ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزۋىرۇستىن ساقلىنىش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر

ۋىرۇستىن ساقلىنىش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىرۇستىن ساقلىنىش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر

ۋىرۇستىن ساقلىنىش ھەققىدە بەزى تەۋسىيەلەر

تۈركىيەدە ۋىرۇس بەك ئېغىرلاپ كەتتى، مەيلى دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇڭ، ۋىرۇستىن قوغدىنىشقا بەك كۆپ دىققەت قىلىڭلار. نەچچە كۈننىڭ ياقى توختىماي تۈگەپ كەتكەنلەرنىڭ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا بارغانلارنىڭ، ياتاقتا ياتقانلارنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېلىپلا تۇرۇۋاتىمەن. ئارىسىدا 50-60 ياشلىقلىرىمۇ بار، 30غا توشمىغانلارمۇ بار، بۇرۇن ساپمۇ ساغلام تونۇش كىشىلەرمۇ بار… شۇڭا 2 مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى ئوقۇپ بېقىڭ.

1. مەجبۇرىي ئىشلار بولمىغۇچە سىرتقا چىقماڭ. ????

2. ئامال بار قېلىن ماسكا تاقاڭ، بۇرنىڭىزنى چىقىرىپ قويماڭ. ????

3. سىرتلارغا چىققاندا ئامال بار تۇتقۇچلارنى تۇتماڭ. قولىڭىز ئامال بار يانچۇقىڭىزدا بولسۇن ✊

4. قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەڭ. قۇچاقلىشىپ، يۈز يىقىشىپ كۆرۈشمەڭ ✋

5. ئادەم جىق يەردىن يىراق تۇرۇڭ. 2 مىتىر ئارىلىق قويۇڭ ????

6. قول تازىلاش سۇيۇقلۇقىنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرۇڭ

7. قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ تۇرۇڭ ????

8. ئۆيدە قۇۋۋەتلىك تاماق يەڭ، تاماقنىڭ ئىسسىق سوغۇقلۇقى، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەت بېرىڭ، سەل تەرلىگۈدەك چېنىقىپ بېرىڭ ئۆيدە بولسىمۇ بولىدۇ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ ????

9. نەپەس ئېلىشتا قىيلىنىش، ئېغىر يۆتىلىش، قىززىش..قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دۆلەتلىك دوختۇرخانىغا چوقۇم كۆرۈنۈڭ ياكى جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون قىلىڭ. كۆپ پۇل ئېلىپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىمەڭ. كۆپىنچە دۆلەت دوختۇرخانا بىكارغا داۋالايدۇ پۇلمۇ ھەل بولىدۇ.. ????

10. بەدىنىدە سوزۇلما كېسەللىكلىرى ئېغىر دىئابىت، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەكتە كلاپان، بۆرەك زەئىپلىشىش، بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ناچار، ئەيدىز كېسەللىرى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە بولۇپمۇ ئۆپكىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلىرى بولغان، مەسىلەن زىققە، سوزۇلما خاراكتىرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلىرى بولغان كىشىلەر… (يېزىپ كەلسەم بۇ تىزىملىك ئۇزىراپ كېتىدۇ) ئۆزۈڭلارنى كۈتۈنۈشكە تېخىمۇ دىققەت قىلىڭلار. ????‍⚕️

11. كېچىلىرى ئۇخلىغاندا دەرىزىنى ئوچۇق قويماڭ. توڭلاتقۇدىن ئالغان سوغۇق نەرسىلەرنى ئازراق يەڭ. ????

12. ئۆيىدە كىچىك بالىلار بار ئائىلەرلەرگە زىيارەتكە بارماڭ. باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى يۈزىنى سىلىماڭ، يۈزىگە قولىغا سۆيمەڭ، قۇچاقلاپ كۆتۈرمەڭ. نورمال ئارىلىقتا سالام بەرسىڭىزلا بولدى.

13. ياشانغان، ياكى كېسەل تونۇشۇڭلار، ياكى يالغۇز ياشايدىغان تونۇشۇڭلار بولسا تېلىفوندا كۆپرەك ھالئەھۋاللىشىپ تۇرۇڭ. ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ.

14. بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنى مەينەت كېسەللىككەن، تونۇشلىرىم بىلىپ قالسا مېنى چەتكە قاقامۇ دەپ يوشۇرۇپ يۈرمەڭ. ياردەم سورايدىغاندا ياردەم سوراڭ، بەدەنگە كېسەللىك ئالامىتى بولسا، چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئېلىڭ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون قىلىڭ.

15. ۋاكسىىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۆزىڭىز توغرا دەپ ئويلىغان ۋاكسىنىنى چوقۇم ئۇرغۇزۇڭ.

16….. يەنە ئېسىمگە كەلسە قوشۇپ قويىمەن.

بۇ مۇھىم ۋاقىتلاردا ھەرقايسى دۆلەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ساق سالامەت ئۆتكۈزۈۋېتىشنى، ساغلاملىققا بەك دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار .

ھۆرمەت بىلەن
نۇر دوختۇر

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-11 / 03:14:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ