمىزدا چىقىدىغان سۇ چىچىكى، قىزىل قاتارلىقلارمۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن بولۇپ، پەقەت بۇلار ھازىرقى داۋالاش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغان زاماندا، ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان، ياكى كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتكە كەلدى. شۇڭا بەزىلەر بۇلارنىڭ ۋىرۇستىن ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەنمۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما، بۇلاردىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى، ئوخشىمىغان ۋىرۇسلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، كېسەللىك ئىپادىسى، ئېغىرلىق دەرىجىسى، قوزغىلىش، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ھەتتا بەزى ۋىرۇسلار ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزمىگەن بىلەن يەنە بەزى خەتەرلىك ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملانسا ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ۋىرۇسنىڭ دورىسى بارمۇ؟

ھازىر دورىخانىلاردا سېتىلىدىغان ئانتىبىئوتىك يەنى مىكروپقا قارشى دورىلار ئادەتتە، مىكروپنىڭ ھۈجەيرە پوستىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مىكروپنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق كېسەللىكنى داۋالاش مەقسىتىگە يىتىدۇ. ئەمما ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرە پوستى بولمىغاچقا، ئۇدۇل بېرىپ شۇ ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك ئۆلتۈرەلەيدىغان دورا تېخى كەشىپ بولمىدى.

شۇڭلاشقا، ھازىرقى غەرىپ تىبابىتىدە ۋىرۇسنى داۋالاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى ئۇسۇلنى قوللىنىۋاتىدۇ.

بىرسى ۋاكسىنا ئۇرۇش ئارقىلىق، بەدەندە شۇ خىل ۋىرۇسقا قارشى ئىممۇنىت كۈچى شەكىللەندۈرۈش، ۋىرۇس بەدەنگە كىرە كىرمەستىنلا ئۇنى شۇ ئىممۇنىت سىستىمى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى.

يەنە بىر ئۇسۇل بولسا،  ۋىرۇس يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ۋىرۇسنىڭ ھاياتى كۈچىنى ياكى يۇقۇملانغان شۇ ھۈجەيرىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ  كېتىپ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.

شۇڭا تېخى ھازىرچە دۇنيادا، بولۇپمۇ غەرىپ مىدىتسىنا ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئۈنۈملۈك ۋىرۇس ئۆلتۈرۈپ داۋالاش دورىسى يوق دىسەك بولىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى قىسقىچە ئەسكەرتىپ قويۇشۇم لازىم، مېنىڭ كەسپىم غەرىپ مىدىتسىناسى ھەم ئۆزۈم جىددىي قۇتقۇزۇش دوختۇر بولغاچقا، يۇقارىدە دەپ ئۆتكەن ھەرقايسى مەزمونلاردا غەرىپ مېدىتسىناسى دىگەن سۆزنى ئىشلىتىپ كەلدىم. چۈنكى غەرپ تىبابىتىدىن باشقا يەنە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئېگە بىباھا گۆھەر ئاتا بوۋا مىراسىمىز بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىمىز بار. ئۇيغۇر تىبابېتىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش پىرىنسىپلىرى ۋە نەتىجىلىرى ئۈستىدە ئانچە كۆپ ئىزدىنىشىم بولمىغاچقا، ھازىرچە پىكىر قىلالمايمەن. ئەمما بۇ جەھەتتە ھەرقايسى ئىلىم ئەھلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييارمەن.

بىز بۇ لىكسىيەدە، قىسقىچە قىلىپ ۋىرۇس دىگەن بۇ ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ چىقتۇق. ھەرقايسى كۆرۈرمەنلەرگە ئاز تولا پايدىسى تىگىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. لىكسىيەنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتسەك، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۇيقۇسى كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، كورونا ۋىرۇسىنى كېلەركى قېتىملىق ۋىدىئودا ئىشلەشنى پىلانلىدۇق. قىممەتلىك تەلەپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمز. كېلەر قېتىمغا كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار. ئاللاغا ئامانەت.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-03-09 / 09:18:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

بىر باھا بار

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ