ئانا سەھىپەبىلىمفىلىملىرىمىزۋىرۇس قانداق تارقىلىدۇ؟

ۋىرۇس قانداق تارقىلىدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۈگۈنكى مەزموندا، تورىدىشىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە، ھازىر تارقىلىۋاتقان بۇ خەتەرلىك ۋىرۇسنىڭ قانداق تارقىلىشى ۋە جىسىملاردا، ئەتراپتىكى مۇھىتتا قانچىلىك قالالايدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى پىلانلىدۇق. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىرۇسنىڭ ئادەم ئاغزىدىن چىقىپ ھاۋادا قانچىلىك قالىدىغانلىقىنى توغرىسىدا بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىسىنى سىزلەرگە كۆرسەتمەكچىمىز.

ۋىرۇس قانداق تارقىلىدۇ؟

ئادەم گەپ قىلغاندا، تۈكۈرگەندە، يۆتەلگەندە، چۈشكۈرگەندە، بۇرنىنى تازىلىغاندا، ئادەم ئاغزىدىن ياكى بۇرنىدىن بەلغەم، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىغا يېپىشىپ تۇرغان ھالەتتە چىققاندىن كىيىن، ھاۋادا ئەتراپقا تارقاشقا باشلايدۇ. ئەگەر شۇ ئەتراپتا باشقا ئادەم بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ بۇرنىدىن، ئاغزىدىن، ياكى قۇلىقىدىن ۋە ياكى كۆزىدىن كىرىدۇ. ئەگەر ئەتراپتا ئادەم بولمىسىمۇ، شۇ ھاۋادا ياكى يەردە، ياكى جىسىملاردا قالىدۇ. باشقىلار كېلىپ شۇ يەردىن ئۆتكەندە ياكى تۇتقاندا ئۇ ئادەمگە يۇقۇملىنىش ئىھتىمالى بولىدۇ.

تۆۋەندە سىزلەرگە ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ۋىرۇس، مىكروپلارنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقىپ ھاۋادا تارقىلىشى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنى كۆرسىتىمىز.

تەتقىقاتچىلار زىيادە سىزىمچانلىققا ئىگە كامىرا بىلەن ئۆزگىچە لازىر نۇرلۇق لامپىلارنى ئىشلەتكەن. بۇ ئارقىلىق  0.1 مىكرومىتىرغىچە بولغان كىچىك ماددىلارنى كۆرەلەيدىكەنمىز.

سىناق ئېلىپ بارغۇچى، تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن، چۈشكۈرىدۇ. چۈشكۈرگەندە ئاغزىدىن بۇرنىدىن تۈكۈرۈك، بەلغەملەر چىقىدۇ. بۇلارنىڭ چوڭراقلىلرى گەرچە يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ، ئەمما زىيادە كىچىك بىز كۆرەلمىگەنلەر، يەنىلا ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈيدىكەن.

بۇ بەلغەم ۋە تۈكۈرۈك پەقەت چۈشكۈرۈش ياكى يۆتىلىش ئارقىلىقلا تارقىلىپ قالماستىن بەلكى پاراڭلاشقاندىمۇ مۇشۇنداق كىچىك بىز كۆرەلمىگەن بەلغەم تۈكۈرۈكلەر ئاغزىمىزدىن چىقىدىكەن. بۇ ئۇدۇلىمىزدا تۇرغان كىشىنىڭ ئاغزىغا بۇرنىغا ۋىرۇسلارنى ئېلىپ كىرىدىكەن.

گەرچە ھازىرچە دۇنيا پەن تېخنىكىسىدا تېخى بۇنداق كىچىك مىكروماددىلاردىن قانچىلىك مىقتاردا بەدەنگە كىرسە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ چىقىلمىدى. ئەمما بۇمۇ كېسەللىكنىڭ تارقىلىش بىر سەۋەبى بولىدىغانلىقى ئىلگىلى سۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر سىناقتا، ئادەم جىق بولغان ئۆينىڭ ھاۋاسى ئالمىشىپ تۇرمىسا، ھاۋادىكى مىكروماددىلارنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.

بىر كىشى يۆتەلسە، مىڭ تانە مىكروماددا يەنى بەلغەم، تۈكۈرۈك چىقىرىدىكەن. يېشىل رەڭلىك بولغانلىرى بىراز چوڭ بولغان مىكرو ماددىلار بولۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەرگە چۈشۈپ كىتىدىكەن. ئەمما تېخىمۇ كىچىك بولغانلىرى قىزىل رەڭدە، ئۇلار ھاۋادا قېلىپ ئەتراپقا تارقايدىكەن ھەم 20 مىنۇتقىچە ھاۋادا قالىدىكەن.

بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى، دەرىزىنى ئېچىۋېتىش ئىكەن. بۇ مىكروماددىلار ناھايىتى كىچىك ھەم يېنىك بولغاچقا، شامالدا ئۇچۇپلا چىقىپ كىتىدىكەن.

ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بۇ تەتقىقات سىناقلارغا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

كورونا ۋىرۇسى سىرتقى دۇنيادا قانچىلىك ۋاقىت قالالايدۇ؟

ھازىرغا كەلگىچە تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، كورونا ۋىرۇسى قاتتىق جىسىملاردا بەكرەك ئۇزۇن ياشىيالايدىكەن.

تۆۋەندە بىر تىزىملىك بار، بۇنى ئامېرىكا لوسئانجىلىس شىتاتىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتى تەتقىقاتچىلىرى يېڭى ئەنگىلىيە مېدىتسىنا ژورنىلىدا تەتقىقات نەتىجىسى شەكلىدە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزمونى تۆۋەندىكىچە:

بۇ كورونا ۋىرۇسى

  1. ھاۋادا 3 سائەت،
  2. قەلەي، مىس، تۆمۈر بىلەن ياسالغان نەرسىلەردە 4 سائەت،
  3. قەغەز، ياغاچلار ئۈستىدە 24 سائەت،
  4. پلاستىك يەنى خاشو خالتىلاردا خاشودىن ياسالغان نەرسىلەردە 2-3 كۈن،
  5. داتلاشماس بويۇملاردا يەنى بۇشۇگاڭ بويۇملاردا 3 كۈن ياشىيالايدىكەن.
  6. سۇدا بولسا، ھاۋا قانچە سوغۇق بولسا، شۇنچە ئۇزۇن تۇرالايدىكەن. سۇ قانچە قىززىق بولغانسىرى شۇنچە ئاسان ئۆلىدىكەن. ئەمما يەنىلا 2-3 كۈن دەپ ئويلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەمما ئامىرىكا كېسەللىك ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يەنى CDCئالماس مەلىكە پاراخوتىدا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا:

(ئالماس مەلىكە پاراخوتى: كەڭ كۆلەمدە بىمار بايقالغان پاراخوت)

بۇ ۋىرۇس قاتتىق جىسىملاردا 17 كۈنگە قەدەر ياشىيالايدىكەن.

بۇ ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلار بېشىمىزنى قايماقتۇرۇۋەتمىسۇن، مەن پەقەت يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سىلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭلارغا سۇندۇم. ئەمدى 17 كۈنگىچە ھىچ نىمىنى تۇتماي ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇداپىئە يەنى تازىلىقنى ياخشى ئېلىشىمىز لازىم.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ۋىرۇسلار جانلىق بەدەن سىرتىدا شۇ قالغان يەردىكى مىقتارى ئىتتىك ئازلايدىكەن. ھەرگىزمۇ 1000 تانە ۋىرۇس بىر قەغەزنىڭ ئۈستىدە بولغان بولسا، 10 سائەتتىن كىيىن يەنىلا 1000 تانە ئەمەس، بەلكى 200 تانە ياكى 50 تانە قالغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك.

قانداق قىلغاندا ۋىرۇس يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئەگەر ۋىرۇسنىڭ ھايات قىلىش ۋاقتى ھەقىقەتەن يۇقارىدا دىيىلگەندەك بولسا، يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئلېىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى ئىشلىتىڭ.

  1. سىرتلارغا چىققانداق چوقۇم بەك دىققەت قىلىش كېرەك. ئاپتوبۇسقا چىقىش ياكى چۈشۈشنىڭ ئالدىدا چوقۇم پەلەي تاقاش كېرەك، چۈشكەندىن كىيىن شۇ زامان سېلىۋېتىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىش كېرەك. پەلەيلىك ھالدا يانچۇقىڭىزغا قولىڭىزنى سالماڭ.
  2. سىرتتا بولۇپ قالسڭىز، ئادەملەر بىلەن ئەڭ ئاز 2 مېتىر ئارىلىق ساقلاڭ.
  3. ئەگەر چۈشكۈرگىڭىز ياكى يۆتەلگىڭىز كەلسە چوقۇم تازىلىق قەغىزى بىلەن توساڭ، ياكى جەينىكىڭىز بىلەن توساڭ. بۇ ھەم سىزگە ھەم ئەتراپىڭىزگە پايدىلىق.
  4. سىرتتىن ئۆيگە كىرگەندە، چوقۇم ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلىڭ. بولسا ئىشىكتە تۇرۇپ، كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ، چوڭ خالتىغا قاچىلاپ، ئۇدۇل بالكونغا ئەچىقىپ، شۇ يەرگە تۆكۈپ قويۇڭ. شۇ يەردە سائەتلەرچە ياكى 1-2 كۈن قالسۇن. ياكى ھەممىنى ئۇدۇللا كىرئالغۇغا سېلىپ، يۇغۇزۋېتىڭ.
  5. ئۆزىڭىز، شۇ زامان مۇنچىغا كىرىپ يۇيۇنۇپلا چىقىڭ. ئەگەر مۇنچىغا كىرىشتىن ئېرىنسىڭىز، چېچىڭىزنى، يۈزىڭىزنى، قولىڭىزنى پاكىز يۇيۇۋېتىڭ. ئايىقىڭىزنىڭ ئەتراپىنى ھەم ئاستىنى چوقۇم دىزىنفىكسىيە قىلىۋېتىڭ.
  6. ئاپتاپ ياخشى كۈنلەردە، ئۆينىڭ دەرىزىسىنى ئېچىپ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇڭ. ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ۋىرۇسلۇق چاڭ توزانلار سىرتقا چىقىپ كىتىشىگە پايدىسى بولىدۇ.
  7. ئۆينىڭ ئىچىنى قەرەللىك ھالدا دىزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ تۇرۇڭ. ئەمما كىچىك بالىلار بولسا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ.
  8. قاچا قۇمۇشلارنى قايناق سۇدا يۇيۇپ تۇرۇڭ.
  9. يوتقان كۆرپە، كىرلىك، ئەدىياللار، كىيىملەرنى ئاپتاپقا سېلىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ.
  10. قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇڭ، ياكى دىزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى يېنىڭىزدا بولسۇن. قولىڭىزنى تازىلاپ تۇرۇڭ.
  11. ئەڭ ئاخىرىدا ، ياخشى ئۇخلاڭ، ياخشى يەڭ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ، چېنىقىپ بېرىڭ. ساغلاملا بولسىڭىز، ھەممە ئىشلارنى قىلالايسىز!
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-03-09 / 09:18:13

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ