خانىم – قىزلارغا مەسلىھەت

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

قىز بولۇپ تۇغۇلماق تەبىئەتتىن،قىز بولۇپ يىتىلمەك تەربىيىدىن ۋە جەمئىيەتتىن .ئايال بولماق ئاسان ،ئاياللىق لاتاپەت ۋە سالاپەتنى يېتىلدۇرمەك تەس،ئانا بولماق ئاسان،قابىلىيەتلىك ئانا بولماق تەس .

مانا بۇ سىزدىكى تېخى ئويلىنىپ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان ئەڭ ئاددىي ﮬەم ئەڭ مۈرەككەپ قائىدە .شۇڭا سىز بۇ قائىدىنى چوقۇم ياخشى چۈشىنىۋىلىشىڭىز كېرەك .

گەپ – سۆزلىرىڭىز تەسىرلىك ،مېغىزلىق ،پىكرىڭىز ئۆتكۇر ،كىيىنىشىڭىز ،ﮬەركىتىڭىز مۇۋاپىق ،مىجەزىڭىز ئوچۇق ،يىقىملىق ،پوزىتسىيىڭىز قىزغىن بولسا باشقىلارغا سۆيۈملۇك كۆرىنىسىز ،ﮬەقىقى سۆيۇملۇك ۋە گۈزەل بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ .گۈزەللىك -تاشقى قىياپەت ،سۆيۇملۇك بولۇش قەلبتىن پەيدىنپەي يېتىلىدۇ .ئۆزىڭىزنى سۆيۈملۇك قىلىش ئۈچۈنلا ۋاقىت ئاجرىتىپ ،ئەقىل ئامىلنى چۆرۈپ قويسىڭىز ، ئۇ سىزنىڭ نادانلىقىڭىز بولىدۇ .سۇنئىيلىك خوشامەتچىلىك قىلماڭ ؛ئىرادىلىك بولۇڭ .نىشانىڭىز ئېنىق ،يولىڭىز توغرا بولسۇن .شۇ  نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ،»يۈكسەك بولسا ئىرادە،يولدا،يولدا قالماس پىيادە «،»يولدىن ئازماڭ،خاندىن قورقماڭ».
دۇنيادا ﮬەر قانداق نەرسىنىڭ مۇتلەق سىزگە تەئەللۇق بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ،پەقەت ئۆزىڭىزدىكى ﮬەقىقىي قابىلىيەت بۇنىڭ سىرتىدا .ئاقىل ئادەملەردىن بولغىڭىز بولسا ئېنىق بىر قارارغا كېلىپ ،ئۆزىڭىزنىڭ تەقدىرىنى كونتورۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ ،كەڭ قورساق بولۇڭ .»ئۆلۇك دۇئاغا تويماس،تىرىك دۇنياغا تويماس «دېگەندەك ئادەم بەك ئاچ كۆز بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ .ئائىلىدە ﮬېسسىياتقا ئەمەس ،ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىڭ ،چۇنكى ئائىلىلەردە جېدەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى .

ئازاب بولسا بەخىتنىڭ ئارقا كۆرنىشى ۋە ﮬەمراﮬى .ئازاب بولمىسا بەخىتنى قەدىرلەشنى بىلمەي قالىسىز ،كىچىككىنە ئازابنى دەپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ .چۇنكى ئازاب سىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدۇ .ئازابلانسىڭىز ئىچىڭىزگە يۇتىۋەتمەي يېقىن دوستىڭىز بىلەن پاراڭلىشىڭ ،ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ،ئېغىر – بېسىق بولۇڭ .چۇنكى «ئېغىرلىق – دانالىق ،يىنىكلىك -نادانلىقتۇر «.

ئۆزىگە ئىشىنىش ئارقىلىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ . ئىستىقبالىلڭىزغا ئۇمۇد باغلاڭ ،چۇنكى «ئادەمنى ئۇمۇد ئۇچۇرىدۇ ،قۇشنى قانات ئۇچۇرىدۇ «.ئۆزىڭىزگە خاس مىجەز – خاراكتىرىڭىزدىكى سېھرى كۈچىڭىز بىلەن كىشىلەرنىڭ ﮬۆرمىتىگە ئېرىشىپ ،ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرۇڭ .سىزمۇ باشقىلارغا ئوخشاش قەلبكە ،ﮬېسسىياتقا ئىگە ئايال .شۇڭا يولدىشىڭىزغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى پات – پات ئىپادىلەپ تۇرۇڭ .سىزدە ئۆز ئىشلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلالىغۇدەك ئەقىل ،جاسارەت ۋە ئىقتىدارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-05-01 / 08:27:28

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ