ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىۋىتامىن B كەملىك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ۋىتامىن B كەملىك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ۋىتامىنB1 ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان بىر خىل سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، ئۇ شېكەرنىڭ مىتابولىزمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بالىلار كۈنىگە 0 5–1 5 مىللىگرام ۋىتامىن B1غا ئېھتىياجلىق ئۇ ئورگانىزمدا كەم بولۇپ قالغاندا پۇت تەمرەتكىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ پۇت تەمرەتكىسى كېسىلى ئاساسەن جىددىي خاراكتېرلىك بولۇپ، دائىم تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللىرىدە يۈزى تاتىرىش، تىت–تىت بولۇش، يىغلاش ۋە ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمما دائىم سەل قارىلىدۇ. چوڭراق بالىلاردىكى پۇت تەمرەتكىسى چوڭ ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سۇلۇق ئىششىق ئاساسىي ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق بولۇشنى ئىشتىھانىڭ سۇسلىشىشى ۋە يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىشتىھاسىزلىنىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش، كۆپ ئۇخلاش، تارتىشىپ قېلىش، سېزىمى ناچارلىشىش، پۇت–قولى ئۇيۇشۇش، تېرىكىش، چىرايى تاتىرىش، يۈرەك سوقۇشى ئاجىز بولۇش، يۈرەك كېڭىيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا قۇتقۇزمىسا، تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ۋىتامىن B1 گۈرۈچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پوستىدا ۋە ئۈندۈرمىلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندە، پوستى ئىچىدىكى ۋىتامىن B1 يوقايدۇ.

بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پىششىقلاپ ئىشلىگەن گۈرۈچنى ئاز يەپ، تازىلانمىغان گۈرۈچ ۋە كېپىكى ئايرىۋېتىلمىگەن ئۇننى ئىستېمال قىلىپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1نىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ساقلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. چۆپ پىشۇرغاندا ئاش سۈيى ئىچىش، ئامال بار مايدا قورۇغان يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ۋىتامىن B2 ئادەم بەدىنىدىكى ياردەمچى فېرمېنتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيىسى ۋە ئاقسىللارنىڭ مىتابولىزمىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ ھەم ئۆسۈپ يېتىلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋىتامىن B2 كەم بولسا، ئاساسەن تىل ياللۇغى، كالپۇك ياللۇغى، جاۋىغاي ياللۇغى، ياغ تەپچىرەش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، كۆز چارچاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەندىكى ۋىتامىن B2 ئاساسەن يېمەكلىكتىن كېلىدۇ.

ئادەم كۈنىگە 0.6–1.5 مىللىگرام ۋىتامىن B2 گە موھتاج. ئۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن دائىم يېڭى كۆكتات ۋە مۇۋاپىق مىقداردىكى سۈت، تۇخۇم، گۆش، بېلىق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، ئاقسىلنىڭ خورىشى تېزلىشىپ، ۋىتامىن B2 سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. چوقۇم يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىتامىن B2 نى تولۇقلاش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-30 / 08:14:19

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ