ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەريالغان «ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قورال قىلغان بۇلاڭچى

يالغان «ئەيدىز ۋىرۇسى»نى قورال قىلغان بۇلاڭچى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

يېشى 30دىن ھالقىغان ۋاڭ لى يەنىلا بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا پارازىت قۇرتتەك باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش،ئوغرىلىق قىلىش،بۇلاڭچىلىق قىلىش بىلەن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى چۈنكى تۈزۈك خىزمىتى يوق،ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار ۋاڭ لى شۇنداق قىلمىسا زەھەر چېكىشك

ئۇ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندىن بېرى يۇرتمۇيۇرت كېزىپ بۇلاڭچىلىق قىلىشتىكى قورالى ئاساسلىقى پىچاق،ئوكۇل شپىرىسى ئىدى.بۇڭچىلىق تاكتىكىسى بولسا شپىرىس ئارقىلىق»ئولجا»لارغا:»مەندە ئەيدىز كېسىلى بار،پۇلنى چىقارمىساڭ شپىرىسنى سانجىۋېتىمەن،جانغا تۇرامسەن،پۇلغىمۇ؟»دەپ تەھدىت سېلىش ئىدى.بۇ خىل تاكتىكىسى بىلەن ئۇ بىر نەچچە قېتىم غەلىبە قىلدى.بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى يوغىناپ كەتتى.ئۇ بارا-بارا»نەزىرى»نى يۇقىرى قىلىپ،چەت ئەللىكلەرنىڭ پېيىگە چۈشتى.

5-ئاينىڭ2-كۈنى ئۇ ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى مەلۇم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايدىن بىر ياتاقنىڭ ئۇدۇلىدىكى2706-نومۇرلۇق ياتاققا شۇ كۈنى پاكىستاندىن تىجارەت ئۈچۈن كەلگەن جىد ئەپەندىمۇ چۈشكەنىدى.ۋاڭ لى بىرەر قۇر ئەھۋالنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن،چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا جىد ئەپەندىنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.

-كىم،نېمە ئىش؟

-خالو،مەن ئۇدۇلدىكى ياتاقتىن،ئىشىكنى ئاچقان بولسىڭىز،-دېدى ۋاڭ لى ناھايىتى سىلىق ئاھاڭدا.

جىد ئەپەندى ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلىقىرالماي ئىشىكنى ئاچتى:

-نېمە ئىشىڭىز بار؟

-مەن ئۇدۇلدىكى ياتاقتا،باتارىيە سورىماقچىدىم،-ئۇ گەپ قىلغاچ قولىدىكى تىزگىنەكنى كۆرسەتتى.

جىد ئەپەندى ئۇنىڭ دېگىنىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۇنى ياتاققا باشلىدى.جىد ئەپەندى ياتىقىدىكى تىزگىنەكنى ئېلىپ بەرمەكچى بولغان ئارىلىقتا،ۋاڭ لى يېنىدىكى پىچىقىنى چىقىرىپ جىد ئەپەندىنىڭ كېكىرتىكىگە تەڭلەپ بولدى.

-پۇل،پۇلنى چىقار،-ۋاڭ لى قەيەرلەردە ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئېغىز ئېنگلىز تىلىنى خەنزۇچىغا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى.

جىد ئەپەندى قورقۇپ كەتتىمۇ ياكى ۋاڭ لىنىڭ گېپىنى ئېنىق چۈشىنەلمىدىمۇ،ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.

-ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ،پۇلنى چىقار بولمىسا…

جىد ئەپەندى باشقا گەپ قىلماي چاي ئۈستىلىنىڭ ئاستى تەرىپىنى كۆرسەتتى.ۋاڭ لى ئۇ يەردىكى پۇلنى ئالدى ۋە باشقا جايلارنىمۇ ئاختۇرۇۋەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،جىد ئەپەندى ھوشىنى تېپىپ قوغلاپ چىقتى،لېكىن ۋاڭ لى ئاللىقاچان غايىب بولغانىدى جىد ئەپەندى دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلدى.

5-ئاينىڭ20-كۈنى ۋاڭ لى نىشانىنى شېڭخى مېھمانسارىيىغا قاراتتى.ئەپسۇس،بۇ قېتىم ئۇ ئىشىنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشتى.شۇ كۈنى ۋاڭ لى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدىكى گۇماندار دەپ قارىلىپ قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.ھازىر بۇ دېلو داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-03

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 07:59:14

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ